logo

trugen jacn
05 ماي 2015

ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاتتىق تالان-تاراج قىلىنماقتا

 

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ۋە بىر قىسىم كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئېغىر تالان-تاراج قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر تېببىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۇزۇندىن بۇيان مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچرىغان.

يەرلىك دائىرىلەر مەكتەپ مەمۇرىيىتى بىلەن بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر ئايلىق مائاشىدىن 30 % نى تۇتۇپ قېلىش، يىل ئاخىرىدىكى ئىمتىھان نازارەت پۇلىنى بەرمەسلىك، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ 13-ئايلىق مائاشى بىلەن ئىسسىنىش پۇلىنى قىسىپ قېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆز چۆنتىكىنى تولدۇرغان.

ئۇندىن باشقا، دائىرىلەر يەنە ئوقۇتقۇچىلارنى 8 سائەتلىك خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا مەكتەپتە تۇتۇپ قېلىپ كىچىك ئالما ئۇسۇلى ئويناشقا سېلىش، تەتىل مەزگىلىدە مەكتەپ ئامانلىقىنى قوغداشقا قويۇش قاتارلىق «مائارىپ قانۇنى» غا خىلاپ ئىشلارغا مەجبۇرلايدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-oqutquchi-05042015143830.html

Share
1913 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.