logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆمۈردىن گاز ئېلىش قۇرۇلۇشى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىماقتا

indir

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى چەكلىك سۇ مەنبەسى ۋە تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى ئىزچىل ھالدا ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىرىدۇر.

شۇ مەسىلىلەر قاتارىدا ئېدۋار ۋوڭنىڭ «نيۇيورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆمۈرچىلىكتە مۇھىتنى بۇلغاۋاتقان يەنە بىر مەسىلىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى كۆمۈرنىڭ زاپاس مىقدارى خىتاي بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ، دائىرىلەر قۇمۇل، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا كۆمۈردىن گاز چىقىرىش قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەننەرخى تولىمۇ قىممەت چۈشىدىغان بولۇپ، ئادەتتە غايەت زور مىقداردا سۇ ئىشلىتىش ئارقىلىق تاماملىنىدىكەن. بۇنىڭدا تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى كۆمۈرنى كۆيدۈرۈپ گاز ئېلىش جەريانىدا زور مىقداردا كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

گەرچە خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى، چەتئەل ئالىملىرى ۋە باشقا ئالاقىدار شەخسلەر بۇ خىل قۇرۇلۇشنى توختىتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان بولسىمۇ، دائىرىلەر بۇ خىلدىكى قۇرۇلۇشقا ئىزچىل يول قويۇپ كەلمەكتە ئىكەن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب كۆمۈرنى بىۋاسىتە يۆتكەپ كېتىشتىن كۆرە، ئۇنى شۇ يەردىلا كۆيدۈرۈپ گازغا ئايلاندۇرۇپ ئېلىپ كەتكەندە تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە بايلىقىنى توشۇپ كېتىشكە مۇمكىن بولىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلىتى مۇھىتنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/tebii-bayliq-02082017160939.html

Share
1037 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.