logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا «ئىشەنچسىز كىشىلەر» نىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشى چەكلىنىدۇ

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆمۈريول دائىرىلىرى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايوندىكى بىخەتەرلىك، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادى جەھەتلەردىكى ئىپادىسى «ئىشەنچسىز» دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشى چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، ئالىي سوت، ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مىنىستىرلىقى، ئاكسىيە كومىتېتى، تۆمۈريول ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلىرى ئىجتىمائىي كرىدېت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈشكە دائىر بىرلەشمە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئىجتىمائىي كرىدېتى «ئىشەنچسىز كىشىلەر» نىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشىنى چەكلەشنى بۇيرۇغان ئىدى.

«بايىنغولىن گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى 24‏-ئاپرېل مەزكۇر بەلگىلىمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بۇ يىل 1‏-مايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ مەزكۇر كرىدېت سىستېمىسى ئىلگىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ سىستېما خىتايدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈكۈم ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، يۆتكىلىش ئەركىنلىكى، تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئېغىر توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

ئۇيغۇر دىيارىدا ‏-1مايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان مەزكۇر بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، پويىز قاتنىشىنىڭ تەرىپىنى بۇزۇپ، يامان ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغان، پويىزدا تاماكا چەككەن، پويىز بېلىتىنى ئېلىپ-ساتقان، بىلەت ئالماي پويىزغا چىققان، يېرىم يولغا بىلەت ئالغان، ساختا كىملىك بىلەن ئېتىبار بېلىتى سېتىۋالغان، باج تۆلىمىگەن، قەرزىنى قايتۇرمىغان، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سۇغۇرتىسى سېتىۋالغان دېگەندەك خاھىشلارنى سادىر قىلغان پۇقرالارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشى چەكلەنگەن.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار مەزكۇر ئىجتىمائىي كرىدېت سىستېمىسىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىكەن

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ishenchisiz-kishiler-04262018172301.html

Share
1290 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.