logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار نى بىر بىرىنى چېقىشقا رىغبەتلەندۇرۇش ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋەيران قىلىشقا يېتەرلىك تەدبىرمۇ؟

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

ئۇيغۇرلار نى بىر بىرىنى چېقىشقا رىغبەتلەندۇرۇش ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋەيران قىلىشقا يېتەرلىك تەدبىرمۇ؟

 

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان شەرقى تۇركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم يېزا مەركەزلىرىدىكى ساقچى پونكىتلىرى ئالدىدا ھەر كۈنى ئۇزۇن ئۇچىرەتلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۆچىرەتتە تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار. ئۇلار، خوشنىلىرىنى تۇغقانلىرىنى، تونۇش، بىلىشلىرىنى چېقىپ مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغان پۇلغا مۇھتاج ئۇيغۇرلار. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەرلەر، ئاياللار، ياشانغانلار بار.بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەر كۈنى ئۆچىرەتتە تۇرىدىغانلاربار، ھەپتىدە بىر، ئىككى قېتىم كېلىدىغانلارمۇ بار.ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بىرىنى تونۇيدۇ. ئامما بىر بىرىڭ يۈزىگە بەك باقمايدۇ. ساقچى پونكىتى ئالدىدا پوستتا تۇرغان خىتاي ساقچىلار، ئۆچىرەت نۆۋىتى كەلگەنلەرنىڭ كىملىكىنى ئالىدۇ ۋە كومپىيوتىردا ئىشلەملىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ساقچى پونكىتىغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىدۇ. ئىچىگە كىرگەنلەرگە يەنە بىر خىتاي ساقچى كىرىدىغان ئىشخانىنى كۆرسىتىدۇ. قارشى تەرەپتىكى كىشى كۆرۈنمەيدىغان قارا ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ. چېقىمچى ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچىنى سۇدەك بىلىدىغان خىتاي ساقچىلارنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلىيالايدۇ.ئۆزىنى كۆرەلمەيدۇ. كىرگەن كىشىنىڭ سۆزلىرى لىنتىگە ئېلىنىدۇ. چېقىمچىغا ئەسلى مۇكاپات بېرىش، بېرىلمەسلىك، قانچىلىك بېرىلىشى توغرىسىدا كېيىن قارار قىلىنسىمۇ، بىراق ھەر بىر چېقىمچىنىڭ چاقىدىغان سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، قارا ئەينەك ئاستىدىكى كىچىككىنە تۆشۈكتىن 100 يۇۋەن پۇل چىقىدۇ. ئۆچىرەتتە تۇرغانلار، پاش قىلغانلىرىنىڭ راست – يالغان بولىشىدىن قەتئىي نەزەر 100 يۇۋەن خىتاي پۇلىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىدۇ

 

چېقىمچىلىق قىلىش پەقەتلا مۇھتاج ئۇيغۇرلار بىلەن چىگرىلانمايدۇ. ئۇزائارا زىددىيىتى بولغانلارمۇ خىتاينىڭ ساقچى كۈچى ئارقىلىق شەخسى دۈشمىنىدىن ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن چېقىمچىلىق قىلىپ دۈشمىنىنى تۈرمىگە سولاتقۇزۇپ قويۇپ پۇخادىن چىقىدۇ. ئامما، ئەتىسى يا ئۆگۈنى ئۇمۇ ئوخشاش تۇرمىغا قانداق كىرىپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ھەتتا مەھەللىدە بىر ئائىلە باشقا بىر ئائىلىنىڭ قىزىنى ئىستىگەن بولسا، قىز تەرەپ قىزىنى بېرىشنى رەت قىلغان بولسا، ئوغۇل تەرەپ قىزنىڭ ئاكىسىنى ياكى ئىنىسىنى ”بۇ بالا كېچىلىرى قۇرئان ئوقۇيدۇ، باشقىلارنى ناماز ئوقۇشقا زورلايدۇ“ دىگەندەك گەپلەر بىلەن ساقچى پونكىتىغا چېقىپ قويۇپ ھەم مۇكاپات ئالىدۇ ھەم قىز ئائىلىسىگە زىيان سالغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن. قىز تەرەپمۇ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن باشقا بىر يامانراق تۆھمەت بىلەن ئوغۇلنى سولىتىۋەتكەن
ساقچىخانا ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇپ چېقىمچىلىق قىلىۋاتقانلارنى مەھەللىدىكى ھەممەيلەن بىلگەچكە، بىر دەرەخ سايىسىدا تۆت- بەش قوشنا – خولۇن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان يەرگە بىر چېقىمچى كەلدىمۇ، ھەممەيلەن تاراپ كېتىدىغان، ھەتتا جامائەت مەسچىتكە چىقمايدىغان، خوشنىلار بىر بىرىدىن گۇمانلىنىپ گەپلەشمەيدىغان، سالاملاشمايدىغان ئەھۋاللار ئومۇملىشىشقا باشلىغان. چېقىمچىلىق قىلىپ ماشىنا، موتسىكىلىت ئېلىپ باي بولۇپ كەتكەنلىكىنى نامايان قىلىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئازدۇر، كۆ پتۇر يوق ئەمەس. ئامما، ھەر ئائىلىنىڭ بىر- ئىككى باسلىسى تۇرمىغا كىرىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا چېقىمچىلارنىڭ ئارىسىدىمۇ تۈرمىدىكى ياكى يېغىۋېلىشتىكى بالىلىرىغا تاماق توشۇيدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ بارماقتا.ئەڭ ئېچىنىشلىق بۇلغىنى تۇرمىلاردا يېتىۋاتقان بالىلىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن خىتاي ساقچى باشلىقلىرىغا بېرىلگەن پارىلارنىڭ بېكارغا كېتىشى. بەزى ئائىلىلەر قويلىرىنى سېتىپ پارا بېرىدۇ،ئەمدى بالام ئازاتلىققا ئېرىشىدىغان بولدى، دەپ دۇئا قىلىشىپ ئۈمىتلىپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. يەنە پۇل ئەكەل دەيدۇ. كالىسىنى ساتىدۇ، ”بالاڭنىڭ گۇناھى ئېغىر يەنە ئەكەل، دەيدۇ. تېرىلغۇ يەرلىرىنى ساتىدۇ، ئۆيىنى ساتىدۇ. ئامما تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر بالىلار يەنىلا يوق. پارىخور خىتايلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەن كۆپلىگەن ئۇيغۇر دىھقانلار سويغان پىيازغا ئايلىنىپ قالماقتا

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ”بۆلگۈنچى، دىنى ئەسەبىي، تېرۆرىست“ لارنى پاش قىلغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايدىغانلىقى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقارغان بولسىمۇ، پاش قىلغۇچىلار كۆپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، يېزىلاردا ”نېمىنى پاش قىلىشىڭدىن قەتئىنەزەر نەخ 100 يۇۋەن پۇل ئالىسەن“ دەپ رىغبەتلەندۈرگەنلىگى ئۈچۈن، ۋىجدانسىزلار ئۇچۇن باشقىلارنى پاش قىلىش جان بېقىشتا مەخسۇس بىر كەسىپكە ئايلىنىپ قالماقتا. خىتاي ھاكىمىيىتى، بۇ ئىشنىڭ ئاشكارا بىر كەسىپ ھالىغا كېلىشىنى پۇل بىلەن رىغبەتلەندۈرمەكتە
ھازىر شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ساقچى، جاندارما قىسىملىرى بىر قەدەر راھەتلىنىپ قالدى. چۈنكى، يېزا – قىشلاقلاردا ئۇلار ئۇيغۇرلارنى كېچە – كۈندۈز نازارەت قىلمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار بىر بىرىنى كېچە – كۈندۈز نازارەت قىلىدىغان ۋەزىيەت ئاستا- ئاستا شەكىللىنىۋاتىدۇ

خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشتا شۇنچىلىك رەزىل پىلانلارنى ئىجات قىلىۋاتىدىكىن، دۇنيادا ھېچبىر مۇستەملىكىچى تارىختا خىتاي بۈگۈن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن زەھەرخەندىلىك سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ باققان ئەمەس. نادان، كوڭنى قارا، پۇلنىلا قۇتقازغۇچى دەپ قارايدىغان بىر قىسىم  ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتى، ئېسىل ئۆرپ – ئادىتى، ئالىجاناپ ئەخلاقىغا زىت ھەركەت قىلىش يولىغا ھەيدەپ مېڭىلماقتا

خىتايلار 150 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇرنىڭ كۆزى بىلەن ئۇيغۇرنى نازارەت قىلىش، ئۇيغۇرنىڭ تىلى بىلەن ئۇيغۇرنى پاش قىلىش، ئۇيغۇرنىڭ قولى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ بېشىنى ئېلىشتىن ئىبارەت مۇستەملىكە سىياسىتىنى ئىشلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر بىلەن ئۇيغۇرنى بۇنچىۋالا قورقۇتۇش، ئۇيغۇردىن ئۇيغۇرنى بۇ قەدەر يىرگىندۈرۈشنى بۇ دەرىجىدە ئۇمۇملاشتۇرالغان ئەمەس. چېقىمچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرىغان ياخشى ئۇيغۇرلارمۇ، چېقىمچىلىق بىلەن جان بېقىۋاتقان يامان ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىسمانى، ماددىي ۋە مەنىۋىي زىيانكەشلىكىدىن خالى قالغىنى يوق

قاتىل چىنچۇۋەنگۇنىڭ شەرقى تۇركىستاننى باشقۇرىۋاتقىنىغا 8.ئاينىڭ ئاخىرى دەل بىر يىل بولىدۇ. بۇ بىر يىل ئىچىدە ئۇرۇمچىدە ئولتۇراقلىشىپ تىجارەت قىلىۋاتقان 450 مىڭ ئۇيغۇر ئۆز يۇرتلىرىغا مەجبۇرى قايتۇرىۋېتىلدى. بۇ سان، خىتاينىڭ مەخپى تۇتقان رەسمى رەقەملىرىدۇر. ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقىنىغا 30 يىل بولغان، بۇ شەھەردە ئۆيى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ ”ئۈرۈمچىدە نوپۇسۇڭ يوق “ دىگەن باھانە بىلەن يۇرتىغا زورلاپ قايتۇرىۋېتىلدى. ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى بالىلىرى مەكتەپتىن چىقىرىۋەتىلدى. دۇككانلىرى تاقىۋېتىلدى. ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى نۇپۇسى 4 مىليون ( ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۈكۈمەت ئىستستىكىسىدا؛ 2000.يىلى ئۈرۈمچى نوپۇسى 2 مىليون، 2009.يىلى 3.2 مىليون ئىدى). نۇپۇسى تىز كۆپىيىۋاتقان ئۈرۈمچىدىن ئۇيغۇر مىللىتى تازىلاپ چىقىرىلماقتا. ئۈرۈمچىدىن ھەيدىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار ئۆز ئەمگىگى بىلەن جان بېقىۋاتقان، خىتاينى ۋە ئۆزلىرىنى تونۇيدىغان، دىندار، مىللەتپەرۋەر، ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى خىتايلار ياخشى بىلگەنلىگى ئۈچۈن ئەڭ قاتتىق زەربە بۇلارغا ئۇرۇلدى. بۇگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچىدىن يۇرتىغا قايتىپ بارغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئائىلىسىدىن بىر، ئىككى كىشى تۇرمىغا تۇتۇپ كېتىلمىگەنلەر يوق دىيەرلىك. سىرتتا قالغانلارمۇ نازارەت ئاستىدا. پۇلدىن، ئىشتىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلارنى پاش قىلغۇچى، نازارەت قىلغۇچىلار يەنىلا بۇ يېزىلاردىن ئۇزاقلارغا كېتىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن، نادان تۇغۇلۇپ، نادان ياشاۋاتقان بىچارە ئۇيغۇرلاردۇر

مۇشۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە نان تېپىش بەك تەس. چۈنكى، ناۋايلارنىڭ ھەممىسى يۇرتلىرىغا قوغلىۋېتىلگەن، تونۇرلىرى يىقىۋېتىلگەن بولغاچقا بازاردا نان يوق. نان ساتقان يەردە ”سەن ئىككىنى ئېلىۋالدىڭ، ماڭا نان قالمىدى“ دەپ بىر بىرى بىلەن بوغۇشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ جىدىلىنى كۆرگەن خىتايلار پىخىلداپ كۈلىشىدىكەن. مال سويۇپ ساتىدىغان ئۇيغۇر قاسساپلار بەك ئازلاپ كەتكەچكە، كۆپىنچە ئۇيغۇرلار تاللا بازىرىدىن گوش ئېلىشقا مەجبۇر. ئامما بۇ قوي،كالىلارنى كىملەرنىڭ سويغانلىغى توغرىسىدا ھېچكىم سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۈرۈمچىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تەلپۈن، كومپيوتېر، تېلىۋىزورلىرىغا جاسۇسلۇق پروگراممىسى يۈكلەنگەن بولغاچقا بەزى ئۆيلەردە ئائىلە ئەزالىرى مۇھىم پاراڭنى گەپ بىلەن ئەمەس، قول، كۆز ئىشارەتلىرى بىلەن قىلىشقا ئادەتلەنمەكتە. كوچىلاردا، ئاشخانىلاردا ئۆزئارا سۆھبەت قىلىشمۇ ئۆزلىگىدىن ئازىيىپ كەتكەن ۋەزىيەتتە. ئۈرۈمچىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلسە، قورو دەرۋازىسىدا پوستتا تۇرغان ساقچىلار تىزىملاپ كىرگۈزسىمۇ، بىنا ئىچىدە كەلگەنلەرنىڭ كىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى چاقىدىغان پىدايى ئاكتىپلار كۆپ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچنى يوق قىلىشنىڭ بارلىق ۋاستىلىرى ئىشقا سېلىنماقتا

مەشھۇر ئىنگىلىز تارىخ پەلسەپىچىسى توينبەئە(1889- 1975) دۇنيا تارىخىدا بىر مۇنچە مىللەتلەر ئۆلۈك مەدەنىيەت بىلەن تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن يۇقاپ كەتكەنلىكىنى، مەدەنىيەتنى بۇگۈنكى كۈنگىچە جانلىق تۇتۇپ گۈللەپ ياشناتقانلار گرىك، رىم، ئىسلام ۋە تۈرك مەدەنىيىتى بولغانلىغى يەكۈننى چىقىرىدۇ. ئۇيغۇرلار، قەدىمى تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇرتقىسى بولغان ئۇغۇزلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. تۈرك قوۋمى ئىچىدە تۇنجى مۇسۇلمان بولۇپ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن شەرەپلەنگەنلەر يەنە ئۇيغۇرلاردۇر.غەرب ئالىملىرى دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ تۇنجى ئىلمى دەستۇرى ”قۇتاتقۇبىلىگ“ دېگەن ئىلمى يەكۈندە ھەم پىكىر بولغان بولسا، دۇنيادا تىل لۇغىتىنىڭ تۇنجى ئۈلگىسى ”دىۋانى لۇغەت تۈرك“ ئىكەنلىگىدە ئورتاق ئىلمى خۇلاسىگە ئىگە. بىز مۇشۇ پارلاق مەدەنىيەتنىڭ داۋامى

بۇگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر مىللىتى كۆپ قېتىم ئوت قۇيۇپ كۆيدۈرىۋېتىلگەندىن كېيىنمۇ يىلتىزىدىن بىخلىنىپ كۆكلەۋاتقان ئورمانغا ئوخشايدۇ. خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاسلىمىلاسسىيە قىلىپ يوقۇتالايدىغان ئۈستۈنلۈكى يوقلىقى ئىسپاتلاندى. بېيجىڭ كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىر يېرىم مىليارد نوپۇسلۇق خىتاي داشقازىنى ئىچىدە بىر ئۇچۇم ئۇيغۇرنى نىمىشقا ئېرىتىپ تۈگىتەلمەيمىز؟ دەپ ھەددىدىن ئارتۇق چىچاڭشىپ كېتىۋاتىدۇ. خىتاي بىر تەرەپتىن ياش ئوغۇل – قىزلىرىمىزنى تۇتۇپ تۇرمىلاردا يوقىتىۋاتقان، بىر قىسمىغا كەڭ كۆلەمدە ئەيدىز يۇقتۇرىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى تۇغۇلغان بۇۋاقلىرىمىزنى خىتاي مىللىتىگە ئايلاندۇرۇش يولىدا مىسلىسىز كۆپ مەبلەغ ئاجىرتىپ، پۇلاتتەك چىڭ تۇزۇملەرنى بىكىتمەكتە. دىنىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن قىلغان زۇلۇملار كېلەچەكتە ”مۇسۇلمانلارغا خىتاي زۇلمى“ نامىدىكى بىر تارىخى مۇزېي ئېچىشقا يېتىپ ئاشىدىغان دەرىجىدە ۋەھشى ۋە يىرگىنىشلىك پاكىتلار بىلەن تولۇقلۇق. بۇلارنى ئاز دەپ، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا نەپرەت قىلدۇرىدىغان، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇردىن يىرگەندۈرىدىغان چېقىمچىلىق قىلدۇرۇش سۇيىقەستىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، ئۇيغۇر مىللىتىنى تامامەن ئۈمىتسىز تىرىك مۇردىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنىشنىڭ ئەڭ قەبىھ ۋاسىتىسىدۇر

ئۇلۇغ ئاتىلىرىمىز سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ماخمۇت قەشقىرىلەر، ئېسىل نەسلىنىڭ بۈگۈن مۇشۇ كۈنلەرگە قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان بولغىيتتى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بازار تېپىشقا باشلىغان بىر بىرىنى چېقىش كەسپىدىن قانداق قۇتۇلىمىز؟ بۇ كەسىپتىن، بۇ يىرگىنىشلىك ئىللەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىتاي ئىشخالىيىتى ئاستىدىكى مىللىي ئىززەت – نەپسىمىز ئاياق ئاستى قىلىنىدىغان مۇستەملىكە ھاياتتىن قۇتۇلىشىمىز كېرەك. بۈگۈن خىتاينىڭ تۆمۈر پەنجىسىدىن قۇتۇلىشىمىز ئاسان ئەمەس. ئامما، بىز ئۇيغۇرلار يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ شۇ ئېسىل خىسلىتىنى ئۆگىنەلىشىمىز مۇمكىن؛ يولۋاسلار توپى قانچىلىك ئاچ قالمىسۇن ئۆز نەسلىدىن بولغان يولۋاسنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ. ئاچ قالغان بۆرىلەر توپى قىش سوغۇقلىرىدا تاغلاردا ئاچلىقتىن قىرىلىپ كېتىدۇكى، بۆرە، بۆرە گۆشىنى يېمەيدۇ. بىز شۇ ۋەھشى ھايۋانلارنىڭ خۇيىنى ئۆگەنسەك ئىتتىپاقىمىز كۈچەيسە، خىتايلار بىزگە بىرئاز بولسىمۇ ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولماسمۇ؟ ”بىر بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار. سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەر. ئاللاھدىن قورقۇڭلار.” (ھۇجۇرات سۈرىسى 12. ئايەت). ئاللاھ غەيۋەت قىلىشنى قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشكە ئوخشاش يىرگىنىشلىك جىنايەت ئىكەنلىكى بىلەن بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غەيۋەت ئۆي، مەھەللىدىن ئېشىپ تور، فاسبۇكلارغىچە كېڭەيدى. ئەندى غەيۋەتتىن ئاشتۇق. بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ قېرىندىشى بولغان بىر ئۇيغۇرنى چاقىدۇ ۋە ئىش ھەققى ئۈچۈن خىتايدىن پۇل ئېلىپ، ئۇ پۇلنى خەجلەيدۇ. خىتايلار چېقىلغان ئۇيغۇرنى كاۋاپ قىلىپ يەيدۇ. چەتئەلدە، ۋەتەن ئىچىدە قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى سېتىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ۋىجدان، ئىمان، ئەخلاق يوق بولغاچقا بۇ تىجارەتنى قىلىدۇ. ئامما ئۇلار: ”ئەگەر ئۇيغۇرلار تۈگەپ كېتىپ ساتىدىغان ئۇيغۇر تاپالماي قالسام. ئۇيغۇر گۆشى يەپ ئۆگىنىپ قالغان خىتاي ئاخىرى مىنى تۇتۇپ يەپكەتمەسمۇ؟“ دەپ ئويلىمامدىغاندۇ؟ قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېگەنلەر ھېچبىر زامان جازاسىز قالمايدۇ

تۆمۈر، ئوت بىلەن بولقا ئارىسىدا تاللانغىنىغا ئوخشاش، ئۇيغۇر مىللىي روھى خىتاي مىللىي زۇلۇمى بىلەن مىللىي خائىنلارنىڭ ئاھانەتلىرى ئارىسىدا داۋاملىق تاۋلىنىپ بۈگۈنكى كۈنلەرگە كەلدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بوينىغا قۇللۇق زەنجىرى باغلانغان ئاسارەت تارىخىدىن بۇ يانقى ئۇزۇن پاجىيەلىك جەريان ئىچىدە بارلىق ئازاب- ئوقۇبەت، جەبرى – جاپانى بېشىدىن كەچۈرگەن ئۇيغۇر مىللىي روھى ھېچبىر زامان بۈگۈنكىدەك كۈچلۈك ۋە چىداملىق ھالغا كەلگەن ئەمەس. بىز، ئۆزئارا بىر-بىرىنى سېتىپ خەجلەپ جان بېقىشقا مۇھتاج ئەھۋالغا چۈشۈرۈلگەن بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرگەندە، ئۇلارغا ئەمەس، ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئۇلۇغ بىر مىللەتنى ئابىرويسىزلاشتۇرۇش ۋە ئىچىدىن چىرىتىش يولىدا ھەرقانداق رەزىل ۋاستىلەرنى تاللاشتىن نۇمۇس قىلمىغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە بولغان نەپرىتىمىز ئۇلغۇيىشى كېرەك. بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەر بىر ۋىجدانلىق ئەزالىرى ئوزلىرىنىڭ كەيپىياتىنى چۈشۈرىدىغان كۈن ئەمەس. بەلكى يېقىلغان يەردىن دەس ئۇرۇپ تارىختىكى پارلاق كۈنلىرىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ھازىرلىنىدىغان كۈندۈر. بۇ كۈنلەر بەلكى ئەتە، بەلكى ئەتىدىنمۇ يېقىن دېگەن ئىشەنچكە ئىگە بولىشىمىز لازىم. شۇڭا دەيمەنكى، ئۇيغۇرلار نى بىر بىرىنى چېقىشقا رىغبەتلەندۇرۇش، ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋەيران قىلىشقا بەكمۇ يېتەرسىز. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زەھەر بىلەن تولغان سۇيىقەستى بۇ قېتىممۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ

 

 

Share
4376 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.