logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەمگەك كۈچى يۆتكەش دولقۇنى يەنە داۋام قىلماقتا

d3d782fd-4052-4442-a73c-b91f99087d0c

قۇتلان

2014-u1107-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3 – نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ناھىيەلەردىن تەشكىللەنگەن 489 نەپەر ياش قىز – يىگىت گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە قاراپ يولغا چىققان.

17 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان بۇ ياش قىز – يىگىتلەر قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ يېزا – كەنتلىرىدىن يىغىۋېلىنىپ، كوللېكتىپ ھالدا پويىز بىلەن يولغا سېلىنغان. ئۇلار پىلان بويىچە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ، خۇيجۇ، فوشەن ۋە دۇڭگۇەن قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم يولغا سېلىنغان 500 نەپەرگە يېقىن قىز – يىگىت ئىچىدە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ يېزا – كەنتلىرىدىن كەلگەنلەر ئەڭ كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بۇلۇڭكۆل يېزىسىدىن كەلگەن 50 نەپەر قىرغىز قىز – يىگىتىمۇ بار ئىكەن

پويىز كۈتۈش زالىدا خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسىدىن كەلگەن رىزۋانگۈل يۈسۈپنى زىيارەت قىلغان. رىزۋانگۈل چالا ئۆگەنگەن خىتاي تىلى بىلەن سەپەرداشلىرىنىڭ ئەنسىرەش ۋە دىلىغۇللۇق كەيپىياتىنى بايان قىلغان

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال كوناشەھەر ناھىيەدە مەخسۇس «ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش خىزمەت ئىشخانىسى» ناملىق ئىشخانىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ مېڭىلغان ئەمگەك كۈچىلىرىنىڭ چەت يېزا – كەنتلەردىن يىغىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

بىز بۇ قېتىم گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە ئېلىپ مېڭىلغان ياش قىز – يىگىتلەرنىڭ ئوپال يېزىسىدىن كۆپ ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن ئوپال ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال سۈرۈشتۈردۇق. ساقچىخانا باشلىقى يېزا تەۋەسىدىن سىرتقا يۆتكەپ ماڭغان ئەمگەك كۈچىلىرىنىڭ سانى ھەققىدە ئۇچۇر بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفوننى قويىۋەتتى

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ئىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەمكارلىق پىلانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. كەلگۈسىدىكى بىرقانچە يىل ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان ئۇيغۇر ياش ئەمگەكچىلىرىنىڭ سانى داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن. ئۇلارنىڭ بالا – چاقىلىرى شۇ جايدىكى زاۋۇتلارنىڭ يەسلىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، خىتاي بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تەربىيەلىنىدىكەن

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى «ئەمگەك كۈچى» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا قارىماي بۇندىن ئون يىل ئىلگىرى باشلانغان. 2009 – يىلى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شاۋگۇەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنى كوللېكتىپ دۇمبالاش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى شۇ يىلىدىكى «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە پىلتە بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە «ئەمگەك كۈچى» يۆتكەش دولقۇنى نىسبەتەن پەسكۇيغا چۈشكەن

بۇ يىل 23 – مايدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى قوزغىغاندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى تارقاقلاشتۇرۇپ، خىتايلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشتۇرۇش پىلانىنى كۈنتەرتىپكە قويغان. بۇنىڭ بىلەن دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن «ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى قايتىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە باشلىغان. ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، دائىرىلەر يوقىرى مائاش، ئالاھىدە ئىمتىياز ۋە 3 بالىلىق بولۇش شەرتى بىلەن مىڭلىغان خىتايلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشقا چاقىرىق قىلغان

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى كەلگۈسىدىكى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن جەمئىي 5000 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچى يۆتكەيدىكەن. بۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسىي شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارغا 1000 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچى يۆتكەپ بولۇنغان. كۆزەتكۈچىلەر بۇنى، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ ئېرىتىپ يوقىتىش پىلانىنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشى دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-ishchilar-11072014220323.html

Share
1751 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.