logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ قاپلاش نىسبىتى 70% كە يەتكەن

 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۈگۈن رايوندىكى «قوش تىللىق مائارىپ» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» تەربىيەسى ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 2 مىليوندىن ئاشقانلىقىنى، يەسلىلەردىكى «قوش تىللىق تەربىيە» نىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنىڭ 90% كە يېقىنلاشقانلىقىنى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ قاپلاش نىسبىتىنىڭ 70% كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىكى «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا «قوش تىللىق مائارىپ» نى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن ھەمدە «قوش تىللىق مائارىپ» نى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا شىددەت بىلەن ئومۇملاشتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلىغا كەلگەندە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە «قوش تىللىق مائارىپ» تەربىيەسى ئېلىۋاتقانلار ۋە خىتاي سىنىپلىرىدا ئارىلىشىپ ئوقۇۋاتقانلار 2 مىليون 240 مىڭدىن ئېشىپ، يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 77% نى تەشكىل قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مەزكۇر باياناتتا يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق مېلودىيەسىنىڭ داۋاملىق «قوش تىللىق مائارىپ» بولىدىغانلىقىنى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» ساھەسىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە نامدا «قوش تىللىق مائارىپ» دېيىلىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان «يەككە تىللىق مائارىپ» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنى پەيدىن-پەي سىقىپ چىقىرىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qosh-til-06202016145644.html

Share
1301 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.