logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئىلىدىكى رامىزانلىق چەكلىمىلەرگە قارىتا ئىنكاسلار

image

ئەكرەم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ب ب س، فرانسىيە ئاۋازى، گېرمانىيە دولقۇنلىرى قاتارلىق بىر قىسىم غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىدە خىتاينىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىدا يولغا قويغان رامىزانلىق چەكلىمىسىنىڭ يەنىلا قاتتىق بولغانلىقى، كىشىلەرنىڭ روزا تۇتماسلىق، دىنىي مۇراسىملارغا قاتناشماسلىق، ناماز ئوقۇماسلىق توغرىسىدىكى ئەھدىنامىلەرگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

فرانسىيە ئاۋازىنىڭ 19 – ئىيۇندىكى «شىنجياڭدا خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى بۇ يىلمۇ چەكلەندى» ناملىق خەۋىرىدە، گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ 18 – ئىيۇندىكى «خىتاي شىنجياڭدا رامىزاننى چەكلىدى» ناملىق خەۋىرىدە ھەمدە ب ب س نىڭ 16 – ئىيۇندىكى «خىتاي دائىرىلىرى رامىزاندىن ئىلگىرى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى» ناملىق خەۋەرلىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر ئىلىدا يولغا قويغان رامىزانلىق چەكلىمىسىنىڭ ھەر يىلقىغا ئوخشاش يەنىلا قاتتىق بولغانلىقى بايان قىلىندى. خەۋەرلەردە، كىشىلەرنىڭ روزا تۇتماسلىق، دىنىي مۇراسىملارغا قاتناشماسلىق، ناماز ئوقۇماسلىق، ئاشخانىلارنى تاقىماسلىق قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئەھدىنامىلەرگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى يىللاردىن بېرى بۇ مەسىلىگە ئىزچىل دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتماقتا. بۇ پروگراممىمىزدا ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى رامىزانلىق پائالىيەتلەرنىڭ چەكلىنىش مەسىلىسىگە قارىتا، د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا، نەشرىيات – تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجانھاجىم قاتارلىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۈق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghur-ramizan-cheklesh-06222015201449.html

Share
1999 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.