logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدە 45 كىشى «جىھاد» ئۈچۈن چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلاندى

image

ئەركىن

ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، قاراماي، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلىرىدە 45 كىشى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈپ «جىھاد» قا مېڭىش ۋە قاچاقچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلاردىن قاچاقچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن 18 كىشىنىڭ خەنزۇ، قالغانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، قەشقەر شەھىرىدە 8 ئۇيغۇر سوتلانغان. ئۇلاردىن 5 نەپىرى تاجىكىستان چېگراسىدا تۇتۇلۇپ قېلىپ، خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇلار 8 يىلدىن 10 يىلغىچە قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.

خوتەن شەھىرىدە 3 ئۇيغۇر 10 يىلدىن 15 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ئۈچەيلەن ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا ساختا تۈرك پاسپورت بىلەن تۇتۇلۇپ قالغان. ئۇلار رادىكال دىنىي مەزمۇنىدىكى ماتېرىياللارنى ئوقۇپ، شۇنىڭ تەسىرىدە چەتئەلگە چىقىپ جىھاد قىلىش قارارىغا كەلگەن.

قاراماي شەھىرىدە 18 خەنزۇ ئايرىم-ئايرىم 2 دېلودا باشقىلارنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشكە تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان. بىر دېلودا ۋېي خەي، چېن چياڭگو قاتارلىق ئۈن ئۈچەيلەن 305 كىشىنى قانۇنسىز ۋىيېتنامغا ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئۇلاردىن ۋېي خەي ۋە چېن چياڭگو ئىككىيلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. يەنە بىر دېلودا، 5 نەپەر قاچاقچى خەنزۇغا قاماق جازاسى بېرىلگەن. ئۇلار 2014‏-يىلى 4‏-ئايدا 21 نەپەر مۇساپىرنى ۋىيېتنامغا ئۆتكۈزۈۋاتقاندا قولغا ئېلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەلگە قاچقان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلىسىمۇ، لېكىن خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت بېسىمىدا چەتئەلگە قېچىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-weziyiti-08272015164640.html

Share
1584 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.