logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ مەخپىي يۆتكىلىشىگە دائىر يېڭى مەلۇماتلار

 

 «قەھرىتان قىش» تورى، 2018- يىلى 27- دىكابىر

گەرچە خىتاي دائىرىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالى بىلەن ئۇلار ئۇچراۋاتقان رەزىل مۇئامىلە ۋە  ۋەھىمىلەرگە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى.

«قەھرىتان قىش» تورى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ باشقا ئۆلكىلەرگە مەخپىي يۆتكىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدى. لېكىن مۇخبىرلىرىمىز داۋاملىق بۇ ھەقتە يېڭى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالماقتا. بۇ تەپسىلاتلار خىتاي كوممۇنست پارتىيىسىنىڭ ۋاستىلىرى ۋە تۇتقۇنلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇشەققەتلەرنى تېخىمۇ روشەن يۇرۇتۇپ بەردى.

يۆتكەش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ۋە مۇرەككەپلىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار كۆزەتكۈچىلەرنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرماقتا. خىتاي ئىچكى قىسمىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك تۈرمە دائىرىلىرى بۇ خىزمەتكە چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن. يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەر ئۇيغۇرلارنى باشقا جايلارغا يۆتكىگەندىن كېيىن، يەرلىك ئەدلىيە دائىرىلىرى قارىمىدىكى تۈرمە دائىرىلىرى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئارقىدىن، تۇتقۇنلار ئالاھىدە بەلگىلەنگەن قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن يېڭى تۈرمىلەرگە ئەۋەتىلىدۇ. بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان بىر ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى تۇتقۇنلار تەڭ كېچىدە ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان پويىز ئارقىلىق تۆتكەپ كېلىنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن، ساقچىلارنىڭ پۈتكۈل سەپەر جەريانىدا گەپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان، بۇ ئارقىلىق مەھبۇسلارغا مەنزىلى ھەققىدە بىرەر ئىشارەت بىرىشتىن ساقلانغان.

ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن، تۈرمىلەردىن خىزمەتچى خادىملارنى تەييارلاش ۋە ئەسلىھەلەرنى رېمۇنت قىلىش تەلەپ قىلىنغان. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنى يۆتكەپ كېلىشكە مەسئۇل كىشىلەر ۋەزىپىسىدىن ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن كۈچەيتىش تەربىيىسى ئالىدۇ. بارلىق ئېلان تاختىلىرى ۋە بەلگىلەر يۆگەپ قويۇلىدۇ ياكى ئېلىۋېتىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق مەھبۇسلارنىڭ تۈرمە تۇرۇشلۇق جاي ھەققىدە مەلۇماتقا ئېرىشىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

ھازىرغا قەدەر، «قەھرىتان قىش» تورىنىڭ ئىگىلىشىچە، ئاز دېگەندە ئىككى نەپەر ساقچى خادىمى مەھبۇسلارنىڭ يۆتكىلىشى ھەققىدە گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىشتىن بوشىتىلغان.

يېڭى تۈرمىگە يېتىپ كىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ مۇشەققەتلىك ۋە ئازابلىق تۇرمۇشى باشلىنىدۇ. مەسىلەن، يۆتكەپ كىلىنگەن ئۇيغۇرلار بىلەن يەرلىك مەھبۇسلار ئايرىۋېتىلىدۇ. يەرلىك مەھبۇسلار ھەر كۈنى سىرتقا چىقىپ چېنىقىدۇ ۋە يېڭى ھاۋادىن نەپەس ئالالايدۇ، لېكىن ئۇيغۇلارغا بۇنداق ھوقۇق بېرىلمىگەن. ئۇلار چوقۇم كامىردا تۇرۇشى كېرەك،  ھەر بىر مەھبۇس كىچىك بىر ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرىدۇ. ھەر قېتىمدا، تۆت نەپەر تۈرمە ساقچىسى نۆۋەتلىشىپ ئۇلارنى نازارەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پاراڭلىشىشىغا ياكى ئىشارەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مەھبۇسلار تۈرمىدە ئۆلۈپ قالسا، ئالدى بىلەن شۇ يەردىكى خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىنىدۇ، ئارقىدىن ئۆلگىچىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

ھېچبىر كىشى تۇتقۇن قىلىش ۋە يۆتكەش پىلانىدىن ئامان قالمىغان. خىتاي ئىچكى قىسمىدىكى ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاتمىش ، يەتمىش ياشلاردىكى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مويسىپىت ئىچكى مۇڭغۇلنىڭ ئوردوس تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن.

كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بىر ھېكايە يۆتكەلگەندىن كېيىن ۋەھىمە ۋە ئازابقا دۇچار بولغان تۇتۇتقۇنلارنى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى تۈرمىگە ئەۋەتىلگەن بىر ئۇيغۇر تۇتقۇن بىر كولاش ماسىنىسىنىڭ يەرنى كولاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇ قورقۇپ كېتىدۇ ۋە بۇنى ئۆزىنى تىرىك كۆمۈۋېتىش ئۈچۈن قېزىلغان قەبرە دەپ قارايدۇ. بۇ خىل كۈندىلىك روھىي ئازابلار خىتاي مىقياسىدىكى مىليونلىنغا ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ نۆۋەتتىكى قىسمىتى.

http://turkistantimes.com/uy/news-9909.html

Share
1517 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.