ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ تېلېفون ئارقىلىق ئېنىقلىشى جەريانىدا، تۇمشۇق شەھىرىدىكى دەم ئېلىشقا چىققان خىتاي سوتچى خۇاڭ يۈنمىننىڭ ئۆتكەن ھەپتە «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش ۋە مىللىي كەمسىتىش جىنايىتى سادىر قىلىش» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقى ئايدىڭلاشتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بىڭتۇەننىڭ 3-دېۋىزىيىسىگە قاراشلىق تۇمشۇق شەھەرلىك سوت مەھكىمىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان خۇاڭ يۈنمىن ئىسىملىك بۇ كىشى دەم ئېلىشقا چىققاندىن بۇيان پۇقرالارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا خالىس خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئالاقىدار ئەھۋالدىن خەۋەردىن بىرەيلەن «ئۇنى ئاۋۋال يانفونىدا سېرىق مەزمۇندىكى سىن ماتېرىيالىنى ساقلىغان، دەپ بەش كۈن تۇتۇپ تۇرغان، كېيىن ‹مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقان› دېگەن ئەيىبلەش بىلەن رەسمىي قولغا ئالدى» دېگەن. ھازىرچە ئۇنىڭ قايسى شەكىلدە «قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقى» ياكى «مىللىي كەمسىتىش» پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەنلىكى نامەلۇم ھالەتتە تۇرماقتا. يەرلىك خىتاي پۇقرالىرى بولسا، ئۇنىڭ « پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە سەت كۆرۈنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكى» نى ئالغا سۈرمەكتە
يىللاردىن بۇيان تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي پۇقرالىرىدا «مىللىي ئۆچمەنلىك» ۋە «مىللىي كەمسىتىش» خاھىشىنىڭ ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى يانۋاردا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي ئادۋوكات جاڭ خەيتاۋمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئەيىبلەش بىلەن 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/milliy-ochmenlik-03152017163633.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.