logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا يولۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى يېزىلغان بېلەت ئارقىلىق يول يۈرۈش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغان

Uygur cocuklari

 قۇتلان

جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇزۇن يوللۇق قاتناش شىركەتلىرى يولۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى يېزىلغان بېلەت ئارقىلىق يول يۈرۈش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر بەلگىلىمە 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس باش بېكەتلىرىدە رەسمىي ئەمەلىيلەشكەن.

مۇخبىرلار ئۈرۈمچى خۇمدانلىق-نيەنزىگودىكى يولۇچىلار باش بېكىتىدە مىڭلىغان يولۇچىلارنىڭ ئۆچىرەتتە تۇرغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يولۇچىلارنىڭ قوللىرىغا كىملىك، نوپۇس دەپتىرى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قاتارلىق ئىسپات-كىنىشكىلارنى كۆتۈرۈپ بېلەت ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشىگە ئەگىشىپ دائىرىلەرنىڭ رايوندىكى قاتناش، ئاممىۋى پائالىيەت، ئاھالىلەرنىڭ نورمال خىزمەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر چەكلىمىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە

image

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kimlik-belet-09012014140143.html

Share
1651 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.