logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار رامىزاندا بالا ئوغرىلىرىغا شەپقەت تىلەپ مۇراجىئەتلەر تارقاتتى

 

3398f79c-5bdd-4627-b40a-dec6eb558971

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۈندىدار، QQ ۋە مىكروبىلوگلاردا ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىگە ئائىت ياردەم تەلەپلىرى، ئادەم ئىزدەش ئۇچۇرلىرى يەنىلا كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەكتە. ئۇيغۇر ئېلى بالىلىرىنىڭ ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن ئالدىنىپ سېتىۋېتىلىشى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتلەرگە مەجبۇرلىنىشىغا قارىتا دائىرىلەر يېقىنقى يىللاردا بەلگىلىك تەدبىر قوللىنىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ سىرلىق، مۇرەككەپ بىر ئېغىر مەسىلە بولۇپ كەلمەكتە.

ئىككى يىلدىن بۇيان يەتتە يېرىم ياشلىق قىزى سۈرىيەنى ئىزدەۋاتقان ئېلنۇرنىڭ «بالا تېپىلسا بولاتتى. مېنىڭ سۈرىيەم قايتىپ كەلسە بولاتتى…» دېگەن ئازابلىق نىداسى ئۇيغۇر ئېلىنى، ھەتتا خىتاينى قاپلىدى شۇنداقلا ئىنتېرنېت ۋە ئاخباراتلار ئارقىلىق دۇنياغىمۇ ئاڭلاندى. ئەمما، ئەسقەت بىلەن ئېلنۇرنىڭ يۈرەك پارىسى سۈرىيە ھازىرغىچە تېپىلمىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سەبىيلەرنى ئىزدەش پىدائىيلار ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن بىر قىسىم پىدائىيلار رامىزان مۇناسىۋىتى شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىككى يىللىق خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلنۇرنى يوقلاپ بارغان. قەلبى بالا قايغۇسىدا پۇچىلانغان، چارچىغان، ئەمما يەنىلا ئۈمىدىنى يوقاتمىغان جەسۇر ئانا ئېلنۇر بۇ پۇرسەتتە جەمئىيەتكە ۋە بالىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلەرگە قايتا مۇراجىئەت ئېلان قىلغان، ئۇنىڭ ئۇندىداردا تارقالغان بۇ نىداسى ھازىر فېيسىبوكلاردا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ ئىنكاس قوزغىماقتا.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، كۆپىنچە ھاللاردا بالىلارنىڭ يىتىپ كېتىشى، ئاتا – ئانىلارنىڭ بىخەستەلىكى، بولۇپمۇ يېشى كېچىك، ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكەن ئۆسمۈرلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇش ياكى زوراۋانلىققا نىسبەتەن قوغدىنىش ئېڭى بولمىغانلىقتىن مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارىي ھالدا يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئالداپ كېتىلىشى يۈز بېرىدىكەن. يېقىنقى يىللاردا سەبىيلەرنىڭ يوقاپ كېتىشى ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ يۈز بېرىدىغان پاجىئەلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، شۇنداقلا يىتكەن بالىلارنىڭ تېپىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى جەمئىيەتتە تېخىمۇ ئەندىشە قوزغايدىغان بىر ئېغىر مەسىلە.

بالىسى يوقاپ كەتكەن ئاتا – ئانىلارنىڭ ئازابلىنىۋاتقانلىقىغا چىدىمىغان بىر ئۇيغۇر ياش يېقىندا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە بالا ئوغرىلىرىغا مۇراجىئەت يوللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە بالىسى يوقاپ كېتىش داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل بەختسىزلىككە دۇچار بولغان ئاتا-ئانىلار ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان دەسلەپ بالىسىنى ئىزدەۋاتقان ئاتا، ئانىلارنىڭ تەشەببۇسى، كېيىن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن يىتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئەترەتلىرى پىدائىي گۇرۇپپىلار ئارقا ‏-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ ئەزا سانىمۇ بارغانچە زورايماقتا. بولۇپمۇ ھازىر ئاتا، ئانىلارمۇ بالىسى يوقاپ كەتكەن ھامان ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە ئۇچۇر يوللاپ ياردەم سورايدىغان ھالەت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر ئومۇملۇققا ئايلانغان، بالىلارنى ئاتا، ئانىلىرىنىڭ قۇچىقىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى، دەپ بىلگەن بۇ ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەر تەرەپتىن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن يىتىپ كەتكەن بالىلار ئائىلىسىگە قايتۇرۇلماقتا ئىكەن. ئۇندىدار ۋە فېيسىبوكتا يېقىندا يۇتۇپ كېتىپ تېپىلغان بىر قىزنىڭ خەۋىرى ھەممىنى سۆيۈندۈردى.

قىزى سۈرىيەنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، قىزىنى ئىزدەشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىغان، ئىككى يىلدىن بۇيان يەنە يۈتكەنلەرنى ئىزدەپ پىدائىيلار ئەترەتلىرىدە خالىس خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئېلنۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بالىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ كېتىشى ياكى يىتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئۇلارنى تەتىل كۈنلىرىدە يالغۇز قويماسلىقنى، بۇ خىل بەختسىزلىكنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ئاتا – ئانا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/bala-yutush-06212016152500.html

Share
1345 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.