logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» تارقاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

3379

ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشىنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن بىر قىسىم يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەخسۇس «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» تارقاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

فېيسبۇك قاتارلىق ئاممىۋى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان رەسىمدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر كىنىشكا ھاڭگىيا يېزا ئاياغ خانىقائېرىق كەنتىنىڭ مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بولۇپ، كىنىشكىدا ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى، دەپ يېزىلغان. ئۇنىڭدا كىنىشكا تارقاتقان ئورۇن ۋە ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنلارمۇ ئېنىق بەلگىلەپ بېرىلگەن. بۇنداق كىنىشكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ تارقىتىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى «رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي دىنىي پائالىيەتلىرىگىمۇ ئارىلىشىپ كەلمەكتە. دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا ھۆكۈمەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە 18 ياشقا توشىمىغان ياشلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن مەسچىت ئىچىگە كامېرا ئورنىتىش، ئىشىك ئالدىغا كادىرلارنى كۆزەتكۈچىلىككە قويۇشقا ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللانماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق چېكىدىن ئاشقان سىياسەتلەر ئارقىلىق مۇقىملىق يارىتىش خىيالىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/meschit-kinishke-12112014162828.html

Share
2001 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.