logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا 5 نەپەر تور بەت ساھىبى بىلەن تور باشقۇرغۇچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم

15fd7031-7d49-44d4-a03f-69bee35e95f8

مىسرانىم تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت مارشال، ئۇ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى كورلىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، 3 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن 5 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ئۇيغۇر ئېلىدا 5 نەپەر تور بەت ساھىبى، تور يازغۇچىسى ۋە تور بەت باشقۇرغۇچىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم.

ئۇيغۇر ئېلى ۋە چەتئەللەردىكى مەنبەلەر ئارقىلىق دەلىللىشىمىزچە، تۇتقۇن قىلىنغانلار «مىسرانىم» تورىنىڭ ساھىبى ئابابەكرى مۇختەر، «مىسرانىم» تورىنىڭ كورلىدىكى تور بەت باشقۇرغۇچىسى تۇرسۇنجان مەمەت، «باغداش» تورىنىڭ ساھىبى ئەكبەرجان ئەسەت، داڭلىق تور يازغۇچى ۋە «بوزقىر» بىلوگىنىڭ ساھىبى ئومەرجان ھەسەن ھەمدە مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، ئەمما ئىسىم – شەرىپى تېخىچە دەلىللەنمىگەن يەنە بىر تور يازغۇچىسى بولۇپ 5 كىشى ئىكەن.

ئاتاقلىق تور يازغۇچىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر، ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۇش كومىتېتى 31-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
ئاتاقلىق تور يازغۇچىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر، ئۇنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۇش كومىتېتى 31-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

ھالبۇكى، رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 4 – ئاينىڭ باشلىرىدا تۇتۇپ كېتىلگەن «مىسرانىم» تورىنىڭ ساھىبى ئابابەكرى مۇختەرنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«باغداش» تورىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر سابىق تور بەت باشقۇرغۇچىسى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىقى بىلەن تور بەت ساھىبى ئەكبەرجان ئەسەتنىڭ 4 – ئاينىڭ باشلىرىدا «كوماندىروپكا» غا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىز – دېرىكىنىڭ بولمىفانلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز تۇتۇپ كېتىلگەنلىك خەۋىرى تارقالغان «مىسرانىم» تورىنىڭ كورلىدىكى تور بەت باشقۇرغۇچىسى، «مارشال» دېگەن تەخەللۇس بىلەن كۆپلىگەن ماقالە، خەۋەر ۋە زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلغان ئاكتىپ تور يازغۇچى تۇرسۇنجان مەمەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان دادىسى مەمەت قارىم ئوغلى تۇرسۇنجاننىڭ 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دا پۇقراچە كىيىنگەن 6 نەپەر خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىسى تەرىپىدىن كورلىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

مەمەت قارىم يەنە ئوغلى تۇرسۇنجاننىڭ تۇتۇلغاندىن كېيىن دەسلەپ ئاقسۇغا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئاندىن ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئوچاستىكىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئېلىپ بېرىلىپ قامالغانلىقى، 5 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدىن يەنە ئاقسۇغا يۆتكەپ كېتىلىپ، ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەمەت قارىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئوغلى تۇرسۇنجان تۇتقۇن قىلىنىپ بىر ھەپتە بولغاندا «مىسرانىم» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەرنىڭ تۇرسۇنجاننى سۈرۈشتۈرۈپ ئۆزىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى، ھالبۇكى، ئارىدىن يەنە بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئابابەكرى مۇختەرنىڭمۇ تۇتۇپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلىرىنىڭ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدىمۇ ئابابەكرى مۇختەرنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان بىر پەيتتە، ئۇنىڭ 2 ئايدىن كۆپرەك ئىز – دېرەكسىز غايىپلىقتىن كېيىن ئۆتكەن جۈمە كۈنى قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى. ئابابەكرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغانلىقىنى دەلىللىدى.

31 – ماي كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېتىدە ئاتاقلىق تور يازغۇچىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى كۆكەرتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ «پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش» سەۋەبىدىن پارتىيەدىن چىقىرىلغانلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆمەرجان ھەسەن پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ، ھەرقايسى مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان، جەمئىيەتكە زىيانلىق ئۇچۇر تارقىتىدىغان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان سالىدىغان كۆپلىگەن يازمىلارنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ پارتىيىۋىيلىكىنى يوقاتقان.»

مەمەت قارىم زىيارىتىمىز جەريانىدا ئوغلى تۇرسۇنجاننىڭ ئاقسۇغا قامىلىشىدىكى سەۋەبنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئوغلۇم تۇرسۇنجاننىڭ دېلوسى ئاقسۇدا تۇتۇلغان يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر دېلوسىغا چېتىشلىق ئىكەن، ئوغلۇم تۇرسۇنجان بوزقىر دېگەن يازغۇچىنىڭ يازمىلىرىنى مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلغان ئىكەن. ئۇلار ئوغلۇمنى ”مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش“ جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەيدىغان ئوخشايدۇ.»

مەمەت قارىم زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە ئوغلى تۇرسۇنجان، يازغۇچى ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر ۋە مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان يەنە بىر تور يازغۇچىسى بولۇپ، 3 كىشىنىڭ بىر دېلوغا چېتىلىپ تۇتۇلغانلىقىنى، ھازىر بۇ 3 نەپەر گۇماندارنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەركىزىي تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇتۇپ تۇرۇلۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tor-bet-sahibliri-06132016213905.html

Share
1732 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.