logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار ۋە تارىم نېفىتلىكى: نېفىتلىك ئۈستىدە نامرات ياشاۋاتقان كىشىلەر

image

قۇتلان

2014-u1112-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بولغان تارىم ۋادىسىنىڭ نۆۋەتتە خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم. خىتاي تاراتقۇلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تارىم نېفىتلىكى ئىشقا كىرىشىپ ھازىرغىچە بولغان 25 يىل جەريانىدا سىرتقا ساتقان خام نېفىت زاپىسى 100 مىليون توننىدىن ئاشقان

تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە تارىم نېفىتلىكىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز مىقدارى 140 مىليارت كۇپ مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن

مەلۇم بولۇشىچە، تارىم ئويمانلىقىدىن تۇرۇبا ۋە باشقا قاتناش ۋاستىلىرى ئارقىلىق شەرققە يۆتكەپ كېتىلگەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز خىتاينىڭ 14 ئۆلكە ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىرىنى قاپلىغان. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى 80 دىن ئارتۇق چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى شەھەر ۋە 3000 دىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى سانائەت كارخانىسى تارىم نېفىتلىكىنىڭ بىۋاسىتە پايدىسىنى كۆرمەكتىكەن. ئۇندىن باشقا، خىتاينىڭ 14 ئۆلكىسىدىكى 400 مىليۇندىن ئارتۇق ئاھالە تارىم نېفىتلىكىدىن كېلىدىغان گاز ۋە يېقىلغۇغا تايىنىپ ياشىماقتىكەن

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئىقتىساد پەنلىرى مۇتەخەسسىسى پەرھات بىلگىن ئەپەندى تارىم نېفىتلىكىنىڭ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېنىرگىيە بازىسىغا ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تارىم ئويمانلىقى مەركىزىي ئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ ئويمانلىقلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 560 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. تەكلىماكان قۇملۇقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ ئومۇمىي مەيدانى 337 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقى ئادەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ

خىتاينىڭ دۆلەت زېمىن بايلىقى ۋە ئېنەرگىيە مىنىستېرلىكى ئېلان قىلغان 2013 – يىللىق دوكلاتقا قارىغاندا، تارىم ئويمانلىقىدا غايەت زور مىقداردىكى يوقىرى سۈپەتلىك نېفىت ۋە تەبئىي گاز زاپىسى ساقلانغانماقتىكەن

1988 – يىلى خىتاي نېفىتچىلىك باش شىركىتى بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىن تۇنجى نېفىت قۇدۇقىنى ئاشقاندىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى 25 يىل ئىچىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلانغان. 2013 – يىلى تارىم نېفىتلىكى ئىشلەپچىقارغان خام نېفىت 5 مىليون 900 مىڭ تونناغا، تەبئىي گاز 22 مىليارت كۇپ مېتىرغا يەتكەن

ھازىر تارىم نېفىتلىكىنىڭ قېدىرىش ۋە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش دائىرىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 5 ۋىلايەت ۋە ئوبلاستقا، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بۇرغىلاش قۇدۇقلىرى 20 نەچچە شەھەر ۋە ناھىيەگە كېڭەيگەن. تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ باش شىتابى جايلاشقان كورلا شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ يىراق مەسغۇلات نۇقتىسىنىڭ ئارىلىقى 1200 كىلومېتىردىن ئاشقان

ۋاھالەنكى، تارىم نېفىت شىركىتىنىڭ نەچچە ئون مىڭلىغان يوقىرى مائاشلىق ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلىنغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر يوق دېيەرلىك ئىكەن
uyghur-yeza-namrat-mektep-2.jpg
پەرھات بىلگىن ئەپەندى تارىمدىكى غايەت زور نېفىتلىك ئۈستىدە ياشاۋاتقان يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يېرىدىن چىققان بايلىق ۋە ئېنېرگىيەنىڭ ھالاۋىتىدىن مۇستەسنا ياشاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ خىل غەيرىي – نورمال ئىقتىسادىي تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ دۇنيانىڭ ھېچقانداق جايىدا كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارلارنىڭ رايوندىكى يەرلىك خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كەڭ – كۆلەمدە نېفىت قېزىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئېكولوگىيەلىك بۇزۇلۇش ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنىڭمۇ بىۋاسىتە زىيىنىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى

خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» زور قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ دېڭىز بويى شەھەرلىرى بىلەن ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسىمدىكى ئۆلكىلىرىنى غايەت زور ئەمەلىي مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن

نۆۋەتتە تارىم ئويمانلىقىدىن تۇرۇبا ۋە باشقا قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن شەرققە توشۇلۇۋاتقان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ جەنۇبىي خىتايدىكى جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسىغا قەدەر يېتىپ بارغانلىقى مەلۇم

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghurlar-tarim-neftliki-11122014211352.html

Share
1576 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.