logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىل قولغا ئېلىنغانلار ۋە قانۇنىي شىكايەتكە تارتىلغانلار بۇلتۇرقىدىن 70 نەچچە پىرسەنت ئاشقان

 

ئۇيغۇر ئېلىدا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا رەسمىي قولغا ئېلىنغانلار ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 78.6 پىرسەنت، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغانلار 73.6 پىرسەنت ئاشقان.

«خەلق تورى» قاتارلىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 17 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. 22 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم رەسمىي قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ ئەيىبلەنگەن.

لېكىن خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا، بۇ كىشىلەرنىڭ قانچە پىرسەنتى تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇققا ئالاقىدار «سىياسىي جىنايەتلەر» بىلەن، قانچە پىرسەنتى پارىخورلۇق ۋە باشقا ئىجتىمائىي جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ يىل قولغا ئېلىنغانلار ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلغانلارنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «تېررورلۇق»، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى تۇرۇش نامىدا قانات يايدۇرۇۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «بۇ رەقەم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا خەلقئارا ئۆلچەم ۋە قانۇنىي تەرتىپلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكىدىكى «دىئالوگ» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى يېقىندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان «تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى سەۋەبلىك بۇ يىل سىياسىي دېلولارنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-qanuni-08052015152325.html

Share
1319 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.