ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
15-ئۆكتەبىر، خىتاي بايلىق باھالاش ئورگانلىرى 2015- يىللىق خىتايدىكى مىليارد دوللارلىق 100 چوڭ باينىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىدىن 10 كىشى خىتايدىكى مىليارد دوللارلىق بايلار تىزىملىكىگە كىرگەن. بىراق بۇ 10كىشىنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ يوقلۇقى دىققەت قوزغىدى.
مەزكۇر تىزىملىك مۇتەخەسسىسلەر، پائالىيەتچىلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئىلىدىكى مۇقىمسىزلىقنى سىياسىي ھوقۇق ۋە بايلىق تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، بارلىق كۈچنى خەنزۇلار مونوپول قىلىۋېلىشتەك ئەھۋال كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى نوقۇل خەنزۇلارنى يۆلەشتەك بۇنداق بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەتكە خاتىمە بېرىشنى چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.
خۇرۈن تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گۇاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى سۈن گۇاڭشىن 45 مىليارد يۈەنلىك بايلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەڭ چوڭ باي، خىتايدىكى 100 چوڭ باي ئىچىدە 25 -ئورۇننى ئىگىلىگەن.
قالغان 9 نەپەر كۆچمەن خىتاي باي ئىچىدە خۇڭلىڭ گۇرۇھىدىكى مى ئېنخۇا، مېيكې گۇرۇھىدىكى فېڭ دوڭمىڭ، جاۋچى ھەسسىدارلىق گۇرۇھىدىكى گۇ ۋېي قاتارلىق 5 نەپەر باي بۇ يىل داۋاملىق تىزىملىككە كىرىش بىلەن بىرگە، يەنە 4 نەپەر يېڭى كۆچمەن باي تىزىملىككە كىرگەن.
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER