logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا 2 مىليون 610 مىڭ كىشى نامرات كىشىلەر توپىغا كىرىدىكەن

 

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردىلا «نامرات كىشىلەر توپى» ئۆلچىمىگە توشىدىغان يەنە 2 مىليون 610 مىڭ كىشى بار بولۇپ، بۇ ئائىلىلەر يىلىغا بېرىلىدىغان 2300 سوم قۇتقۇزۇش پۇلى بىلەن ھايات كەچۈرىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەۋەرلىرىدە دائىم ئۇيغۇر ئېلىدا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئېشىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، يېزىلاردىكى نامراتلار سانىنىڭ بۇنداق زور بولۇشى دىققەت قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ رەقەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش باي قىلىش، يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ ساختىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېدى. ئۇ ئەمەلىيەتتە 60-نەچچە يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلار ئەمەس، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ باي بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلارنىڭ مىللەت تەركىبى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا نوپۇسىنىڭ ئاساسەن ئۇيغۇرلۇقىنى نەزەردە تۇتقاندا، يۇقىرىدىكى بۇ نامرات كىشىلەر توپىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىل قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/namrat-uyghur-11102016150126.html

Share
1068 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.