logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 11 كىشى «قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش» دېگەن جىنايەت بىلەن جازالاندى

 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۈگۈن يەنە 11 كىشىنى «قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقاتتى» دېگەن جىنايەت بىلەن بىر تەرەپ قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11 كىشىنىڭ 6 نەپىرى ئۇيغۇر، 1 نەپىرى قازاق، 4 نەپىرى خىتاي بولۇپ، ئۇيغۇر بىلەن قازاق ھەممىسى دېگۈدەك دىنىي ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق ۋە قانۇنسىز ۋەز ئېيتقان ۋىدىيولارنى كۆرۈش ۋە تارقىتىش جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. ئىككى نەپەر خىتاي بولسا تېررورلۇققا ئائىت ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ، خەلققە ۋەھىمە سېلىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىق سىياسەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن جازالانغان.

يۇقىرىدىكى بۇ 11 كىشى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمەت باشقۇرۇش چارىسى» دېگەنلەرگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن جازالانغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ پىكىر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەمدە دىنىي ئەركىنلىكىنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى يېقىندا بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن جازالىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ پەقەتلا خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان پىكىر قىلىش ۋە تىنچ ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە ئوخشاش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈنلا «تېررورلۇق» قا چېتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-jaza-03282017165354.html

Share
1239 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.