logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتىكى يېڭى تەدبىر رەسمىي باشلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي بېسىملارنىڭ بىر ئىپادىسى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بىرتەرەپلىمە نازارەت ۋە كونتروللۇقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىدا ئۆز ئەكسىنى تېپىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭىدىن ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى باشلىغان. ئالاقىدار ئورگانلار بولسا بۇ خىزمەتنىڭ ھازىر جىددىي ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەر تارقاتقان ھۆججەتلەرنىڭ بىرى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ تەمىنلىشى ئارقىلىق بىزگە يېتىپ كەلدى. مەزكۇر ھۆججەتنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى چىقارغان بولۇپ، 2017-يىلى 21-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئاپتوموبىل سېتىۋالغان ئۇيغۇر ۋە قازاقلار بىردەك ئالاقىدار ئورۇنلارغا بېرىپ خۇسۇسىي ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاپتوموبىلىسىنى تىزىمغا ئالدۇرالايدىكەن. بىز بۇ يېڭى ئۇقتۇرۇشنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ھەمدە نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارغىلا قارىتىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەڭرىتاغ رايونلۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق

-ۋەي، ياخشىمۇسىز! قانداق ئىشىڭىز بار ئىدى؟
-ياخشىمۇسىز! مەن بىر ئىشنى سوراپ باقاي دېگەن. ئاڭلىساق، ھازىر يېڭىدىن ماشىنا سېتىۋالغان ھەرقانداق ئۇيغۇر ئالدى بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ماشىنىنى تىزىملىتالايدىكەن. ھازىر راست مۇشۇنداق بولۇپ كەتتىمۇ؟
-ئۇنداق ئىش يوق. ھازىر بىزنىڭ سىستېمىنى يېڭىلاۋاتقان. شۇڭا بۇ مۇلازىمەتنى ھازىر بېجىرەلمەيمىز.
-ئۇنداقتا بۇ قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئەمەسمۇ؟
-بۇ يەر ئاشۇ ئىدارىنىڭ مۇلازىمەت زالى.
-ئەمىسە سىلەر قانداق مۇلازىمەتنى بېجىرىسىلەر؟
-ياق، دېمەكچى بولغىنىم بىز ماشىنىنى تىزىمغا ئالالايمىز. ئەمما ھازىر بىزنىڭ ئىدارىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىنى يېڭىلاۋاتىدۇ. شۇڭا سىز دېگەن مۇلازىمەتنى بېجىرەلمەيمىز.
-بۇ قېتىمقى سىستېما يېڭىلاش مۇشۇ يېڭى ئۇقتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟
-بۇنى ئانچە ئۇقۇپ كەتمەيدىكەنمەن.
-ماقۇل، رەھمەت ئەمىسە!
-بولىدۇ. تىزىمغا ئالغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، بۇنى قىلغىلى بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىز، ئاشۇ ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلگەن مىدۇڭ رايونىدىكى «كازىۋەن خەلققە قۇلايلىق مۇلازىمەت پونكىتى» بىلەن ئالاقىلەشتۇق ھەمدە ئۇلاردىن بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى سوراپ باقماقچى بولدۇق:

-ۋەي، ياخشىمۇسىز!
-ياخشىمۇسىز!
-نېمە ئىشىڭىز بارتى؟
-ئاڭلىساق ھازىر يېڭىدىن ماشىنا سېتىۋالغان ھەرقانداق ئۇيغۇر ئالدى بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ماشىنىنى تىزىملىتالايدىكەن. ھازىر راست مۇشۇنداق بولۇپ كەتتىمۇ؟
-قانداق ماشىنىنىڭ؟ يەرلىكنىڭمۇ ياكى باشقا جايلارنىڭ ماشىنىسىمۇ؟
-يەرلىكنىڭ.
-يەرلىكنىڭ بولسا ھازىر كازىۋەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بارىدۇ.
-ئۇنداقتا راستىنىلا ئاشۇنداق ئۇقتۇرۇش بارمۇ؟
-مېنىڭچە، سىز مۇنداق قىلىڭ. قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاشۇنداق ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولسا سىز ئالدى بىلەن شۇلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈڭ، ئاندىن بىزنىڭ مۇلازىمەت مەركىزىمىزگە كېلىپ قالغان رەسمىيەتنى بېجىرىڭ. دېمەكچى، بەزى ئىشلار ئۈچۈن چوقۇم ئاشۇ يەرگە بېرىش لازىم، يەنە بەزى ئىشلارنى بىزنىڭ مۇشۇ يەردىلا بېجىرگىلى بولىدۇ، ئەمما ھەممە ئىشنى ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ مۇشۇ مەركەزدە بېجىرىشكە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىلا بېجىرەتتۇق. ھۆججەت چۈشمىگەن ئىكەن، بۇ مۇلازىمەتنى بىزمۇ قىلىپ بېرەلمەيمىز.
-مۇنداق دەڭ. بولىدۇ، رەھمەت.
-شۇڭا سىز ئاۋۋال كازىۋەنگە بېرىڭ.

شۇنىڭ بىلەن بىز، مۇشۇ ئايال كادىرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە، مىدۇڭ رايونىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدارىلەرنىڭ بىرى بولغان كازىۋەن پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. ئىش بېجىرىۋاتقان خىزمەتچى خادىم تېلېفوننى ئېلىپ، ھازىر بۇ يېڭى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىجرا بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

-ۋەي، ياخشىمۇسىز!
-ياخشىمۇسىز! ئاڭلىساق ھازىر يېڭىدىن ماشىنا سېتىۋالغان ھەرقانداق ئۇيغۇر ياكى قازاق پۇقرا ئالدى بىلەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ماشىنىنى تىزىملىتالايدىكەن. ھازىر راست مۇشۇنداق قىلىۋاتامسىلەر؟
-ھەئە، شۇنداق قىلىۋاتىمىز. 2-نومۇرلۇق كۆزنەككە بېرىپ تەكشۈرتىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
-پەقەت ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار ئۈچۈن، دېگەن گەپنىڭ مەنىسى نېمە؟
-پەقەت شۇ شەخسنىڭ ماتېرىياللىرىنى سېلىشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈش زۆرۈرىيىتى، خالاس. كونكرېت زادى بۇنى نېمىگە ئىشلەتمەكچى، بىزنىڭمۇ خەۋىرىمىز يوق. سىز خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ، ئاشۇ كۆزنەككە بېرىپ تەكشۈرتۈۋەتسىڭىز قانداق؟
-ئەمىسە بۇ يېڭى تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۈچۈن قايسى ھۆججەتلەرنى ئېلىپ بېرىش لازىم؟
-سىز پەقەت تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپ، ھازىرلا مىدۇڭ رايونلۇق ئەترەتنىڭ 2-بىناسىغا بېرىڭ ۋە بىر تەكشۈرتۈۋېتىڭ.
-ئەمىسە، بۇ قەيەرنىڭ چۈشۈرگەن ھۆججىتى؟ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭمۇ ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭمۇ؟
-بىز پەقەت مۇشۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالدۇق. سىز مەندىن سورىسىڭىز، بىز پەقەت يۇقىرىدىن چۈشكەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز. يۇقىرىدىن بىزگە قانداق قىلىڭلار دېسە، بىز شۇنداق قىلىمىز.
-مېنىڭ چۈشەنمىگىنىم، نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار ئۈچۈنلا شۇنداق بولىدۇ؟
-ئۇنى ئۇقمايمەن. سوئالىڭىز بولسا بېرىپ تەكشۈرتۈۋېتىپ ئاندىن كېلىڭ. ھازىر بۇ كۆزنەكتە نۇرغۇن ئادەم ئۆچىرەت تۇرۇۋاتىدۇ. مەن ھازىر بەك ئالدىراش. ئەمىسە تېلېفوننى قويۇۋەتتىم، ھە.
-ماقۇل، رەھمەت

ئاخىرىدا بىز مۇشۇ قېتىملىق ھۆججەتتە ئېيتىلغان تەكشۈرۈشنى ئورۇنلىغۇچى ئورۇن بولغان مىدۇڭ رايونلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. نەتىجىدە بۇ قېتىمقى تىزىملاشنىڭ پۈتۈن ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەسىدە بولىدىغانلىقى، بۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولغانلىقى ئايدىڭلاشتى:

-ۋەي، ياخشىمۇسىز!
-ياخشىمۇسىز! مەن بىر ئىشنى سوراپ باقاي دېگەن. ھازىر بىر يېڭى ئۇقتۇرۇش چىقىپتۇ ۋە يېڭىدىن ماشىنا ئالماقچى بولغان ئۇيغۇرلار چوقۇم مىدۇڭ رايونلۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى لازىمكەن. ھازىر…
-شۇنداق. بېرىپ تەكشۈرتۈشى لازىم.
-ئۇنداقتا، بۇ ئۇقتۇرۇشتا دېگەن تەكشۈرتۈشتە نېمىنى تەكشۈرىدۇ؟
-ئۇنىڭدا شوپۇرلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرىدۇ.
-نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىلا تەكشۈرىدۇ؟
-سىز مەندىن سورىسىڭىز، مەن تېلېفوندا بۇنى سىزگە تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. بۇنى بىزگە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان بۇيرۇغان، بىز پەقەت يۇقىرىنىڭ بۇيرۇغىنىنى ئىجرا قىلىۋاتىمىز.
-ئۇنداقتا بۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىمۇ ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ؟
-يۇقىرىدىن بىزگە بۇ ھەقتە ھېچقانداق يازما ھۆججەت چۈشكىنى يوق. بىزگە پەقەت ئاغزاكى بۇيرۇق كەلدى، چوقۇم شوپۇرلارنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ تەھقىقلەيسىلەر، دەپ بۇيرۇدى. شۇڭا بىز بۇنى تولۇق ئىجرا قىلمىساق قەتئىي بولمايدۇ.
-ئەمىسە ئاشۇ يۇقىرىدىن كەلگەن ئاغزاكى بۇيرۇقنىڭ تولۇق مەزمۇنىنى دەپ بېقىڭە، ئۇنىڭدا نېمە دەپتۇ، ئاڭلاپ باقاي.
-ھەرقايسى مىللىي يولداشلار دىققىتىگە: يېڭىدىن ماشىنا ئالغان خېرىدارلارغا بولغان مۇلازىمىتىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاش، شۇنىڭدەك يېڭىدىن سىستېمىغا كىرگەن شوپۇرلار ۋە ماشىنىلارنى، شەھىرىمىزدىكى نىمكەش ماشىنىلارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش ئىشلىرىنى تېخىمۇ تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇقتۇرۇش بويىچە جەزمەن تەكشۈرۈشنى تاماملىشىڭلار لازىم“.
-بۇ ھۆججەت قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ ئىجرا بولىدۇ؟
-ئالدىنقى كۈنى سەھەر (21-ئاۋغۇست) ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.
-ئۇنداقتا بۇنىڭ ئاخىرقى سۈرۈكى قاچانغىچە؟
-بۇنىڭ ئاخىرقى سۈرۈكى يوق. بۇ ئەھۋال بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق داۋام قىلىدۇ. بىزگىمۇ بۇنىڭ ئاخىرقى سۈرۈكى ھەققىدە ئۇقتۇرمىدى.
-ئۇنداقتا بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن ئالاقىسى يوقمۇ؟
-بۇنىڭ ئاھالىلەر كومىتېتى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. بۇنى بىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگىنىمىز بولغان-ئۈرۈمچى شەھەرلىك ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى شۇنداق قىلىشنى ئۇقتۇرغان.
-ئۇنداقتا، بۇ يالغۇز سىلەرنىڭ مىدۇڭ رايونىدىلا بولامدۇ ياكى پۈتكۈل ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىجرا قىلىنامدۇ؟
-بەك تەپسىلىي بىلگىڭىز بولسا، كازىۋەن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلىپ، شۇلارنىڭ باشلىقىدىن سوراڭ. شۇ كىشى ياخشى بىلىدۇ. چۈنكى، بۇنى بىزگە شۇلار ئارقىلىق ئۇقتۇرغان. شۇڭا سىز ئۇلارنىڭ باشلىقىنى ئىزلىسىڭىز، شۇ كىشى بۇ ئىشلارنى ياخشى بىلىدۇ.

ھالبۇكى، بىز مەزكۇر خىزمەتچى خادىم ئېيتىپ بەرگەن تېلېفون نومۇرى بويىچە كۆپ قېتىم تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، تېلېفون جاۋابسىز قالدى. گەرچە تورلاردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇقتۇرۇشنىڭ چىنلىقى ۋە باشقا تەپسىلاتلىرى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، مۇشۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنى ئىجرا قىلىشنىڭ نېمىگە زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان «تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر بىلەن باغلىنىشى بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدە ئالاقىدار خادىملاردىن جاۋاب ئېلىشقا مۇمكىن بولمىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، بۇنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا باشلانغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئالغا سۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، نوقۇل ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈشلەرنىڭ كۆپىيىشى، ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتە ئامانلىق ئورنىتىشنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدىكى ۋەھىمىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تەدبىر ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى باشقا جايلارغىمۇ كېڭىيىشى تەخمىن قىلىنماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-nazaret-08232017135313.html

Share
1359 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.