logo

trugen jacn

ئۇيغۇرنىڭ ئىللىتىدىن مىللەتنىڭ قىسمىتىگىچە

ئۇيغۇرنىڭ ئىللىتىدىن مىللەتنىڭ قىسمىتىگىچە

ئۇمۇن

بىر نەچچە ئايدىن بىرى قولۇمغا قەلىم ئالمىدىم.بۈگۈن ئابدۇۋىلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ بىر نەچچە ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن بىر نەچچە ئابزاس يازغىم كىلىپ قالدى.
90-يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىللىرىنىڭ رادىكال ئۇيغۇر مەركەزلىك تەنقىدىي مىتودىدا قاتتىق پىپەن قىلىنغان ئۇيغۇر كىملىكى ئابدۇۋەلىي ئەپەندىم بىلەن پەسكويغا چۈشكەن بولدى.
لىكىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە يىزىلغان ماقالىلىرى بىر ئاز ھىسسى ۋە رادىكال بولدى دەپ ئويلۇدۇم.ئۇيغۇرنى ئىللەتلىك دەپ تەرەپلەش بىلەن ئۇيغۇرنى پۈتۈنلەي مەۋجۇت سىستىمىنىڭ مەھسۇلى دەپ قارارلاشتۇرۋىتىش ھىسسى خۇلاسە بولىشى مومكىن.لىكىن يەنىلا بىر مىللەتنى شەخىسكە ئوخشۇتۇپ تەنقىتلەش پۈتۈنلەي ئىلمىيلىككە خىلاپ.
ئابدۇۋەلىي ئەپەندىم سىياسىي سىستىمىنىڭ ۋە ئىجدىمائىي قۇرۇلمىلارىنىڭ بىر جەمىيەتنىڭ ئومۇمىي كىلىماتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق باش قۇتۇرغان ۋە داۋاملىق قەلىم تەۋرەتكەن كىشىمىز.بىراق مەيلى ئابدۇۋەلىي ئەپەندىمگە ئوخشاش ئىللەت چۈشەنچىسىگە قارشى چىققانلار بولسۇن ياكى ئەختەم ئۆمەرگە ئوخشاش تەنقىتچىلەر بولسۇن جەمىيەت ھەققىدىكى پىكىرلىرى ھىسسى ۋە ئەدبىي تەكشىلىكتە توختىغان،ئىلمىي ۋە جەمىيەتشۇناسلىق ئۇقىملىرى بىلەن يورۇتۇش ۋە ئىجدىمائىي بىلىملەرنىڭ تەتقىقات مىتودلىرىغا ماسلىشىش كەمچىل. بۇنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاجىزلىقى دەپ ئويلايمەن.ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى ئىجدىمائىي پەن بىلىملىرى تەكشىلىكىدە ئەمەس ئەدەبىياتچى كۆزى بىلەن يورۇتۇشقا ئۇرۇنۇش مەسىلىنى ئوبىكتىپ خۇلاسىلەشكە توسالغۇ بولىدۇ دەپ قارايمەن.
مەزمۇن جەھەتتىن ئىلىپ ئىتقاندا ئابدۇۋەلىي ئەپەندىنىڭ چۈشەنچىللىرى ۋە يورۇتۇشقا تىرىشقان تىمىسى ئىنتايىن موھىم ۋە مەنتىقىلىق.چۈنكى جەمىيەتتىن ئىبارەت مۇرەككەپ سىستىمىنى بىر كىشىنىڭ خارەكتىرىنى باھالىغاندەك باھالاش ئىنتايىن ئاددى ۋە مەنتىقىسز تەپەككۈرنىڭ ئىپادىسى.
ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئوخشاش كۆپ خىل تەسىر قىلغۇچى سەۋەپ بىلەن قورشالغان جەمىيەتلەرنى بىر ياكى ئىككى ئامالنى ئاساس قىلىپ ئىزاھلاشقا تىرىشىش تازا توغرا ئەمەس.ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر نەچچە ئون مىليون نوپۇسنى بىر نەچچە خارەكتىر بىلەن تاماملاشقا ئۇرۇنۇش تىخىمۇ مەنتىقىسىزلىق.
ھۆكىمەت، يەرلىك سىياسەت،يەرشارىلىشىش،دىن،ئىجدىمائىى ئالاقە ۋاستىللىرى،تارىخى سەۋەپ،گىئوپولىتىك تەسىر،ۋەتەن سىرىتىدىكى ئىجدىمائىي قۇرۇلۇشلار،مىللى كىملىك ۋە تاشقى كۈلتۈر قاتارلىق سەۋەپلەرمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمىي جەمىيەت قۇرۇلمىسىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ.پۈتۈن سەۋەپنى مىللەتنىڭ ئۆزىدىن تىپىشقا ئۇرۇنۇش لوگىكىسىز بولۇپلا قالماي ئىنتايىن ئادالەتسىزلىكتۇر.
ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ قانداقتۇر باشقا مىللەتلەردە تىپىلمايدىغان ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىغانغا ئوخشاش ئۇيغۇرلاردىلا مەۋجۇت ئىللىتىمۇ يوق.بىز ئىنسانىيەتنىڭ بىر پارچىسى، باشقا مىللەتلەردىن پۈتۈنلەي پەرىقلىق بىر تۈر ئەمەس.شۇنۇڭ ئۈچۈن مىللىتىم بەك قۇدرەتلىك دەپ ھاياجانلىنىشقا ئوخشاش،مىللىتىم بەك ناچار دەپ قاقشاشمۇ تىتىقسىزلىق.
بىر جەمىيەتتە تۈرلۈك ئىقىم ۋە گۇرۇپلار مەۋجۇت.سىنىپ پەرقى ياكى تەبىقە پەرقى تۈپەيلى گۇرۇپلارنىڭ شەكىللەندۈرگەن قۇرۇلمىسىمۇ پەرىقلىق.ئۇيغۇردىن ئىبارەت كۆپ خىل تەسىر كۈچنىڭ ئاستىدىكى جەمىيەتتە ھۆكۈمران ياكى قالاق كۈچلەرنىڭ بىردىن بىر مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى قالاق ۋە ئىپتىدائىي جەمىيەت تىپىغا مەھكۇم قىلىشتۇر.قالاق كۈچلەرنى دۆلەت ياكى سىياسەت قۇرۇلمىسى بىلەن جەمىيەتتىن چەكلەش ۋە ئۇزاقلاشتۇرۇش زۆرۈر.لىكىن سىياسەت ۋە دۆلەت تەرىپىدىن قالاقلاشتۇرىلىۋاتقان جەمىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەت جەمىيەتنىڭ زىيالىيلار ۋە بايلارغا ياكى يۇقىرى تەبىقىدىكى مۆتىۋەرلىرىگە چۈشىدۇ.جامائەت ئەربابلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇرلارنى قالاقلاشتۇرىدىغان ھەر خىل مەزھەپ ۋە سىياسىي ئۇيۇنلاردىن جەمىيەتنى قوغداش لازىم.

تۈركىيەگە يۆتكەپ كىلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىلىمگە،پەلسەپەگە ۋە سەنئەتكە بولغان نەپرىتى دىننى سۈيئىستىمال قىلغان خۇراپاتلارنىڭ ھىيلى مىكىرلىرى بىلەن كۈچلىنىۋاتىدۇ.مەكتەپكە ئەۋەتمەيدىغان،كىچىگىدىن تارتىپلا بالىلارنىڭ كاللىسىغا قويۇق جىنسى ئايرىمىچىلىقنى پىروپاگاندا قىلىدىغان بىر قىسىم خۇراپى ئەجداتلارنىڭ نەسلى 21- ئەسىردە زەھەرلىنىش گىردابىدا.تۈركىيەدىكى جامائەت ئەرباپلىرى،يۇرۇت چوڭلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي يوللار بىلەن بۇ پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئىلىشى كىرەك.21- ئەسىردە تەركىي دۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان،مىللەتنى ۋە مىللەتنى سۆيۈشنى دىن بىلەن زىتلەشتۇرۇپ ئەرەپ مىللىيەتچىلىكىگە تەسلىم بولغان بىر تۈركۈمنىڭ بالىلارنى زەھەرلىشىگە قاراپ تۇرماسلىق لازىم.
بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق ۋەزىيەتتە تەبلىغ بىلەن غەلبە قىلىشنى چۈشەۋاتقان كىشىلەرنى ئۇيغۇتۇش يۇرۇت چوڭلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى.ئىلىم-پەننىڭ ۋە مەدەنىيلىشىشنىڭ بىر مىللەتنى قايسى ئورۇنغا ئىرىشتۇرىدىغانلىقىنى تارىخ قايتا -قايتا ئىسپاتلاپ بەردى.دۇنيانىڭ يەرشارىنى ئايلىنىپ ھەركەت قىلغىنىدەك ئوچۇق بىر پاكىتقا يۈز ئۆرۈش خائىنلىق ۋە نانكۆرلىكنىڭ ئىپادىسى.سىياسىي دىكتاتۆرلىكتىن قۇتۇلۇشنى چۈشەۋاتقان كىشىلەرنىڭ قەلبىگە،ئۆز مىللىتىمىزنىڭ قالاق ۋە قانلىق ھاۋاسىدا چۈشكۈلىشىشنى ھىس قىلغۇزۇش چوڭ بىر تىراگىدىيە.

دىندارلارنىڭ دىنى خىزمىتىنى ياخشى قىلىشى،ئىلىم-پەنگە بولغان مۇھاببىتىنى ۋە مىللەتكە بولغان سۆيگۈسىنى شەرىت قىلىدۇ.چۈنكى داڭلىق جەمىيەتشۇناسلارنىڭ دىگىنىدەك بۈگۈنكى دەۋىردە ئىلىم-پەنگە قارشى دىن ھامان مەغلۇپ بولىدۇ.مىللىي مۇھاببەتنى تۇنجۇقتۇرۇش كۈرەشلىرى دىن تونىغا ئورىنىۋالغان مۇناپىقلارنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ.
مىللىتىمىزنىڭ ئىللىتى يوق پەقەت،بىزنى قالاقلاشتۇرىدىغان مىللى روھىمىزنى شەخسى دىنى چۈشەنچىللىرىنىڭ تەشۋىقاتىغا قۇربان قىلىدىغان نانكۆرلەر مەۋجۇت.
بۇلار دىننى سۈيئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بىر مىللەتنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرشقا كۈچەيدۇ،مىللەتنى بىلىمدىن،سەنئەتتىن،پەلسەپەدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ تەپەككۈردىن مۇستەسنا ئەمىر قۇلى ئىنسانلارنى يىتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئابدۇۋەلىي ئەپەندىمگە قارشى يىزىلغان،غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئەخلاقسىزلىقىدىن شىكايەت قىلىپ،9 ياشلىق بالىنىڭ كاللىسىنى جىنسىيەت ئايرىمچىلىقنىڭ ئەخلەتلىرىگە تولدۇرۇپ ،19- ئەسىرنىڭ قالدۇقلىرىنى مەدھىيلىگەن يازمىنىمۇ ئوقۇدۇم.ئاياللارنى ئۇرۇشنى،خوتۇن ئۈستىگە خوتۇن ئىلىشنى،قۇرئان ياتلاتتىم دەپ بالىلارنى خورلاشنى،قورقۇنۇشلۇق ھىكايىلەر بىلەن بالىلارنىڭ دۇنياسىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇشنى،بالىلارغا ئۆزىگە ئوخشىمىغان كىشىلەرگە نەپرەتلىنىشنى ئۈگىتىشنى ساۋاپ ھىساپلايدىغان كىشىلەرنىڭ، بالىلارنى مۇھاببەتكە،ياخشىلىققا، ئەركىنلىككە، جىنسىيەت باراۋەرلىكىگە،بىلىمگە ۋە سەنئەتكە خۇشتار ياشلارنى يىتىشتۈرىدىغان كۈلتۈرنى ئەخلاقسىز دەپ تەرەپلىشى نىمىدىگەن كۈلكۈلۈك.
ئابدۇۋەلىي ئەپەندىنى ئاشقۇن زىيالىيلىق بىلەن ئەيىپلەش تىخىمۇ قىززىق.چۈنكى ئابدۇۋەلىي ئەپەندى خەلىققە يىقىن بولۇشنى تاللىغان، مەسىلىلەرگە مۇھاببىتى بىلەن يىقىنلىشىدىغان ئەڭ مۆتىدىل زىيالىيلارنىڭ بىرى.ئەگەر ئابدۇۋەلىي ئەپەندى ھىسياتىنى ئارلاشتۇرماي پۈتۈنلەي ئىلمىي مىتۇد بىلەن يىقىنلىشىدىغان بولسا بەزىلەرنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى جىنايەت ھىساپلىنىدۇ.بۈگۈنكىدەك دەۋىردە مىسىردا دىن ئوقىغان كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىگە ھەيران قالدىم.تاللاش يىشىغا توشمىغان بالىلارنىڭ ئائىللىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى دىن ئوقۇتىلىشىغا قاراپ ئىچىندىم. 18گە توشمىغان بالىلارغا ئاساسى مائارىپ تەربىيىسى بەرمەي ئەكسىچە دىن تەربىيىسى(قۇرئان ۋە ئەرەپچە دۇئا ياتلاش )بىرىش بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ياخشى ئەمەس.ئەگەر بالىغا دىن تەربىيىسى بىرىلىش زۆرۈر بولسا دىنلارنىڭ تارىخى كىلىپ چىقىشىنى، ئاساسى نىزامنامىللىرىنى دىگەندەك ئومۇمىي ساۋات خارەكتىرلىك دىن پەلسەپەسى ۋە دىن جەمىيەتشۇناسلىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىرىلسە بولىدۇ.مەكتەپتىن چىقىرۋىلىپ دىن ئوقۇتۇش 21 -ئەسىردە قاپقارا جىنايەت.بۇنى ئاقلاش تارىخقا قىلىنغان ھاقارەت.
ئۇيغۇرلاردا مائارىپ ۋە ئۈگۈنۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تەكىتلىگەن ۋە بۇ سەۋەپلىك كۆپ دىشۋارچىلىققا ئۇچرىغان زىيالىيمىزنىڭ نادان ۋە جاھىل بىر قىسىم گۇرۇپ تەرىپىدىن چالما كىسەك قىلىنىشى كىشىنىڭ ھەقىقەتەن ئوغىسىنى قاينىتىدۇ.
بىزدە ئىللەت بار دەپ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنى كىسەللەشتۈرۈش ناچارلىق.ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى قالاق ۋە قارا بىر گۇرۇپنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوشۇرۇشمۇ رىئاللىققا كۆز يۇمغانلىق.بىلىم ۋە سەنئەت بىلەن،تەپەككۈر ۋە ئويلاش بىلەن تەرەققىياتقا ۋە ئەركىنلىككە ئىرىشكىنى بولىدىغانلىقىنى رەت قىلغان مىللەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى تارىخى بايانلاردا ئاشكارا.

Share
1763 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.