logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا 2015-يىل 1-2-ئايلاردا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار

e0367b5c-b63a-4d6d-a1b8-6356b4f855b9

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

2015-يىل يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر رايونىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق ۋەقەلەرنىڭ توختىماسلىقى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ بەزىلىرى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ چاغان بايرىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرى خەۋەر بەرمىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشى بىلەن خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان 28-29- يانۋار خوتەن چىرىيە ۋە كېرىيە توقۇنۇشى، 13-فېۋرال خوتەن گۇما ئادەم بومبا ھۇجۇمى، 16-فېۋرال خوتەن قاراقاش ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، 17-فېۋرال ئاقسۇ باي ناھىيىسى ساقچىلىرىنىڭ ئۆي ئاختۇرۇشىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇش قاتارلىقلار خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى.

2014-يىلى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر رايونىدا قانلىق توقۇنۇشلار ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن يىل دەپ تەرىپلىنىپ، بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇشى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئەمما 2015-يىلى يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىنكى قىسقىغىنە ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلارنىڭ يەنىلا توختىماسلىقى ۋە بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇشى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەب بولۇشى خەلقئارانىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

2015-يىلى يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان قانلىق ۋەقەلەردىن، 12-يانۋار قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە ئالتە ئۇيغۇرنىڭ تېررورلۇق گۇمانى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى، 28- 29-يانۋار خوتەننىڭ چىرىيە ۋە كېرىيە ناھىيىلىرىدە 3 ئۇيغۇر ياشنىڭ ساقچىلارنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى، 13-فېۋرال گۇما كونا بازار ئادەم بومبا ھۇجۇمى، 16-فېۋرال قاراقاش پۇرچاقچى يېزىسىدا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى، 16-فېۋرال قەشقەر قاغىلىق ناھىيىسىدە ئاتا-بالىنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇش ۋەقەسى، 17-فېۋرال ئاقسۇ باي ناھىيىدە 17 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ياقائېرىق قانلىق توقۇنۇشى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.

12-يانۋار قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە ئالتە ئۇيغۇرنىڭ تېررورلۇق گۇمانى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورنىڭ خەۋىرىدە، ۋەقەنىڭ 12-يانۋار ئەتىگەن سائەت 10 لاردا، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىدىكى سودا رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى. ساقچىلارنىڭ پارتلاتقۇچ بومبا ئېلىپ يۈرگەنلىكى مەلۇم قىلىنغان بىرەيلەننى تۇتۇش جەريانىدا، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە پالتا كۆتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن 5 كىشىنى قوشۇپ نەق مەيداندا 6 كىشىنى ئېتىۋەتكەنلىكى تىلغا ئېلىندى، ئەمما ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىدى. رادىئومىز مۇخبىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ساقچى ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغىنىدا ساقچىلار ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بۇ ۋەقە 2015-يىلى يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىنكى تۇنجى قانلىق ۋەقە دەپ تەرىپلەندى.

28-29-يانۋار خوتەننىڭ چىرىيە ۋە كېرىيە ناھىيىلىرىدە 3 ئۇيغۇر ياشنىڭ ساقچىلارنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى

28-29-يانۋار كۈنلىرى خوتەننىڭ چىرىيە ۋە كېرىيە ناھىيىلىرىدە 3 ئۇيغۇر ياشنىڭ 3 ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە دەسلەپكى ئۇچۇر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالدى. رادىئومىز سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، 28-يانۋار خوتەن چىرىيەدە 3 ئۇيغۇر ياشنىڭ تاغدا ئۇلارنى توسۇپ تەكشۈرگەن ساقچىلاردىن بىر ئامانلىق مۇدىرى ۋە ئىككى ياردەمچى ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەنلىكى، بوستان يېزىسىغا كەلگەندە 200 دىن ئارتۇق ساقچىنىڭ قورشاۋىدا قالغان 17 ياشلىق ئۆمەر ئابدۇغېنى، 18 ياشلىق ئۆمەر مەمەتنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى، قېچىپ كەتكەن مەتسېلىم مەتكېرەمنىڭ بىر كۈندىن كېيىن خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. مەلۇم بولۇشىچە ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر 10 نەچچە كىشىنى تۇتقۇن قىلغان.

13-فېۋرال گۇما كونا بازار ئادەم بومبا ھۇجۇمى

ۋەقە گۇما كونابازارنىڭ پىيادىلەر كوچىسىدا كەچ سائەت 9 لاردا يۈز بەرگەن، نەق مەيداندا 8 ساقچى ئۆلگەن، 30 نەچچە ساقچى يارىلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2-ئاينىڭ 13-كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن بېلىگە پارتلاتقۇچ بومبا تاڭغان شۇ يەرلىك بىر ئۇيغۇر ياش بىر ساقچىنى چىڭ قۇچاقلاپ باسقان. ئەتراپتىكى باشقا ساقچىلار يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنى تۇتماقچى بولغاندا بومبا پارتلىغان. بۇنىڭ بىلەن نەق مەيداندا 8 نەپەر ساقچى ئۆلگەن، 30 نەچچە ساقچى يارىلانغان.

3 1- فېۋرال خوتەن گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، دائىرىلەرنىڭ خوتەن بىلەن قەشقەر چېگراسىدا 13 نەپەر ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

16-فېۋرال قاراقاش پۇرچاقچى يېزىسىدا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇر ياشنىڭ ئېتىۋېتىلىش ۋەقەسى

16-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى خوتەن قاراقاش ناھىيىسىدە ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 2-ئاينىڭ 16-كۈنى خوتەن قاراقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزىسى باشقۇدۇغلا كەنتىدە خىتاي ساقچىلىرىغا قارشىلىق قىلغان بىر ئۇيغۇر ئېتىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى تارقالدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 13-فېۋرال خوتەن گۇمىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى ھەققىدە خەۋەر بەرمىگىنىدەك، دۈشەنبە كۈنى قاراقاشتا يۈز بەرگەن ۋەقەنىمۇ خەۋەر قىلمىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ تەۋەلىكتە ياشايدىغان بىر ئۇيغۇر تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەن ساقچىلارغا قارشىلىق قىلىپ، پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە بۇ ئۇيغۇر خىتاي ساقچى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن.

16-فېۋرال قەشقەر قاغىلىق ناھىيىسىدە ئاتا-بالىنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلىغا ئوت قويۇش ۋەقەسى

بۇ ۋەقە 16-فېۋرال ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالدى. مەلۇم بولۇشىچە شۇ كۈنى قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كوچا چارلاۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شەرقىي تۈركىستان خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىدا، قاغىلىقتا يۈز بەرگەن ۋەقەدە چارلىغۇچى ساقچىلار ۋە خىتاي پۇقرالىرىدىن 7 سىنىڭ، بۇ ھەرىكەتنى پىلانلىغان ئۇيغۇر پىدائىيلىرىدىن 4 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەمما بۇ خەۋەر خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا تېخى دەلىللەنمىدى.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ۋەقە 16-فېۋرال كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا ناھىيىلىك 1‏-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى بىر تاللا بازىرىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 3 كىشى ئۆلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى. ۋەقەنى ياراتقۇچىلار قاغىلىقنىڭ تۆگىچى يېزىسىدىن بولۇپ، دادا ۋە ئىككى ئوغۇلدىن ئىبارەت بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەن؛ بۇلاردىن ئىككىسى نەق مەيداندا جان ئۈزگەن، بىرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، ئەمما قاغىلىق دوختۇرخانىسىدىكى بىر دوختۇر ئۆزىنىڭ شۇ كۈنى يارىلانغان ئىككى ساقچىنى تەكشۈرگەنلىكىنى، باشقا جەريان ۋە يارىدارلاردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

17-فېۋرال ئاقسۇ باي ناھىيىسىدە 17 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەچ بولغان ياقائېرىق قانلىق توقۇنۇشى

17-فېۋرال كۈنى ئاقسۇ باي ناھىيىسىنىڭ ياقائېرىق بازىرىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 17 كىشى ئۆلگەن. توقۇنۇش ساقچىلارنىڭ ئۆي تەكشۈرۈشى داۋامىدا كېلىپ چىققان.

رادىئويىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 17 فېۋرال كۈنى ئاقسۇ باي ناھىيىسى ياقائېرىق بازىرىدا تۇرغۇن بىلال باشچىلىقىدىكى پىدائىيلار گۇرۇھى بىر ئۆيگە توپلىنىپ ئولتۇرغىنىدا، ساقچىخانا باشلىقى قاسىم ئىمىن 7-8 ياردەمچى ساقچىنى باشلاپ ئۆي تەكشۈرۈشكە كىرگەندە پىدائىيلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

پىدائىيلار ئاۋۋال قاسىم ئىمىرنىڭ قولىدىكى قورالنى تارتىۋالغان، ئارقىدىن پىچاق ۋە پالتىلارنى قوللىرىغا ئېلىپ ساقچىلارنى چاناپ ۋە چېپىپ ئۆيىدىن قوغلىغان. پىدائىيلار ساقچىلارنى ئارقىسىدىن قوغلاپ ساقچىخانىغا يېقىنلاشقاندا، ساقچىخانا ئىچىدىكى رەسمىي ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن. قاسىم ئىمىر بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 4 ساقچى ئۆلگەن. ساقچىلار ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ۋەقە بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان دوختۇرخانا باشلىقى جۈمە ھەققۇلى ۋە ئۇنىڭ 16 ياشلىق قىزىنى، شۇنداقلا 4-كەنتلىك 2 دېھقاننى گۇماندارلار قاتارىدا ساناپ ئېتىۋەتكەن.

ۋەقەدە ئۆلگەن بىر رەسمىي، 3 ياردەمچى ساقچىنىڭ ئىسىملىرى : قاسىم ئىمىر (ساقچىخانا باشلىقى)، ئېلى جان، ئابدۇل قادىر، سەمەت ئەخمەت؛ ۋەقەدە ئۆلگەن 9 گۇمانداردىن 3 نەپىرىنىڭ ئىسىملىرى: تۇرغۇن بىلال، ئۆمەر مەمەت، تۇنىياز ھەسەن. ۋەقە ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بەرمىدى. ئەمما ۋەقەدىن كېيىن باي ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى 5 ئۇيغۇر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. بۇ بەش كىشىدىن ئەر-ئايال ئابلىز ئابلا ۋە ئازادەم نۇر ۋەقەدىن ئۈچ كۈن كېيىن ئەسىرگە چۈشكەن؛ مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىز ئابلا ياقېرىق يېزىسىنىڭ ئاق گۈمبەز كەنتىدە، ئازادەم نۇر ئاقسۇ شەھىرىدىكى كونا ئايروپىلانخانا دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئاھالىلەر رايونىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

ياقائېرىقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقەدىكى پىدائىيلارنىڭ بىۋاسىتە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى بولۇپ ياقئېرىق بويىچە ئاز دېگەندە يۈزگە يېقىن كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. ئاشكارىلىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ ئارىسىدا ياقائېرىقتا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن رۇستەم روزى، ئەھەت مامۇت قاتارلىقلارمۇ بار

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurda-qarshiliq-03022015154109.html

Share
1708 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.