logo

trugen jacn
16 دېكابىر 2015

ئۇيغۇر ئېلىدە پارىخورلۇققا زەربە بېرىش يېزا كادىرلىرىنى نىشان قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا

 

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2014 – يىل 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 2015 يىل 10 ئايغىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش جازاسى» بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى 1200 گە يەتكەن.

خىتاينىڭ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېزا، كەنت كادىرلىرىغا چېتىشلىق دېلولار 1197، بىر تەرەپ قىلىنغان يېزا كادىرلىرى 1203 نەپەرگە يەتكەن.

خەۋەردە يەنە بۇ يېزا كادىرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەبلىك جازالانغانلىقى، بۇلارنىڭ زور ئىقتىسادىي جىنايىتى بولمىسىمۇ، ئوخشاشلا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «پارىخورلۇققا زەربە بېرىشتە يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ يول قويماسلىق» تەشەببۇسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ھالبۇكى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى 1 – ئورۇنغا قويغانلىقى ئۈچۈن، رايوندىكى يۇقىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇش ئېھتىماللىقى بارلىقى، شۇڭا رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتالمىش پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە پەقەت ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زەربە نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكنى تەكىتلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/yeza-parixorluq-12152015204707.html

Share
1254 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.