logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2015-يىلىنى «قاتتىق زەربە بېرىش يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكى مەلۇم

cf6ef17d-f966-4dc2-bf41-d533068b415b

قۇتلان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بۈگۈن ئۈرۈمچىدە سىياسىي-قانۇن خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، 2015-يىلىدىكى «3 قەتئىي نىشان» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا سۆز قىلىپ، 2015-يىلىنى «قاتتىق زەربە بېرىش يىلى»، «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يىلى» ۋە «ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇ يەنە، بۇ يىل 10-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پىلانلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتالمىش «ئۈچ قەتئىي نىشان» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، جاڭ چۈنشيەننىڭ بۇ ئاتالمىش «ئۈچ قەتئىي نىشان» ئى ئۇيغۇر ئېلىدا 2015-يىلىدىمۇ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە تىنچلىقنىڭ بولمايدىغانلىقىنىڭ بىر سىگنالى دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitay-besimi-02092015164144.html

Share
1513 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.