logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت كادىرلىرى «قارا كۈچلەنى تازىلاش» ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانىغا ئايلانغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «قارا كۈچلەرنى تازىلاش» دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتى ئارقىلىق يەرلىك خەلق ئاممىسىنى يەنە مەسىلە پاش قىلىشقا ياكى ئۆزىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا قىستىماقتا. 

25-ئاپرېل كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى بىر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش قارا كۈچلەرنىڭ، رەزىللىككە، چىرىكلىككە چېتىشلىق مەسىلىسى بارلار ۋە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ باشقىلارغا چاپان ياپقان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە مەسىلىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. 

ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەرقايسى جايلاردا يېقىندىن بۇيان بۇ ئاتالمىش «قارا كۈچلەرنى» سۈپۈرۈپ تاشلاش ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك قوزغالغان ئىدى. ئەمما ئاقسۇ ۋىلايىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ مەخسۇس ھالدا كادىرلار ۋە دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە قارىتىلغانلىقى دىققەت قوزغىدى. 

بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا «ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلار قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قىلمىشى بىر قەدەر يېنىك بولغانلار بىر تەرەپ قىلىشتىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەندەك ئىبارىلەر قوللىنىلغان. 

دەرۋەقە، بۈگۈن «شىنجاڭ گېزىتى» دە يېڭىسار ناھىيەسى، غۇلجا ناھىيەسى ۋە ئاراتۈرك ناھىيەسى قاتارلىق 6 ناھىيەدىن 6 نەپەر دۆلەت كادىرى ئۈستىدىن «مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش» دېگەن جىنايەت بىلەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان. 

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى مىڭلىغان كىشىلەرنى لاگېرغا سولاشنى باشلاشتىن بۇرۇن كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا مۇشۇنداق «تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسىلە پاش قىلىش ھەرىكىتى» قوزغىغان ئىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-kadir-04252019154714.html
Share
1039 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.