logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار ب د ت بىناسى ئالدىدا : ئانا تىلىمنى يوقاتما

 

Dolqun Eysa

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 21 – فېۋرال كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى پارىژ شەھىرىدە بولغان ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (ئۇنەسكو ) بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ «ئانا تىلىمنى يوقاتما!» دەپ توۋلاشتى.

ياۋرۇپانىڭ 5 دۆلىتىدىن پارىژغا كەلگەن 400 ئەتراپىدا ئۇيغۇر «خەلقئارالىق ئۇيغۇر ئانا تىلى ھۇقۇقى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئالدىغىچە يۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلار قولىدا ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن لۇزۇنكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ھەممە بىردەك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئەركىنلىك، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك، ئانا تىلىمنى يوقاتما!» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاشتى.
images
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/ana-til-parij-02212014213658.html

Share
2967 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.