logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 70 مىڭ كادىر «مۇقىملىق خىزمىتى» ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن

 

 

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى ئۆتۈشى بىلەنلا ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىر «مۇقىملىق خىزمىتى» ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن.

كادىرلارنىڭ ئاتالمىش «مۇقىملىق خىزمىتى» ئۈچۈن جەنۇبتىكى يېزا-كەنتلەرگە چۈشۈرۈلۈشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى «ئەل رايىنى ئىگىلەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش پائالىيىتى» دېگەن چىرايلىق ناملار بىلەن تەشۋىق قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە جىددىيچىلىك كۆرۈلۈپ، ئارقا-ئارقىدىن قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر ئاتالمىش «مۇقىملىق» بويىچە يېڭى تەدبىرلەر ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن يىلىنىڭ مارت ئايلىرىدىن باشلاپ تۇنجى تۈركۈمدىكى 70 مىڭ كادىرنى «مۇقىملىق خىزمىتى» ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتكەن. بۇ قېتىم ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلگەن 70 مىڭدىن ئارتۇق كادىر بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى گەرچە ئۆتكەن يىلى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلگەن 70 مىڭ كادىر زور نەتىجە قازاندى دەپ داۋراڭ سالغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدا توختىماي يۈز بېرىۋاتقان قانلىق توقۇنۇشلار خىتاينىڭ ئاتالمىش «مۇقىملىق» تەدبىرلىرىنىڭ ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-muqimliq-03022015160710.html

Share
1442 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.