logo

trugen jacn
12 ئىيۇل 2014

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ياڭ گاڭ پارىخورلۇق بىلەن جازالاندى

131227155019_yanggang__304x171_cctv

 مېھرىبان

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 11-ئىيۇل، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى ياڭ گاڭنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىدىن چىقىرىلىپ، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.

بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن ياڭ گاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ، بۇلتۇر 27-دېكابىر خىزمىتىدىن توختىتىلغا ۋە ئۇنىڭ پارىخورلۇق قىلمىشى تەكشۈرۈلۈشكە يوللانغان.

ياڭ گاڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 41 يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن پارتكوم سېكرېتارى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

2013-يىلى 12-ئايدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ قوزغىغان پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ياڭ گاڭ دەسلەپ تەكشۈرۈلۈشكە يوللانغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ گاڭنى قوشقاندا بىر يىلدىن بۇيان خىتايدا چارە كۆرۈلگەن ئۆلكە دەرىجىلىك ئەمەلدارلار 30 دىن ئاشقان

 

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/yang-gang-07112014165037.html

Share
1457 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.