logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدە 2014-يىلى قولغا ئېلىنغانلار ‏بىر ھەسسە كۆپەيگەن

ff0cf68b8de05ce

ئۇيغۇر ئېلىدە 2014‏-يىلى تەپتىش دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىپ رەسمىي قولغا ئېلىنغان ئادەم 2013‏-يىلغا قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپەيگەن. ئانالىزچىلار، بۇ خىتاينىڭ 2014‏-يىلى 5‏-ئايدا باشلىغان «تېررورلۇق» قا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نىشان ئىبراھىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى 2014‏-يىلى جىنايى گۇمان بىلەن 27164 ئادەمنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. بۇ سان، 2013‏-يىلى قولغا قولغا ئېلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانىدىن 95% كۆپ ئىكەن.

قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بىر يىل ئىچىدە شىددەتلىك كۆپىيىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرھال دىققىتىنى قوزغىدى. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت: «بۇ، شەرقىي تۈركىستاندا باستۇرۇشنىڭ قانچىلىك شىددەتلىك كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بارلىق خەلقئارا ئەھدىنامە، قانۇن تەرتىپلەرنى قايرىپ قويۇپ باستۇرماقتا ئىكەن.

نىشان ئىبراھىم پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا، «بىز تېررورلۇققا ئالاقىدار زور دېلولاردا قولغا ئېلىش بىلەن جازالاش ۋاقتىنى قىسقارتتۇق. ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز سوتلاپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى قەتئىيلىكىمىزنى ئىسپاتلىدۇق» دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-tutqun-01232015164000.html

Share
1417 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.