logo

trugen jacn
08 نويابىر 2014

ئۇيغۇر ئىلىدىكى بىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى 14 يىل كېسىلگەن

bc7c4a61-f731-492a-b9f2-efe2a7a3cb9d
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى «ئاغدۇرمىچىلىققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ 14 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ۋە ۋۇ كۇيمىڭنىڭ «ھوقۇق قوغداش تورى» ناملىق خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇسىغا ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاۋ خەيتوڭنى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان

خەۋەردە ئاشكارىلىشىچە، جاۋ خەيتوڭ ئىلگىرى گۇاڭدۇڭدا لوزۇنكا كۆتۈرۈپ نامايىشقا قاتناشقان. ئۇ، 2013‏-يىلى 8‏-ئايدا تۇرپاندا يوقاپ كەتكەن بولۇپ، ساقچى تەرەپ شۇ يىلى 9‏-ئايدا ئۇنىڭ «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان

لى فاڭپىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جاۋ خەيتوڭ ئۈرۈمچى ليۇداۋان تۈرمىسىدە 10 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، بۇ يىل 5‏-ئايدا سوتلانغان ۋە 14 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

20131104_5278043054734

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكەن ياكى تىنچ پائالىيەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپلا قالماي، رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغان خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىمۇ ئېغىر جازالىماقتا ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kishilik-hoquq-11072014171220.html

Share
1455 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.