logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئەمەلدار: ئىككى يۈزلىمىلەر تېرورچىلاردىنمۇ قورقۇنچلۇق

 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىپادە بىلدۈرۈشى داۋاملاشماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى پەرھات تۇردى بۈگۈنكى باياناتىدا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى «تېرورچىلاردىنمۇ خەتەرلىك تەھدىت»، دېگەن. ئۇ، 28‏-سېنتەبىر كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ۋەدىنامىسىدە «كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك› قىلىدىغانلار ياكى ‹ئىككى يۈزلىمىچى› لەر زوراۋان تېرورچىلاردىنمۇ ھىيلىگەر، قورقۇنچلۇق، قەبىھ ۋە ساختىپەز. ئۇلارنىڭ زىيىنى، بالايىئاپىتى ۋە بۇزغۇنچىلىقى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ»، دېگەن. بۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلغان سىياسىي ۋەدىنامىلىرى ئىچىدىكى ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى ئەڭ شەپقەتسىز ھەم شىددەتلىك سۆزلەر بىلەن تەسۋىرلىگەن باياناتتۇر.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو بۇ يىل 2‏-ئايدا ئاتالمىش «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى ھەرىكەت باشلىغاندىن بېرى رايوندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي، دىنىي ئېتىقادى، مىللىي مائارىپى، مەدەنىيىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە پەرقلىق قارايدىغان مىڭلىغان يەرلىك كادىرلار، كەسپىي خادىملار ۋە زىيالىيلار جازالانغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر قانچىلىك كىشىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن جازالانغانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي قانۇنلىرىدا «ئىككى يۈزلىمىچى» دەيدىغان «جىنايەت» بولمىغاچقا دائىرىلەر، «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارغا چېرىكلىك ۋە پارىخورلۇق دېگەندەك «جىنايەت» لەرنى ئارتىپ جازالىماقتىكەن.

پەرھات تۇردى بۈگۈن «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ۋەدىنامىسىدە يەنە «ئۇستاتلىق بىلەن قىلىنغان گەپ-سۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى پەرق ئېتىش» نى، «ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى پەرق ئېتىشقا ماھىر بولۇش» نى تەلەپ قىلغان. بىراق ئۇ، قانداق گەپ-سۆزلەرنىڭ ئۇستاتلىق بىلەن قىلىنغان بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ikki-yuzlime-09282017140423.html

Share
1757 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.