logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار دىيارىدا يانفونغا توسۇق ئاتلاش ئەپلىرىنى ئورنىتىش «2-دەرىجىلىك» تېررورلۇق جىنايىتى ھېسابلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن

8b462afb-2a64-4147-ae40-ea6c0ffeb886_w987_r1_s-768x432

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خوڭكوڭ ئاخباراتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ يانفونلارغا تور توسۇقلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشتە قوللىنىلىدىغان ئەپلەرنى ئورناتقان كىشىلەرنى «2-دەرىجىلىك تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

سانجى شەھىرىدىكى مەلۇم بىر تور ئابونتى ئىنتېرنېتقا ئېلان قىلىۋەتكەن دېلو ماتېرىيالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 13-ئۆكتەبىر كۈنى ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن «2-دەرىجىلىك تېررورلۇق ۋاسىتىسى» دەپ بېكىتىلگەن تور توسۇقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكۈچى بىرنەچچە ئەپنى توردىن چۈشۈرگەن بىر كىشى قولغا ئېلىنغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار شەخسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ كىشىنىڭ توردىن چۈشۈرگىنى تور توسۇقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتە كۆپ قوللىنىلىدىغان دائىملىق ئەپلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى نامىدا يولغا قويۇۋاتقان بىر قاتار قاتتىق قوللۇق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى يەرلىك پۇقرالار ئارىسىدا «باي-غوجاملار ئوت قويسا ھېچ ئىنساننىڭ كارى يوق، پۇقرالارنىڭ شام يېقىشىغا ھېچقاچان ئىجازەت يوق» دېگەن قوشاق شەكلىدە مەسخىرە قىلىنماقتا ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كىشىلەر يەنە دائىرىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى چارىلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى» دەپ قارىماقتا ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/terrorluq-jinayiti-10242016161931.html

Share
710 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.