logo

trugen jacn

ئۇيغۇر + ئىسلام = تىرور

 

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

 

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قۇرئاندا پەرىز قىلىنغان 5 پەرىز ئىبادىتىنى تولۇق ئادا قىلغۇچى ئۇيغۇرلار،خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن پوتانسىيەل تىرور گۇماندارى دەپ قارىلىپ كەلگەنلىكى ھىچبىرىمىزگە سىر ئەمەس

دۇككانلاردىن   كۆپىرەك سەرەڭگە ئالغان،پىچاق ئالغان،بىنزىن سەتىش بىكەتلىرىدىن كۆپىرەك بىنزىن ئالغان،10دىن ئارتۇق نان ئالغان ئۇيغۇرلارنى ،مال ساتقۇچىلارنىڭ دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەجبۇريىتى بار بولۇپ،مەلۇم قىلمىغانلار “تىرور” جىنايىتى بىلەن ئىيىپلىنىپ قولغا ئىلىنىدىغانلىقى ئاللا بورۇنلا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج.خ ئىدارسى 10.سىنتەبىر  بىر مىليون يۈۋەن مۇكاپات بىرىدىغان 13 ماددا 26 تارماققا بۆلۈنگەن“تىرور جىنايەتلىرى” تىزىملىكىدە “نىقاپ،ھىجاپ قاتارلىق دىن ئەسەبىلىكىنىڭ بەلگىسى بار كىيىم- كىچەك ۋە بۇيۇملارنى ياسىغان،تىككەن ۋە ساتقانلارنى پاش قىلغۇچىلار… بىر مىليون يۈۋەن مۇكاپاتقا ئىرىشەلەيدۇ.” دىيىلگەن

بۇ يىل 6.ئاينىڭ 25.كۈنى قەشقەر ۋە ناھىيەلىرىدە ئىچىلغان ئۇچۇق سوتتا 113 ئۇيغۇرغا ھۈكۈم ئىلان قىلىنغانلىقى شىنخۇۋا تورىدا ئىلان قىلىنغان خەۋردە “ قەشقەر شەھرىدە بىر ئۆي سايمانلىرى دۇككىنىنىڭ ئىگىسى بولغان مەمەت يۈسۈپ ئىدىرىس 5.ئاينىڭ ئاخىرىدا 2 پىچاق،2پالتا ساتقان. پىچاق،پالتىنى ئالغانلار قەشقەر خەبىڭ دوختۇرخانىسى ئالدىدا ئادەم ئۆلۈتۈرگەن… پالتا،پىچاق ساتقان دۇكان ئىگىسى مەمەت يۈسۈپ ئىدىرىسقا 10 يىللىق قاماق جازاس بىرىلدى.” دەپ يىزىلغان.گۇناسىز ئۇيغۇر دۇككاندارغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بىرىلگەنلىگىگە تۇلىمۇ ئىچىنغان ئىدىم

ئەمدى،مۇسۇلمان ئاياللار قۇرئان تەلىماتلىرىغا ئۇيغۇن بولغان كىيىملىرىمۇ “تىرور جىنايىتى” تىزىملىكىدە يەر ئىلىپلا قالماي،بىر مىليون يۇۋەن پۇكاپاتقا لايىق ئەڭ خەتەرلىك “تىرور بۇيۇملىرى” قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن

ئەرلەرنىڭ ساقىلى،ئاياللارنىڭ ياغلىقى “تىرور جىنايىتى”گە دەلىل قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر جەمىيىتىدە،بەلكى يىقىن كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى نىكاھى،ئۇيغۇر بالىلىرىنى سۈننەت قىلدۇرۇش،ئىسىم مەرىكە تويلىرى… قاتارلىق ئۆرپە-ئادەتلىرىمىزمۇ “تىرور جىنايىتى” تىزىملىكىگە ئىلىنىشى مۇمكىن.ئىسلام دىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن،خىتاينىڭ قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن “تىرور جىنايىتى” دەپ ئىلان قىلىنماقتا

سىنتەبىر 10.كۈنى بىجىڭدا ئەرەپ-خىتاي دوسلۇق يىغىنى داغدۇغۇلۇق ئىچىلىۋاتقان كۈنى،ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج.خ ئىدارىسىنىڭ ئاياللارنىڭ ھىجاپ كىيىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىيىم،بۇيۇملارنى ”تىرور جىنئايىتى“نىڭ دەلىلى قىلىپ كۆرسىتىشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ

ئىسلام دىنى يالغۇزلا شەرقى تۈركىستاندىمۇ؟پەقەتلا ئۇيغۇر مىللىتىلا ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلامدۇ؟ دۇنيادىكى بىر يىرىم مىليارت مۇسۇلمان نەدە؟ ئۇلار ئۇيغۇرلارنى قوغدىمىسا مەيلى،نىمىشكە  ئىسلام دىنىنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداش ئۈچۈن, بۇ ئىنسان قىلىپىدىن چىققان دىنىي زۇلۇملارغا قارشى ئىككى ئىغىز سۆز قىلمايدۇ؟

دۇنيادا  ئاللانىڭ مۇنۇ ئايىتىنى خاتىرلىيەلەيدىغان مۇسۇلمان يوقمۇ؟ “مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر.” (ھۇجۇرات سۈرىسى 10.ئايەت) ئەي،مۇسۇلمان-ئىسلام دۇنياسى! سىلەر خىتاي كومىنىست پارتىسى بىلەن قىرىنداشمۇ ياكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن قىرىنداشمۇ؟ دىنسىز ۋە دىن دۈشمىنى خىتاي ھاكىمىيىتى: ئۇيغۇر + ئىسلام = تىرور, دىگەن تەڭلىمىنى چىقاردى. نىمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئاۋازىڭلار چىقمايدۇ؟

مەنبە
http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-09/11/content_374394.htm
زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە ئائىت يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەر كۆپ بولغاندا 1 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ

دىن ئەسەبىيلىكىنى تەرغىب قىلىدىغان تەشۋىق بۇيۇملىرىنى ياسىغان، ساتقان، تارقاتقان، ساقلىغانلار؛ نىقاب، ھىجاب قاتارلىق دىن ئەسەبىيلىكىنىڭ بەلگىسى بار كىيىم – كېچەك ۋە بۇيۇملارنى ياسىغان، تىككەن ۋە ساتقانلار…تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىنىڭ راستلىقى دەلىللەنگەنلەرنى كۆپ بولغاندا 1 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاشنى ئېنىق بەلگىلىدى. بۇ ‹‹چارە›› 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلدى

在喀什市经营一家厨具店的被告麦麦提玉素甫·伊迪热斯被指在2014年5月 下旬

向阿布力米吉提·麦提托合提出售了两把斧头、两把菜刀.被判处有期徒刑10年

جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق يىلى ۋە 3-نۆۋەتلىك ئەرەب سەنئەت بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 10-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
http://uy.ts.cn/homepage/content/2014-09/11/content_374336.htm

Share
2596 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.