logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار يەنە بىر قوللىغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەدە تونۇلغان ژۇرنالىست، يازغۇچى، تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى ۋە يېڭى شافاق گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ قوللىغۇچىسى ئاكىف ئەمرە 23-ماي كۈنى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى.  ۋاپات خەۋىرى تارقىلىشى بىلەن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، مەرھۇمنىڭ ئايالى دۇردانە ئەمرە خانىمغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى. ئاكىف 1984-يىلىدا پاكىستانغا ئېكىسكۇرسىيەگە بارغاندا پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوقۇغۇچىلار بىلەن تونۇشۇپ، ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ قالغان.  ھازىرغىچە بولغان 30 نەچچە يىللىق ژۇرنالىستلىق ھاياتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 100 پارچىدىن كۆپ  ئوبزور يازغان، تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىگەن. ئۇ، «دۇنيا بۈلتەنى» نامىدىكى تور گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى بولغان كۈندىن بېرى، گېزىتتە ئۇيغۇرلار ھەققىدە  مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان.

ئۇ، ماقالىلىرىدە داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك، ئىسلام ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشتى. تارىخىي قەشقەر شەھىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چېقىلىشقا باشلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان «قەشقەر يوق قىلىنىشتىن بۇرۇن» ماۋزۇلۇق ماقالىسى، قەشقەرنىڭ چېقىلىشقا باشلىغانلىق خەۋىرى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىلغان تۇنجى ئوبزور بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىن ئۇ،5 ‏-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ  ئارقا-ئارقىدىن بىر قانچە ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە تونۇشتۇردى. 16 ئەسىردە ئۆتكەن ئوسمانلى پادىشاھى فاتىھ سۇلتان مەمەتنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا پەرمان چىقارغانلىقى، ئوسمانلى پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىسىدا ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى تۇنجى ماقالىنى قەلەمگە ئالغان ئاكىف ئەمرە ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئوبزورلىرىدا داۋاملىق تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇرنېت تور گېزىتىنىڭ مەسئۇلى شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق رەئىسى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى مەرھۇم ئاكىف ئەمرە ئەپەندىنى 33 يىلدىن بېرى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ گېزىت ۋە تېلېۋىزىيەدە مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن زامانلاردا داۋاملىق ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئوبزور ۋە خەۋەر ئېلان قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

تونۇلغان ژۇرنالىست ئاكىف ئەمرە ئەپەندى 1984-يىلىدىن بېرى ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ پەرەز قىلىشىچە ئۇ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 100 پارچە ئەتراپىدا ماقالە ئېلان قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، مەرھۇم ئاكىف ئەمرەنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى كۈچىيىپ، مۇخبىرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى  يازمىغان چاغلاردىمۇ داۋاملىق تۈركىيىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئاكىف ئەمرە ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئوبزور ۋە خەۋەر يېزىپلا قالماستىن، 2015-يىلى تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر  ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى ئالى ئالىبېي ئوغلۇ قاتارلىق كىشىلەرنى  مەخسۇس يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىغا چاقىرىپ، ئۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم  ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، مەرھۇم ئاكىف ئەمرە ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئاكىف ئەمرەنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى تەكىتلىدى.

4 -ئاينىڭ 1- كۈنى خىتاي دائىرىلىرى ئەسەبىيلىك ۋە تېررور بىلەن كۈرەش قىلىش نامى ئاستىدا 50 ماددىلىق بەلگىلىمە ئېلان قىلغاندا، ئاكىف ئەمرە ئەپەندى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان يېڭى شافاق گېزىتىدە ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

يېڭى شافاق گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى، دۇنيا بۈلتەنى تور گېزىتىنىڭ باش تەھرىرى ئاكىف ئەمرە ئەپەندى 1957- يىلىدا تۈركىيىنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇشىنى قەيسەرىدە تاماملىغاندىن كېيىن، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىنجېنىرلىق كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇ، ھازىرغىچە 6 ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، يېڭى شافاق، دۇنيا بۈلتەنى قاتارلىق گېزىتلەردە ئوبزور يازماقتا ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/uyghur-qollighuchi-turkiye-05262017162732.html

Share
1277 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.