logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار ئىلھام توختىنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» كىتابىغا يۇقىرى باھا بەردى

image

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ۋە ئۇيغۇر دېموكراتىيە، قانۇن ھەرىكىتىنىڭ يول باشچىسى، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن يازغان پۈتۈن ماقالە ۋە رادىئولارغا بەرگەن باياناتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابى 5 – سىنتەبىر كۈنى تۈركىيەدە نەشردىن چىقتى.

ئىستانبۇل شىرا نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان كىتاب 304 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ كىتاب سېتىش شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان دوغان شىركەتلەر گۇرۇھى ساتىدىكەن. كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا كىتابنىڭ مەزمۇنى، نېمە مەقسەتتە يېزىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ماقالىلەر قىسمى 4 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە ئىلھام توختىنى خىتاي تۇتقۇن قىلىشتىن بۇرۇن ئەركىن ئاسيا رادىيوسىغا بەرگەن «مېنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى دېسە ئىشەنمەڭلار» سەرلەۋھىلىك باياناتىغا ئورۇن بېرىلگەن. ئارقىسىدىنلا ئۇنىڭ مۇددەتسىز تۈرمە جازاسىغا ھۈكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۆز ئائىلىسىگە ۋە خەلقىغە يازغان ۋىدا خېتىگە يەر بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككىنچى بۆلۈمىدە «ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاق نىيەتلىك بىلەن ئادىل ھەل قىلغىلى بولىدۇ» ماۋزۇلۇق ئۇزۇن بىر پارچە ماقالىسىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ماقالىنىڭ ئىچىدە ئانا تىل، ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىش مەسىلىسى قاتارلىق كىچىك تېمىلارغا ئورۇن بېرىلگەن. ئارقىدىن «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ھەقلىرىنى خىتايلار قامال قىلماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ماقالىدە خىتاي ئۆزى بەرگەن ئاپتونومىيە ھوقۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنمايۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۈچىنچى بۆلۈمدە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان تەۋسىيەلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئارقىدىن ئىلھام توختىنىڭ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتونومىيە قانۇنىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈشى كېرەك»، «مىللىتىمنىڭ غۇرۇرى ۋە شەرىپى ئۈچۈن كۈرىشىمنى داۋام قىلدۇرىمەن»، «ئۇيغۇر رايونىدا مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە تەدبىرلىرى»، «چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكى مەسىلىسى»، «دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەش مەسىلىسى»، «خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەسى، بۇنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى»، «ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى» قاتارلىق ماقالىلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

ئىلھام توختىنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى كىتابىنىڭ تۆتىنچى بۆلۈمىدە، ئىلھام توختىنىڭ خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارغا، مەسىلەن فرانسىيە رادىيوسىغا بەرگەن باياناتى، ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى ۋە ئەركىن ئاسيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان بارلىق سۆھبەتلىرى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ قويۇلغان.

كىتابنىڭ ئاخىرىقى بۆلۈمىگە يەنە شوتلاندىيەلىك مۇزىكانت ج. ھامىلتوننىڭ ئىلھام توختىغا ئاتاپ يازغان «سەن قايتقانغا قەدەر» ناملىق لىرىك ناخشىسى كىرگۈزۈلگەن.

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ كىتابدىكى ماقالىلەرنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان تەتقىقاتچى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تۈركىيە قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۈنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۈلتىتى ئوقۇتقۇچىسى ئالىمجان بۇغدا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بىر زىيالىي ئىكەنلىكىنى، بۇرۇن تۈرك جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن تونۇلغان بولسىمۇ، 2014 – يىلى تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن تېخىمۇ تونۇلغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى چوڭ – كىچىك نۇرغۇن ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تۈركىيەنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنداق بىر پەيتتە، ئىلھام توختىنىڭ ئىدىيەسىنى، ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى ۋە كۈرەشلىرىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى نەشرگە تەييارلىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارادا شۇنداقلا تۈركىيەدە تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن بۇ كىتابنىڭ زور رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىل 5 – ئايدا ئىلھام توختىنىڭ ساخاروۋ مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكىنى، بۇنداق بىر پەيتتە بۇ كىتابنى نەشر قىلدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىلھام توختى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۈنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان، بولۇپمۇ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ھەقىقىي يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىدى. ئۇ، 2014 – يىلى 1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئۈرۈمچىدە مۇددەتسىز كېسىۋېتىلگەن

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-kitab-09082015224611.html

Share
1579 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.