logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان 10 مىلياردېر ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر يوق

2886

15‏-ئۆكتەبىر، خىتاي بايلىق باھالاش ئورگانلىرى 2015‏- يىللىق خىتايدىكى مىليارد دوللارلىق 100 چوڭ باينىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىدىن 10 كىشى خىتايدىكى مىليارد دوللارلىق بايلار تىزىملىكىگە كىرگەن. بىراق بۇ 10كىشىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ يوقلۇقى دىققەت قوزغىدى.

مەزكۇر تىزىملىك مۇتەخەسسىسلەر، پائالىيەتچىلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇقىمسىزلىقنى سىياسىي ھوقۇق ۋە بايلىق تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، بارلىق كۈچنى خەنزۇلار مونوپول قىلىۋېلىشتەك ئەھۋال كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نوقۇل خەنزۇلارنى يۆلەشتەك بۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەتكە خاتىمە بېرىشنى چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

خۇرۈن تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى سۈن گۇاڭشىن 45 مىليارد يۈەنلىك بايلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەڭ چوڭ باي، خىتايدىكى 100 چوڭ باي ئىچىدە 25 ‏-ئورۇننى ئىگىلىگەن.

قالغان 9 نەپەر كۆچمەن خىتاي باي ئىچىدە خۇڭلىڭ گۇرۇھىدىكى مى ئېنخۇا، مېيكې گۇرۇھىدىكى فېڭ دوڭمىڭ، جاۋچى ھەسسىدارلىق گۇرۇھىدىكى گۇ ۋېي قاتارلىق 5 نەپەر باي بۇ يىل داۋاملىق تىزىملىككە كىرىش بىلەن بىرگە، يەنە 4 نەپەر يېڭى كۆچمەن باي تىزىملىككە كىرگەن.

Share
2137 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.