logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئۇچۇر كونتروللۇقى دىققەت قوزغىدى

de11d2d0-18db-408a-ae9e-0d6364a80183

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتتىكى سەزگۈر ئۇچۇرلارغا قاتتىق چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر ئېلان قىلغان يېڭى بەلگىلىمىدىكى جازالاش تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە زىيادە ئېغىرلىقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، تېلېفون ۋە ئىنتېرنېتتا ئاتالمىش خىتاي دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئۇچۇر تارقاتقانلارنى جازالاش تەدبىرى ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىدى.

مەلۇم بولۇشىچە دائىرىلەر دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يېڭى بەلگىلىمىدە، «مىللىي ئۆچمەنلىكنى قوزغايدىغان»، «دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان»، «دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان»، «جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان» مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى يوللىغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت چەكلىگەن تور بېكەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى تارقاتقۇچىلارغا 5000 سومدىن 30 مىڭ سومغىچە جەرىمانە قويۇلۇپ، قول تېلېفون ۋە كومپيۇتېرى مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقى، قىلمىشى ئېغىر بولغانلار قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى نامىدا يولغا قويۇلغان بۇ چەكلىمىلەر ئۆتكەن ئايدا خىتايدا دۇنيا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى يىغىنىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزكۇر يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاتالمىش شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ «تور تېررورلۇق ھەرىكىتى» گە قارشى ھەمكارلىق چاقىرىقى، ئەينى چاغدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلىرىمۇ ئۆز ئالدىغا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا قارىتا ھەر خىل قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇچۇر كونتروللۇقىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن. مەسىلەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت 3-دېكابىر تارقاتقان ئۇقتۇرۇشىدا ئاتالمىش «ئەسەبىي دىنىي ئىدىيىلەر»نىڭ سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نامىدا ئۆز تەۋەسىدىكى ناھىيە، يېزىلارغا يېڭىدىن ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن ھامۇت كۆكتۈرۈك ئەپەندى دائىرىلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئىنتېرنېت-تېلېفون چەكلىمىلىرىنىڭ مەقسىتى، ئەسلىدىنلا ئۇچۇر ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەركىن ئۇچۇر-ئالاقە ۋە سۆزلەش ئەركىنلىكىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھامۇت كۆكتۈرۈك ئەپەندى يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي قامال قىلىنغان نۆۋەتتىكى بۇرۇقتۇم ۋەزىيىتىگە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ يېقىندىن دىققەت قىلىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

دائىرىلەر 1-يانۋاردىن باشلاپ يۈرگۈزۈش قارار قىلىنغان «ئىنتېرنېت-تېلېفون ئۇچۇرلىرى چەكلىمىسى ھەققىدىكى بەلگىلىمە» چەتئەللەردىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى، ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭمۇ ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قامال قىلىش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى 4-دېكابىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى تەنقىدلىدى. دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنىڭ خىتاي بويىچە ئەڭ ئېغىر ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، يېقىندا دائىرىلەر تەرىپىدىن «توردا دۆلەتنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئۇچۇرلىرىنى تارقاتقان» دەپ ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/xitay-qanuni-12042014150036.html

Share
1490 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.