logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ مازار تاۋابچىلىقى ھەققىدە: مۇزىكا، ئسلام ۋە چىن ھۆكۈمىتى

راچېل خاررېس ۋە راھىلە داۋۇت

ئېنگىلىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: زۇلھايات ئۆتكۈر

مازار-ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام دىنىدىكى تارىخىي ئۇلۇغ زاتلار ياكى ئەپسانىۋىي شەخسلەرنىڭ قەبرىلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ (چىننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ياشايدىغان تۈركىي مۇسۇلمانلار) ئىجتىمائىي ھاياتى جەريانىدىكى قۇرغاقچىلىق، مول-ھوسۇل ۋەئوغۇل پەرزەنت كۆرۈش قاتارلىق تىلەك -ئىستەكلىرىنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا پاناھ بولىدىغان جايىدۇر. يۈزدىن ئارتۇق بۇ خىل مازارلار ئۇيغۇر دىيارىدىكى چۆل -جەزىرە ۋە بوستانلىقلارغا جايلاشقان بولۇپ، يىلدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان مۇقەددەس جايىغا ئايلانغان. بەزى مازارلار، مەسىلەن 11-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ،ئىسلام دىنىنى بۇ رايونغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان پادىشاھ-سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنى يىلدا مىڭلىغان كىشىلەر كېلىپ زىيارەت قىلىدۇ. بۇ خىل پائالىيەتلەر داۋامىدا ئەنئەنىۋىي مۇقاملار ، داستان،قىسسە (مەدداھلىق) ۋە ناغرا سۇناي،ئۇسسۇللار ئورۇنلىنىدۇ. سوپىزىمدىكى زاھىتلىق مۇراسىمى -بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىۋىي قىسمى بولۇپ ھەم كۆڭۈل ئېچىش ھەم يوسۇن خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇيغۇرلارنىڭ مازار تاۋابىتى چىن ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسلام ئەسلىيەتچىلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ ، بۇ ماقالىدە، مۇزىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئسلامىيىتىدىكى رولى ۋە چىن ھۆكۈمىتىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىق جايلارغا بولغان كونترولى ۋە سىياسىتى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

1995-يىلى ياز پەسلى بولۇپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەر قەشقەرنىڭ يېنىدىكى تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئوردام پادىشاھ مازىرىنىڭ ئەتراپىغا توپلاشقانىدى. كەمبەغەل دېھقانلار بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلەيتتى. ئۇلار يىراق يىراقلاردىن كۇزۇپلۇق ماشىنىلارغا ئولتۇرۇپ ياكى ئىشەك ھارۋىلىرى بىلەن ۋە ياكى پىيادە يول يۈرۈپ بۇ يەرگە كەلگەنىدى. بۇ ئۈچ كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا ھاۋا ئىسسىپ 40 گىرادۇسقا چىققانىدى. ئۇلارتۈرلۈك تۈمەن تىلەكلەر بىلەن ئۇلۇغلارنى خاتىرلەش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ ،ياشانغانلار ئۇسسۇل ئوينىسا، ياشلار بىر بىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن، ئاياللار بولسا پەرزەنت تىلىمەك ئۈچۈن تولاپلاشقانىدى. بەزى بىمارلار شىپالىق رولى بار دەپ ئويلاپ مازارلىق ئەتراپىدىكى قۇمغا كۆمۈلەتتى. بۇ دىنىي مۇراسىمدا ھەر يەردە مۇزىكا سادالىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى:داستانچىلار قەھرىمانلار ياكى مەشھۇر ئاشق -مەشۇقلار ھەققىدىكى ھېكايە چۆچەكلەرنى ئېتيىشاتتى؛ مۇقامچىلار بەش تارىلىق ،ئۇزۇن بويۇنلۇق لۇت-تەمبۇر چېلىپ مۇقام ئاڭلىتىۋاتاتتى. مەدداھلار دىنىي قىسسەلەرنى قىسقا ساپلىق لۇت-راۋاپ چېلىپ ئاڭلىتىۋاتاتتى. يەنە نۇرغۇنلىغان ئاشىقلار، ئابداللار(تىلەمچىلەر) ساپايا چېلىپ ھېكمەتلەرنى ئاڭلىتىۋاتاتتى.
ئۇيغۇر تىلىدا مازار دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى قەبرە دېگەن سۆز بولۇپ چۆللۈكلەر ۋە يېزىلارغا جايلاشقان ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىلىرىنى تاۋاپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مازارلىقلار تۇغماسلىق، كېسەللىكلىكلەرگە شىپا تېپىش ۋە بالا-قازا ،تەبىئىي ئاپەتلەردىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن تاۋاپ قىلىنىدۇ. مازار تاۋابىتى يەنە دىنىي ئېتىقادنىڭ بىر تۈرلۈك شەرتى دەپ قارىلىدۇ. ئەڭ چوڭ مازارلىقلار جامائەت ئارىسىدا تەسىر كۈچى چوڭراق بولغان شەيخ تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىغان بولۇپ ، قەبرىنىڭ راسخوت ئىشلىرىغا جامائەت ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى كىچىك مازارلىقلارنىڭ مۇقىم زىيارەت ۋاقتى بولمايدىغان بولۇپ ، كىشىلەر خالىغاندا بېرىپ تاۋاپ قىلسا بولىدۇ. ئاز بىر قىسىم چوڭ مازارلىقلاردا ئۇلۇغلارنىڭ شەنىگە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىلدا بىر قېتىم مازار تاۋاباتى سەيلىسى بولىدۇ.
ئوردام مازارتاۋابىتى سەيلىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ مازار تاۋابىتى سەيلىسى بولۇپ ، 11-ئەسىردىكى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ خاقانى ئەلى ئارسلانخاننىڭ مەقبەرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قاراخانىلار خانلىقى تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان خانلىق بولۇپ ، ئەلى ئارسلانخان قوشنا بۇدىسىت خوتەن خانلىقى بىلەن ئېلىپ بارغان 50 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۇرۇشتا شېھىت بولغان . مازار سەيلىسىگە ئائىت تارىخىي خاتىرىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن شىۋېتسىيىلىك تەتقىقاتچى گۇننار ياررىڭ 1929-يىلى ئوردام پادىشاھ مازىرىغا زىيارەتكە بارغان ۋە قەشقەر رايونىنىڭ شەرقىدىكى بىر قانچە مازار تاۋابىتى توغرۇلۇق خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان
(ياررىڭ 1935:358)
ۋە ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن سانىلىدۇ.
بەلگىلەنگەن مازار تاۋابىتى مەزگىلىدە، قەشقەردە مىڭلىغان ، ئون مىڭلىغان ئەر-ئايال ۋە بالىلار تاغۇ-چۆللۈكلەرگە بېرىپ مازارلارنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ، قوللىرىدا تۇغلارنى كۆتۈرۈشۈپ لاتىلارنى سايىۋەن قىلىشىپ ماڭىدۇ. ئۇلار يول بويى ئۇلۇغلارنى كۈيلەپ توۋلىشىپ ۋە ناخشا ئېيتىشىدۇ.
(ياررىڭ 1986:112)
مازار تاۋابىتى ۋە مازار سەيلىسى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان ۋە پاكىستانلاردا كەڭ تارقالغان ھادىسە . سلوبىن “مازارى شەرىف“تە پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈيئوغلى ھەزرىتى ئەلىنىڭ مەقبەرىسى دەپ قارالغان قەبرە ھەققىدە ۋە ئافغانىستاندىكى 12-ئەسىردىكى ئۇلۇغ زاتلارغا ئائىت مۇقەددەس جايلار ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش زىيارىتى “جاندا“نىڭ ئويغۇنىشىنى قۇتلۇقلاش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە بۇ خىل مۇراسىم مۇزىكا ،باشقا كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ۋە سېھىرگەرلىك شەكىللىرى تەرىقىسىدە 40 كۈن داۋامىلىشىدۇ.
(سلوبىن 1976:144)
بايلىي شەرقىي ئافغانىستاندىكى ئابۇ ۋەلىدنىڭ مازىرىدا 1970-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مازار تاۋابى جەريانىدا زۇرنا-دوھول ناغرا سۇناي ئەترىتى ، خېراتى ناخشىلىرى، ئافغان رۇباب ماھارىتى قاتارلىق
(1988:136-9)
نومۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل مۇزىكا پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مازار تاۋاباتى توغۇرلۇق ئىزدىنىش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆزبېكىستان
(بالدىك1993)
1992پولىياكوۋ
زاركون1999
ۋە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە
(بەللېر-خان 2001)
ئانتروپولوگىيىلىك(ئنسانشۇناسلىق) ۋە تارىخىي بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ. لېۋىن 1950-يىلى قاراقالپاقىستاندىكى داڭلىق سۇلتان ئۈۋەيىس ئال-قارانى مازار تاۋاباتى ھەققىدە كۆرسۈتۈپ تاۋابات جەريانىدا زىيارەتچىلەر ئۈچۈن كۈنىگە 50 تۇياق قوي سويۇلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل مازارلار خېلى كۆپ بولۇپ ، راھىلە داۋۇتنىڭ بىرقانچە يىللىق دالا تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دىيارى بويىچە 200 دىن ئارتۇق مازار بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن لېكىن بۇ سان تولۇق بولمىغان رەقەم بولۇشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە ۋە زىيارەتچىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان مازار ئوردام پادىشاھ مازىرى بولۇپ ، بۇ مازار ئىسلام دىنىنى تارقىتىشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان ۋە بۇدىست ھاكىمىيىتىدىكى خوتەن خانلىقى بىلەن بولغان جەڭدە شېھىت بولغان خاقاننىڭ قەبرىسىدۇر. يەنە بىر قىسىم مازارلار داڭلىق تەرىقەتچىلەرنىڭ قەبرىلىرى بولۇپ ،ئۇلارغا يەرلىك خەلقلەر بەكرەك چوقۇنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى قەشقەرنىڭ ھۆكۈمران غوجىلىرىنىڭ قەبرىلىرى ئىدى. گەرچە مازار تاۋابىتى ئىسلامىي ھادىسىە بولسىمۇ لېكىن كۆپ ساندىكى پائالىيەتلەرنىڭ دىن بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى يوق. بۇرۇنلاردا مۇتەپپەككۈرلەر ۋە يازغۇچىلارنىڭ قەبرىلىرى دىنىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان جايى بوپ كەلگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغانلىرى مەھمۇت قەشقەرى مەقبەرىسى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىلىرى بولۇپ ھەر ئىككىلىسى قەشقەر ۋىلايىتىگە جايلاشقان. مەھمۇت قەشقەرى-“تۈركىي تىللار دىۋانى“نىڭ مۇئەللىپى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ -“قۇتادغۇ بىلىگ“ نىڭ مۇئەللىپى. بۇلاردىن باشقا يەنە ھۈنەرۋەن كاسىپلارنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىدىغان مازار زىيارىتى بولۇپ كۆپىنچە ھاللاردا بەزى بىر خەستىلىكلەرگە شىپا ئىزدەش مەقسىدىدە تاۋاپ قىلىنىدۇ، مەسىلەن تېرە كېسىلىگە ئوخشاش كېسەللىكلەر. كۆپ ساندىكى مازارلارنى ئاياللار پەرزەنت يۈزى كۆرمەك ئىستىكى بىلەن تاۋاپ قىلىدۇ. بۇ خىل مازارلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى قاراخانىلار خانلىقىدىكى مەريەم مازىرى.
راھىلە داۋۇتنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا بۇ خىل تاۋاپ قىلىدىغان مازارلار تارىختا ئەسلىدە بۇدىستلارنىڭمۇ تاۋاپ قىلىدىغان جايى بولغانىكەن. مەسىلەن ،تۇرپاندىكى تۇيۇق غوجام مازىرىنىڭ ئەتراپى بۇددا ، مانى دىنى نوملىرى ۋە تام رەسىمىلىرى بىلەن توشقان غارلار بىلەن ئورالغان. (ھازىر يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن كۆپ قىسمى ۋەيران بولغان)بۇ يەرگە جايلاشقان بىر غار بولۇپ كىشىلەر شۇنىڭغا تاۋاپ قىلىدۇ، بۇ خۇددى خوتەندىكى “كۆكمارىم مازىرى“(يىلان تېغى) غا بېرىپ يامغۇر تىلەشكە ئوخشايدۇ. بۇ خىل ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئىسمى قويۇلغان مازارلار ،مەسىلەن ،ئۈجمە مازار ۋە غاز مازار قاتارلىقلارنىڭ ئۇچى قەدىمكى بۇدىست ئەنئەنىلىرىگە بېرىپ تاقىلىدىغان بولۇپ مازار ئەنئەنىسىنىڭ تۈرلۈك ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئېتىقادلارنىڭ جۇغلانمىسى ئىكەنلىكى ۋە سۇنىي مەزھەپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. خوتەندە“ ئون ئىككى ئىمام مازىرى“ بولۇپ ، بۇ ئۇيغۇر دىيارىغا ئۆمرىدە كېلىپ باقمىغان شىئە مەزھىپىدىكى ئاساسلىق بىر ئۆلىمانىڭ قەبرىسىدۇر. شىئە مەزھىپىنىڭ تەسىرلىرى ئوردام پادىشاھ مازار تاۋابىتىدە ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، ئۆلىما ئالى ئارسلانخان كۆپ مەنبەلەردە مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كۈيئوغلى ئالى بىلەن باغلىنىشلىقى بولۇپ ، ئارسلان دەپ ئاتىلىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، ئوردام مازىرى تاۋابىتى مۇھەررەم ئېيىنىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ بۇ شىئەلەرنىڭ ئەلىنىڭ ئوغلى ھۈسەيىننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خاتىرلەش يۈزىسىدن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇھىم بايرىمى ئاشۇرا كۈنى بىلەن بىر كۈندە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
پارىس تىلىدىكى ئەسەر“تەزكىرەئىي ئۇۋەيسىيە“ ،ئاپتورى ئەخمەد ئۈزگەنى، 1600-يىلى يېزىلغان بولۇپ،بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مازارلىقلارنىڭ تارىخىغا ئائىت نۇرغۇن پايدىلىنىش مەنبەلىرى بار. كىتاپتا 40 داخاننىڭ، 13 ئايال داخاننىڭ ۋە بۈگۈنكى كۈندە مازارلىرى زىيارەت قىلىنىپ تۇرىۋاتقان بىرقانچە ئۆلىمالارنىڭ تەزكىرەسى بايان قىلىنغان. ئەسەردە 10-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ،قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسىى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ، 12 ياش ۋاقتىدا بىر ياۋا توشقان بىلەن بولغان خاسىيەتلىك ئۇچرۇشىشىدىن كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكى ۋە كېيىن بۇ رايوندىكى تۇنجى ئىسلام دىنىغا كىرگەن ھۆكۈمران بولغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭ قىزى ئەلانۇر خانىمنىڭ شىر قىياپىتىگە كىرىپ كۆزىگە كۆرۈنگەن پەرىشتە جەبرائىلنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆرگەنلىكى ۋە بۇ ئوغۇلغا ئارسلان(شىر)دەپ ئىسىم قويغانلىقى ھېكايەت قىلىنغان. قاراخانىلار خانلىقىدىكى ئەلى ئاراسلان خاننىڭ قىزى(بەزى مەنبەلەردە سىڭلىسى دەپ ئېلىنغان) مەريەمنىڭ ئەپسانىسىدىمۇ ئۇنىڭ 60000دىن ئارتۇق كۇپارلار بىلەن بولغان جەڭدە شېھىت بولغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.
بۇ ئەسەرنى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى جۇلىيان بالدىك،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مازار تاۋابىتى ئەنئەنىسىنى بىۋاستە ئۇۋەيىس سوپىزىملىق ئەنئەنىسىگە باغلىغان. بۇنىڭدا تەرىقەتچى ئۇۋەيىسنىڭ چۈشىدە ۋاپات بولغان ئىلاھىي زاتلارنىڭ يول كۆرسىتىشىگە مۇۋەپپەق بولغانلىقى ئايان بولغان. بالدىك يەنە بۇ نۇقتىنى كۈچەيتكەن ھالدا ئۇۋەيىس تەزكىرەسىنىڭ 19-ئەسىردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى كوچا كوي ،بازارلاردا كەڭ كۆلەمدە ئېيتىلىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇۋەيىس كەلىمىسى بىلەن ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان بولۇشى مۈمكىن. ئۇيغۇر دىيارىدا سوپىزىمنىڭ نەقىشبان، قەدىرىيە ۋە چىشتىيا شەكىللىرى مەۋجۈت بولۇپ ئېتىقاد قىلغۇچىلىرى مازار تاۋابىتى پائالىيىتىدە بۇ خىل يوسۇنلارنى ئورۇندايدۇ. لېكىن كۆپ ساندىكى مازار تاۋابىتى جەريانىدا سوپىزىمنىڭ ئىپادىلىرى ئانچە كۈچلۈك شەكىلدە بولمايدۇ. ئىلدىكو بېللېر-خان مازارنڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى “چوڭقۇر ئىسلام پۇرىقى“نىڭ ئىپادىسى بولۇشتىن باشقا ،يەنە بۇ خىل دىني يوسۇنلارنىڭ بۇددا دىنىدىكى سوپىزىم ئەنئەنىلىرى ۋە ئىسلامغا كىرىشتىن بۇرۇنقى ئەقىدىلەر بىلەن تەبىي ھالدا ئۆزارا بىرىككەن بىر خىل دىني يوسۇن شەكلى بولۇپ شەكىللەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ (بەللېر-خان 2001:10). تەكلىماكان چۆللىكىنىڭ تۆت ئەتراپىغا جايلاشقان بۇ مازارلارغا يىلدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەدىمى تېگىدىغان بولۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ قەلبىدە مۇقەددەس بىر مۇساپە ۋە مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن، بۇ يوللار خەرىتىدىكى يېڭى يول ۋە تۆمۈر يوللارغا ئوخشىمايدىغان بىر قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە كارتىنا ئىدى.
مازاردىكى مۇزىكا–ئوردام مازىرىنىڭ كارتىنىسى
كەچقۇرۇن مازارلىقنىڭ يېنىغا جايلاشقان مەسچىت قوروسىدا مۇزىكانتلار “تاشۋاي“مۇزىكىسىدىن ئارىيە ئورۇنلاۋاتاتتى، بىر توپ كىشىلەر ئۇلارنى ئورىۋالغانىدى. بۇ مۇزىكا 19-ئەسىردىكى بىر ئاشىق -تاش ئىسىملىك راۋاپچى قەلەندەر ھەققىدىكى مۇزىكا ئىدى. بۇ مۇزىكا قايغۇ ۋە تەزىيەنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ مازارلىقلاردىلا بۇ خىل شەكىلدە ئورۇنلىنىدۇ. بېشىدا ياشقا چوڭراق سەللىلىك بىر ئىمام قۇرئاندىن پارە ئوقۇدى، قالغانلار ئەگىشىپ“لا ئلاھە ئىللاللا“ دەپ توۋلاشتى. بېشىغا شاپاق دوپپا كىيىۋالغان بىر ياش يىگىت راۋاپ چېلىۋاتاتتى،ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىپ بىرقانچە كىشى ساپايە ۋە داپ چېلىۋاتاتتى. سازچىلارنىڭ بەزىلىرى ئىگىلگەن شەكىلدە بەزىلىرى كەينىگە داجىغان ھالەتتە بولۇپ ،راۋاپ چېلىۋاتقان كىشى ئەركىن ئاھاڭ قىسمىنى قوپال كەلگەن ئاۋازى ۋە پۈتۈن ھىسسىياتى بىلەن ئېيتىۋاتاتتى. ئۇ بىر چەتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋازى ناھايىتى ئوچۇق ئاڭلىناتتى. داپچى چۇقان سادالىرىغا ئەگىشىپ داپ ساداسىنى ياڭرىتىۋاتتى. كۆپ ساندىكى ئەر تاماشىبىنلار جىمجىت ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ تىڭشاۋاتاتتى. سازچىلارنىڭ ئەتراپىنى ئىس قاپلىغان بولۇپ،داپچىلار ئەمدى قاتتىق كىرىشكەن ھالدا، دېپىنى ئېتىپ تۇرۇپ چلىۋاتاتتى ۋە ئۆزلىرىمۇ تەڭ سىلكىنەتتى. ئۇلار راۋاپچىنىڭ يېنىغىراق كېلىپ بىرلىكتە ناخشا توۋلىشاتتى. سازچىلارنىڭ كۈچلۈك ۋە قىزغىن ھەرىكەتلىرى تاماشىبىنلارنىڭ جىمجىتلىقى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغانىدى. داپنىڭ رېتىمى ئۆزگىرىپ تۇراتتى، داپچىلار “ۋوي،ۋوي،ۋوي“دەپ رېتىم بىلەن چالاتتى. داپچىلار داپنى يۇقىرى-تۆۋەن،ئوڭ-سولغا يۆتكەپ تۇرۇپ چالسا،راۋاپ يېتەكچى ساز بولۇپ چېلىنىۋاتاتتى. مۇزىكا ئاخىرلىشاي دېگەندە تاماشىبىنلاردىن بىرقانچىسى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىشقا باشلىدى.
ئارقىدىن كۆپچىلىك ئەلى ئارسلانخاننڭ قەبرىسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى،قوللىرىدا رەڭلىك تۇغلار بارىدى. كىشىلەر توپى زور بولۇپ، ناغرا-سۇنايلارنى چېلىپ كېتىۋاتاتتى. بۇ خىل دۇمباقلار ۋە سۇنايلار پادىشاھ ئەلى ئاراسلانخاننىڭ جەڭگە كىرىشتىن بۇرۇن چالىدىغان ساز بولۇپ ۋە ئۇيغۇر دىيارىغا قاراخانىلار دەۋرىدە ئىسلام بىلەن بىرلىكتە كىرگەن بولۇشى مۈمكىن. زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قوللىرىدا دىيامېتىرى 50 سانتىمېتر كېلىدىغان يوغان داپلار بارىدى. كىشىلەر توپى قۇم بارخانلىرىغا يامىشىپ چىقىپ كېتىۋاتاتتى،مەنزىلگە يېتىشكە جەمئىي بەش تۆپۈلۈك بارىدى. ئاياللار باشتىكى ئىككى تۆپۈلۈككە يامىشىپ چىققاندىن كېيىن ئۇ يەردىن دومىلاپ چۈشۈپ ئۆزلىرىنى پاكلىشاتتى. ئەرلەر مازارغا قاراپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. توپنىڭ بېشىدا داپ چېلىپ ماڭغانلار، تۇغ كۆتۈرۈپ ماڭغانلار بولۇپ قالغانلارنىڭ يېرىمى ئۇسسۇل ئويناپ ماڭسا يېرىمى ئۇلارغا ئەگىشىپ مەدەت بېرىپ مېڭىشاتتى، بەزىلەر ۋارقىراپ ئۆزىنى يېرىم يوقاتقان ھالدا سەپكە ئەگىشىپ كېتىۋاتاتتى. تۇغلاردىن خادا تىكلىنىپ تۇغ ئەلەم ئېسىلىدۇ،ئىگىزلىگى 20 مېتېر ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ تۇغلار ھالرەڭ، كۆك ، قىزىل ۋەئاق رەڭلەردە بولۇپ چۇچۇلىرى ۋە جىيەكلىرى قارا رەڭدە ئىدى،، قارىماققا تىبەت بايرىقىنى ئەسلىتەتتى.
داپ ۋە سۇناي چېلىنغاندا ئەرلەر ئۇسسۇلغا چۈشەتتى. داپچىلار ئۆزارا مۇسابىقىگە چۈشىۋاتقاندەك ھالەتتە ماھارەت كۆرسىتىشىۋاتاتتى:ئۇلار داپلارنى بېشىدا ئېتىپ ئوينۇتۇپ ئۆزلىرىنىڭ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى ئىپادىلەۋاتاتتى. ئۇسسۇلچى پۇت قوللىرىنى قوپال ھەرىكەتلەر بىلەن يۆتكەپ ئوينايتتى. ئۇ “ئاللاھ“دەپ توۋلىغاندا باشقىلارمۇ تەڭ قوشۇلۇپ توۋلايتتى. ئۇنىڭ بەدەنلىرى تىترەيتتى ۋە نالە قىلىپ يىغلايتتى، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ھاياجانغا چۆمگەن ھالدا ئاللاھقا تۆۋبە ئىستىقبار قىلاتتى. . ئەتراپتىكىلەرمۇ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرۈشەتتى. بىر كىشى ناخشىنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئۇزۇن بىر پارە ئوقۇيدۇ ؛باشقىلارمۇ قىسقىراق سۆزگە چىقىدۇ. توپلانغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بىر ياش يىگىت “سەنەم“نىڭ مۇقەددىمىسىنى سۇناي بىلەن باشلايدۇ. باشقا داپچىلار ۋە سۇنايچىلار ئۇنىڭغا جۆر بولۇپ ئۇسسۇل قىسمىنى بىرلىكتە ئورۇندايدۇ.
ئىمام ھازىم مازىرىغا بىر نەزەر
يەنە بىر مازار تاۋابىتى پائالىيىتى ئۈژمە پىشىقى ۋاقتىدا ماي ئېيىدا ئىمام ھازىم مازىرىدا ئۆتكۈزىلىدىغان يىغىلىش بولۇپ، ھەزرىتى ئىمام ھازىم 11-ئەسىردە ياشىغان خوتەن جېڭىدە شېھىت بولغان يەنە بىر ئۇلۇغلاردىن بىرى.
1997-يىلى بۇ مازاردا ئۆتكۈزۈلگەن بىرقانچە يۈز كىشى توپلانغان سوپىزىمنىڭ زىكر ئىبادەت مۇراسىمى فىلىمغا ئېلىنغان .
Jean During
نىڭ بايان قىلىشىچە بۇ خىل زىكر ئىبادەت مۇراسىمى ئۇلۇغ كەلىمە ،پارىلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق دۇئا تىلاۋەت ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر دىني مۇراسىم. بەزىدە ئۈنلۈك ۋە ياكى بەزىدە ئۈنسىز ،بەزىدە يالغۇز ۋە بەزىدە ئوپچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ دۇئا تەگبىر ئېيتىش رېتىملىق بولۇپ ، بۇ خىل نەپەس رېتىمى بەدەندىكى ئېنىرگىنينىڭ ئايلىنىشىغا مەنپەئەت كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل زىكر تىلاۋەت پائالىيىتى “خەلقە سۆھىبەت“دەپ ئاتىلىدۇ. كۆپلىگەن ناخشىلاردا قايغۇ ۋە ياد ئېتىش ئىپادىلەنگەن بولۇپ، دۇئا تىلاۋەت كۆپىنچە ئۇلارنىڭ سوپىزىم تەرىقىتىدىكى ياراتقۇچىلىرى ۋە ئۆلىمالىرى ئۈچۈن بولىدۇ. ئاساسەن گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ئوتتۇرىدا ياشانغان كىشىلەر بولۇپ ئۇسسۇلغا پىقىرايدۇ، قالغانلار يۇمۇلاق چەمبەر شەكلىدە ئۇلارنى ئوراپ ، ئولتۇرغاندارېتىمغا كەلتۈرۈپ بەدەنلىرىنى ئالدى كەينىگە ئىگىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ناخشا ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ، “ياشا گوڭچەنداڭ“(كومۇنىست پارتىيە)دېگەن ناخشا ئىدى. ئەسلىدە بۇ بىر “ھۆكمەت“ ناخشىسى بولۇپ 1950-يىللاردا ئىنقىلاۋىي ناخشا قىلىپ بېكىتىلگەن. يول بويى بىر قىسىم باشلىرىنى ياغلىق بىلەن ئورىۋالغان بۈۋىلەر بىر چەتتە ئۆزلىرىنىڭ يوسۇنلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ئەرلەرنىڭ ئاۋازى بىلەن ئۆزارا بەسلىشىۋاتقاندەك چىقاتتى.
ئۇيغۇر دىيارىدا ئايال بۈۋىلەرنىڭ زىكىر تىلاۋەتلىرى ئەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ ، بىر كىشى ناخشا ئېيتقاندا قالغانلار چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئوينايتتى ۋە توختىماي “ئاللاھۇ“ دەپ توۋلىشاتتى. ئاياللارنىڭ بىردىن بىر ئىسىل ناخشىسى “مۇناجات“ بولۇپ، قايغۇ ھەسرەت ۋە تېۋىنىشنى ئىپادىلەيدۇ، ئاياللار بۇ خىل ناخشىلارنى ئېيتقاندا ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ يىغلايدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇزىكا ۋە ئىلاھىيەت
ئوتتۇرا ئاسىيا ناخشا تېكىستلىرى ئۈستىدە ئىسلام دىنى بىلەن مۇزىكا ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە بىرقانچە ئېتنومۇزىكىشۇناساتلارنىڭ قاراشلىرى مەۋجۈت.
(بايلى 1988;2001;دابېلدەي999;ساكاتا1986)
سوپىزىم ۋە سوپىزىمدىكى مۇزىكىغا ئائىت بىرقانچە قىممەتلىك تەتقىقاتلار مەۋجۈت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە رېگۈلا بۇرىخارت كۈرەشىنىڭ “ھىندىستان ۋە پاكىستاندا قەۋۋالى ناخشىسى“، دۇرىڭنىڭ “ئىراندا سوپىزىملىق ۋە مۇزىكا“قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. دۇرىڭ ئۆز تەتقىقاتىدا مۇزىكىنىڭ كۆپ ھالللاردا يوشۇرۇن سېزىم ۋە ھۇزۇر بىلەن باغلانغان ،ئىنسان تەبىئىتىدە بار بولغان تۇغما قابىلىيەت دەپ قارايدۇ (دۇرىڭ 1989:21). بۇ خىل قاراشقا خىرىستىيانلارنىڭ شەرقىي ئورتودوكۇس دىنى، زوروئاستىرىيان دىنى،يەھۇدى دىنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئىلاھىيەتشۇناسلىرى ئېتىراز بىلدۈرۈپ كەلدى. لېكىن ئىسلام مەدەنىيىتىدىمۇ مۇزىكا بىر خىل پەن ۋە ئابستراكىت ماتېماتىكىلىق ئىلىم دەپ قارىلىدۇ. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر خىل سىرلىق نەزەرىيە، تەڭداشسىز ۋە مۇقەددەس ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە . ئىسلام دىنى بىلەن مۇزىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت زامان ۋە ماكانغا بېقىپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. دىننىڭ قايسى شەكىلدە قوبۇل قىلىنىشى يەرلىك مەدەنىيەت ۋە ھۆكۈمران كۈچلەرگە باغلىق بولىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى خىل كۆزقاراش ئۈستىدە مۇنازىرىلەر مەۋجۈت بولغان. بىرى ئەگەر ساز چالغانلار بولسا، سازنىڭ تارىسى كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ “قىيامەت كۈنىدىكى سوراق“تا سوراققا تارتىلىدۇ دەپ قارايدىغانلار. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر مۇزىكانتلار داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ مۇزىكىنىڭ ئىجاتچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئۆزلىرىنى قوغدايدىغانلار. ھالبۇكى، بۇ مازارلاردا ناخشا ئۇسسۇل، مۇزىكىلارنىڭ بوپ تۇرۇشى ئالاھىدە جەلپ قىلارلىق چۈنكى ئسلام دىنىدا مازار بېشىدا توپلۇنۇپ نەغمە ناۋا قىلىش ياكى ئۆلۈم ماتەملەردە ناخشا- مۇزىكا چەكلەنگەن. بايلىينىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئافانىستاندا تالىبانلاررنىڭ ناخشا مۇزىكىنى چەكلىشى بىلەن پۈتكۈل مىللەت داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا ماتەم ھالىتىگە كىرگەن.
(بايلى 2001:40)
ئۇيغۇرلارنىڭ مازار تاۋابىتى زىيارىتى داۋامىدا بولىدىغان مۇزىكىلار باشقا مۇزىكا تۈرلىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، “مۇزىكا“ دەپ ئاتاش قىيىن بولغان بىر خىل ماتەم تۈسىگە ئىگە نەغمىلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن تاشۋايدىن ئارىيە، سوپىزىم ھۆكمەتلىرى ۋە بۈۋى مۇناجات قاتارلىقلار بار.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇزىكا ئۇسلۇبلىرى،تۈرلىرى ۋە سازلار يالغۇز مازار تاۋابىتىدىلا ئورۇندىلىپ قالماستىن باشقا يەرلەردىمۇ ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. مۇقام ئولتۇرۇشلاردا،سەھنىلەردە كەسپىي مۇقامچىلار تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدۇ؛ كوچا كويلاردا ۋە بازارلاردا قەلەندەرلەرمۇ مۇقام ئېيتىدۇ؛بۈۋىلەر كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە چاقىرتىلىپ قۇرئاندىن پارە ئوقۇپ بېرىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ ۋە ئۆلۈم پەتىلىرىدە ناخشا-قوشاق قوشۇپ ئوقۇيدۇ. ناغرا سۇنايلار بايرام، توي -تۆكۈنلەردە ۋە ھەتتا ئېچىلىشلەردە چېلىنىدۇ. مازار بېشىدا ئېيتىلغان ناخشىلارنىڭ تېكىستلىرى دىنىي ۋە ئىلاھىي مەزمۇنلارنىڭ ئۆزارا كېسىشمە نۇقتسى بولۇپ، كۆپ ساندىكى تېكىستلەر رومانتىك مۇھەببەتنى كۈيلەيدىغان تېكىستلەردىن ئىبارەت. لېكىن تېكىستلەردە مۇقەددەس ئىلاھىي كۈچكە بولغان تەلپۈنۈش رومانتىك مۇھەببەتتىن ئىبارەت مېتافور ئاستىغا يوشۇرۇنغان.
بۇ مۇقامنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ناھايىتى گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. مۇقام تېكىستلىرى 15-16-ئەسىردىكى داڭلىق شائىرلارنىڭ قەدىمكى تۈرك ئەدەبىي تىلى- چاغاتاي تىلىدا يازغان شېئىرلىرى بولۇپ،ھۈۋەيدا يازغان“ئۆزھال مۇقامىنىڭ مۇقەددىمىسى“دىن ئۈزۈندىلەرنى ئاڭلاپ باقايلى:
يار كەيدى قىزىل ئەڭلىنى زىبا بويلىن دەپ
ئالەم ئاڭا كۆز سالدى تاماشا قىليىن دەپ
ئوت ياقتى جاھان مۈلكىگە غەۋغا قىليىن دەپ
مەندەك بىر دىۋانىنە ھۈۋەيدا قىليىن دەپ
خەنجەر قولىدا مەشرەپنى ئۆلتۈرگىلى كەلدى
غەۋغايۇ قىيامەت مەن شەيدا قىليەن دەپ
دۇرىڭ ئىران مۇزىكىلىرىنى ۋە مىستىسىزىمنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ،سوپىزىم دىنىي مۇراسىملىرىدىكى نۇرغۇنلىغان مۇزىكا شەكىللىرىنىڭ شىئە دەرۋىشلىرىنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى، كىلاسسىك ناخشىلار ، چوڭقۇر دىنىي مەنا ۋە قۇرئان پارچىلىرىنىڭ بىرىكمىسىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ خىل چوڭقۇر تەتقىقاتلاردىن دىنىي ۋە دىنغا ئائىت بولمىغان مۇزىكىلارنىڭ ئۆزارا جىپسىلىشقان ۋە ئورگانىك ھالدا بىرىككەن بىر ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. (6-1989:22)خىرومى لوررىن ساكاتا 1960-يىلى مودا بولغان بىر ئافغانىستان مۇھەببەت لېرىكىسىنىڭ “مازارى شەرىف“ تە يېڭى يىل تاۋاباتى ئۈچۈن ئېيتىلىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىدۇ:
كېلىڭلار، مازارغا ، موللا مۇھەممەت جان
ياۋا كۆركۈملەرنى كۆرەيلى يارىم
ئاقسۇن ياشلار كۆزلەردىن ساكى جاننىڭ مازارىدا. . .
ساكاتا “ئافغانىستان مۇزىكىسىغا بولغان كۆزقارىشىنى ،باشقا مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە ئوخشاشلا دىنىي مەزمۇن ۋە دىنىي تەپسىرلەر بىلەن چىرماشقان ھالدا زىچ باغلانغان دەپ خۇلاسىلايدۇ. (1986:39)ئۆزبېكىستاندا تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى لېۋىنمۇ دىن بىلەن مۇزىكا ئوتتۇرىدىكى باغلىنىشنى مۇنداق بايان قىلغان: ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۆزبېكىستاندىكى مۇزىكانتلار ئادەتتە شائىر،پەيلاسوپ، قىزىقچى ھەييار ياكى موللا بولىدۇ. بەللېر-خان مۇزىكانتلارنىڭ (ئىسلام شەجەرىلىرىنى يادلىغۇچى مەدداھلار)ئەنئەنىۋى دىن بىلەن سېھىر ئارىسىدىكى بىر ۋاستىچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. (2000:39) لېۋىن ئۆزبېك مۇزىكىلىرىنىڭ مۇزىكا چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلا بولۇپ بولۇپ قالماستىن بەلكى يەنە ئىلاھىي ۋە روھىي ئامىللارنى ئۆزارا تۇتاشتۇرغۇچى ۋاستە ئىكەنلىكىنى كۆرسۈتۈپ مۇنۇلارنى مىسالغا ئالىدۇ:“بىر گاھ خۇداي راسۇلدان، بىر گاھ غامزاي ئۇسسۇلدان“( بىر نۆۋبەت ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىز ئۈچۈن، بىر نۆۋبەت بەختىمىز ۋە ئۇسسۇل ئۈچۈن“ )
(1996:63-4)
بەزى تارىخىي مەنبەلەر ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ تەزكىرىلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قىسىم مۇزىكىلارنىڭ ئىچىدە مۇزىكا بىلەن ئىلاھىي كۈچ ئۆزارا بىر گەۋدىلەشكەن مۇزىكىلار مەۋجۈت. ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىدىن بولغان 19-ئەسىردىكى موللا مۆجىزىنىڭ “مۇزىكانتلار تارىخى“يەنى “تارىخىي مۇسىقۇيۇن“ دا خارەزىمگە كەتكەن ،نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدىن بولغان داڭلىق مۇزىكانتنىڭ تەزكىرىسى ۋە چاغاتاي دەۋرىدىكى داڭلىق شائىر مۇزىكانت،مۇقام تېكىستى ئىجاتچىسى، ھېراتتا ياشىغان ئەلىشىر ناۋائىي(1439-1502) ھەققىدە بايانلار يېزىلغان . بۇ كىتابتا ناھايىتى نۇرغۇن كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك مۇزىكا بىلەن قۇدرەتلىك ئىلاھىي كۈچنى ئۆزارا بىرلەشتۈرگەن چۆچەكلەر بايان قىلىنغان . مەۋلانە ساھىب بەلىھى (مىلادى 1440-يىلى)، بابۇر شاھنىڭ كابۇلدىكى ئوردىسىدىكى بىر مۇزىكانتنىڭ تەزكىرىسى ھەققىدىكى چۆچەكلەر ئەڭ تىپىك مىساللاردىن بىرى. بۇ تەزكىرىدە مۆجىزى بىر كۈنى بابۇرشاھنىڭ ئوردىسىدا بەلىھى “چۆل ئىراق مۇقامى“نى ئورۇنداۋاتقاندا، بىر بۇلبۇل كېلىپ ئۇنىڭ تەمبۇرىغا قونۇپ سايراشقا باشلاپتۇ. بۇنى تىڭشىغان ھەممە ئادەملەر كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ ۋە ھۇشلىرىدىن كېتىپتۇ. ئاندىن كىشىلەر قورقۇشقا باشلاپتۇ ۋە بۇلبۇلنى چالما كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈپتۇ، شۇئان بەلىھىمۇ جان ئۈزۈپتۇ. مۆجىزى يەنە تەسىر كۈچى كۈچلۈك بولغان پەيلاسوپ ئەل فارابىنىڭ نەقلىياتلىرىنى قوللانغان:ئەگەر سەن يۈز يىل ئىبادەت قىلىپ سائادەتكە ئېرىشەلمىسەڭ ، سائادەتنى مېنىڭ قالۇنىمنىڭ تارىلىرىدىن ئىزلىگىن“. نەيسان لائىتنىڭ “مۇزىكانتلارنىڭ تارىخى“ناملىق مۇھاكىمىسىدە ، ئەل فارابىنىڭ مۇزىكا بىلەن ئىلاھىي كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مۇلاھىزىسى بىلەن ئەمەس بەلكى مۆجىزىنىڭ ئۇنى ئوتتۇرا ئاسىيا سوپىزم ئەنئەنىسىگە قوشۇپ تارىختا ئىز قالدۇرغانلىقىدىن مەشھۇر بولغان دېگەن نۇقتىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
لايىت):1998)
ھازىرقى سىياسىي كۆزقاراشتىكى دىنىي مەزمۇنلار بىلەن دىنغا ئائىت بولمىغان مەزمۇنلارنى ئۆزارا ئايرىۋېتىشكە بولماسلىقتىن ئىبارەت نۇقتا ئۇيغۇر مەدەنىيىتنىڭ تاجى بولغان مۇقام ئۈستىدە مۇنازىرە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەن. مۇقامنىڭ ئاخىرقى چۈشۈرگۈسى مۇزىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا سوپىزىمدىكى ھۆكمەت ئېيتقۇچىلار ۋە ئاشىقلار بىلەن باغلىنىشلىقى باردۇر. بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا مۇھىم بىر ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئىدىيىۋى مەسىلە بولۇپ،سوپىزىمغا قارشى زىيالىيلار ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر خاندانلىقى- 16-ئەسىردىكى يەركەنت خانلىقىنىڭ ھالاك بولۇشىغا سوپىزىمىلار سەۋەپچى بولغان دەپ ئەيىپلەيدۇ. مۇقام ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋولى ۋە شانلىق تەركىبىدۇر.
(لايىت1998)
بۇ ئاسارەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر يولى ئەلبەتتە پۈچەك شاكال قىسمىنى چىقىرۋېتىشتىن ئىبارەت. ھازىرقى كەسپىي ئويۇنلاردا ئورۇندىلىنىدىغان مەشرەپلەردە دىنىي مەزمۇنلار ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلگەن؛تەكرارلىنىپ ئېيتىلىدىغان “ئاللاھ“دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا “دوستلار“ دېگەن سۆز قوللىنىلىدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى مازار تاۋابىتى پائالىيىتى ئىبادەتچىلەرنىڭ توپلىنىدىغان مەركىزى ۋە كۆڭلىنى ئىپادىلەيدىغان سورۇنى بولۇپ قالغان. ياررىڭ 1929-يىلىدىكى ئوردام پادىشاھ مازىرىغا بولغان زىيارىتىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:بۇلار تىپىك بىر تاۋاپ قىلغۇچى ئاياللار گۇرۇپپىسى بولۇپ موللىلار بارىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازابلىرىنى ناخشا ئېيتىش، ئۆكسۈپ يىغلاش ۋە ئايەت ئوقۇش ئارقىلىق ئىپادىلەيتتى (1986:120). شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۇ خىل پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ، ھۇزۇرلىنىش ۋە مۇزىكا سېزىمىنى تاۋلايدىغان مۇھىم بىر پۇرسەت بوپ قالغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن مازار تاۋابىتى زىيارىتى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەۋسۈمىدىن كېيىن ياكى مول ھوسۇلدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. تاۋابەت جەريانىدائازراق سودا تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلەرمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. ما بىنيەن 1983-يىلى يازغان ماقالىسىدە ئوردام مازىرىنىڭ ئەتراپىغا 238 قوتان قۇرۇلغانلىقىنى ، 350 تۇياق ئاتنىڭ ئات ئويۇنىغا قاتناشقانلىقىنى يازىدۇ.
(ما 1983)
ياررىڭ ئۆزىنىڭ 1929-يىلىدىكى“بىرقانچە يۈز روھ“ ناملىق كىتابىدا ئوردام پادىشاھ مازىرى ئەتراپىدا مەخسۇس مازار تاۋابىتىنى ئوقەت ۋاستىسى قىلىپ جان باقىدىغان كىشىلەرنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى تىلغا ئالىدۇ. مازار زىيارىتىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى كوللىكتىپ غىزالىنىشتىن ئىبارەت. بەزى يېمەكلەرنى مەسىلەن يېڭى سويۇلغان قوي گۆشى، گۈرۈچ ۋە مىۋە- چىۋە قاتارلىقلارنى زىيارەتچىلەر ئۆزلىرى ئائىلىسىدىن ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ، يوغان بىر “ئالتۇن داش قازان “دا تاماق ئېتىلىدۇ ۋە شېيىخلارغا سۇنۇلۇپ ، كۆپچىلىككە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلىدۇ (1986:122).
ياررىڭ بۇ قازاننىڭ يېمەكلىك پىشۇرۇشقا ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ماللارنىڭ گۆشىنى پىشۇرۇشقا ئىشلتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. مازار تاۋابىتى جەريانىدىكى بەزى قىلمىشلار شەرىئەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن ئاياللارنىڭ ياغلىقسىز يۈرۈشى؛تاماكا ، نېشە چەككۈچىلەر ۋە مۇھەببەتلەشكۈچىلەر ئۈچۈن ھازىرلانغان“ئالتۇن ئۆي“ ؛قىمار ئويناش قاتارلىقلارنىڭ ھەمممىسىگە يول قويۇلىدۇ. باشقا جايلاردىمۇ بۇ خىل بايرام شەكىللىرى تونۇشلۇق بولۇپ، چىننىڭ غەربىي شىمالىدىكى گەنسۇ ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان
“خۇا’ئېر“ بايرىمىغا خەنزۇلار ۋە تۇڭگان مىللىتى قاتنىشىدىغان بولۇپ، يەرلىك ئىلاھلارغا سەجدە قىلىش ۋە ئەر- ئاياللار ئۆزارا بىر بىرىنى جەلپ قىلىش مەقسىدىدە خۇائېر ناخشىلىرىنى ئېيتىشىدۇ.
مازار ۋە سىياسىي ھوقۇق
تارىختىن بۇيان مازار ئەنئەنىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈمران كۈچلەر تەرىپىدىن سىياسىي ۋە قانۇنغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ ،يەنە بىر تەرەپتىن يوشۇرۇن تەھدىت دەپ قاراپ كېلىندى. سىېررىي زاركوننىڭ قارىشىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئوردام پادىشاھ مازىرىنى قوللاپ دەستەك بولۇپ كەلدى
. (1999:229)
16-ئەسىردىكى يەركەنت خانلىقى ھۆكۈمرانلىقى ناشباندى سوپىزىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ ، ئۈۋەيىس ئەنئەنىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. بۇ رايوندا مۇسۇلمانلاردىن باشقا ھۆكۈمرانلار بولسا روشەن پەرقلىق مۇئامىلىلەردە بولۇپ كەلگەنىدى. چىڭ سۇلالىسى مانجۇ ھۆكۈمرانلىقى ئۇيغۇر دىيارىنى سورىغان ۋاقىتتا “ئۈۋەيىس تەزكىرىسى“ دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئىسلامىي كىتابلارنى چەكلىگەن.
(بالدىك 1993:215)
ياررىڭ 1920-يىللاردا ئوردام مازىرىغا بولغان زىيارىتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
ئۇلار ناھايىتى ئەسەبىي بولۇپ،بىر قېتىم بىر چەتئەللىك كونسۇل مازارنى زىيارەت قىلماقچى بولغاندا ئەسكەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە مازارغا بېرىشقا مەجبۇر بولغان، بۇ ھەتتا مازار تاۋاباتى پەسلىمۇ ئەمەسىدى. چۈنكى قەشقەرنىڭ ۋالىسى ھەرقانداق بىر تەسادىپىي خەۋپ خەتەرنڭ بولۇشىنى خالىمايتتى (ياررىڭ 1986:112). يۇقۇرىدىكى بۇ بايان ھۆكۈمەت پوزىتسىيىسىنىڭ مازار تاۋابىتى زىيارەتچىلىرىگە قارىغاندا مۇھىم ئورۇندا تۇرىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇنىڭ مىسالى مېنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر يازغۇچى دوستۇمغىمۇ يېقىنقى يىلللاردا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن .
بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ،مازار زىددىيەتلىك شەيئىي دەپ قارىلاتتى. روسىيە يازغۇچىسى پولىياكوۋ ئۆز تەتقىقاتىدا مازارنىڭ“سوۋېتقا قارشى ماھىيەت“كە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تۈرك باسمىچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، 1922-يىلى تاجىىستاندا روسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا ۋاپات بولغان ئەنۋەر پاشانىڭ مازىرىنى مىسالغا ئالىدۇ. يەنە بىر مازار بۇخارادىكى باخا-ئال-دىن نەقىشباند بولۇپ،1868-يىلى يۈز بەرگەن روسىيىگە قارشى قوزغىلاڭدا خەلىپىلىكنىڭ كاتتىۋېشى ئاتالغان ، روسىيەگە قارشى جىھاد قىلغۇچىنىڭ قەبرىسى ئىدى (1992:100). بۇ مازار سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن(زاركون 1999:226). لېۋېن سۇلتان ئۇۋەيىس ئال-قارانىنىڭ مەقبەرىسىنىڭ 1970-يىللاردا باش كۆتۈرگەن دىنغا قارشى ھەرىكەتتە تاقىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ (1996:183). سوۋېت ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىسلام شەرىئەتى ۋە سوپىزىمغا قارشى مەۋقەدە تۇرغان، ھەتتا مەسچىتلەردىمۇ قانۇنلۇق بولغان موللا ،ئىشانلارنى چەكلىگەن ۋە ئۆرپ -ئادەتلەرگىمۇ يول قويمىغان. ۋاھالەنكى ،ئالېكساندرا بېننىگسېنننىڭ مۇھاكىمىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ھەرىكەتلەر دىنىي مەزمۇندىكى ئەسەبىي ئىككى قۇتۇپنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرۈپ ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. (بېنىگسېن ۋە ۋىمبۇش 1985:40).
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە، مازار تاۋابىتى ۋە چوڭ تىپتىكى دىنىي مۇراسىملار دىيارى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ، لېكىن ناتوغرا ھەرىكەتلەر دەپ ئۇيغۇر دىيارى قارىلىدۇ ، لېكىن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە ئىنقىلاۋىي سولچىل تەشۋىقاتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا ، سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىكىدەك مازار- ماشايىقلار سېستىمىلىق تۈردە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمىگەن.
بۇ يەردە مازارنىڭ تەغدىرىگە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرىگە ئوخشاش ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. جۇڭڭونىڭ ئاساسىي قانۇنىدا سېستىمىلاشقان 5 چوڭ دىنغا دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بېرىلگەن. بۇ دىنلار پراۋىسلاۋىيە دىنى، كاتولىك دىنى، بۇددا دىنى ، داۋجىئاۋ دىنى ۋە ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، “’قانۇنسىز دىنىي پاالىيەتلەر“ ۋە فېئودال خۇراپاتلىق ئىدىيىلىرىنى تارقىتىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ، دۆلەتنىڭ ’’قالاقلىققا،’’مەدەنىيەتسىزلىككە ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت شۇئارلىرىغا ئاۋاز قوشۇش لازىم. ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ دىنىي پاالىيەتلەرگە دەخلى تەرۇز قىلىشىدىن ئىبارەت ھەرىكىتى مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋاقتىدىكى خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىدە ، سىنىپىي كۈرەش نۇقتىسىدىن قوزغالغان بولۇپ، مۆتىدىل بىر تەشۋىقات ستراتېگىيىسى ۋە قايتا تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى ئۆزىگە نىشان قىلغان(ئاناگنوست 1994:227). بەللېر-خان (2001ئا:9) نەزەرىنى دىنىي پائالىيەت ئىچىدىكى “فېئودال خۇراپاتلىق“ ۋە سىياسىي جەھەتتىن نورمال دەپ قارالغان“ ئۆرپ-ئادەتلەر كاتېرگورىيىسىنىڭ ماھىيىتىگە قاراتقان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا مازارلارنىڭ تەقدىرى دۆلەتنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى يەرلىك سىياسەت، قارارلارنىڭ كونترول قىلىشىغا باغلىق. زاركون ھۆكۈمەت دائىرىلىرى مازارنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ خەتىرىنى ئازايتىش ئۇچۇن، مازارنىڭ سىمۋوللۇق تەسىر كۈچىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان دەپ قارايدۇ (1999:234). بەزى شەھەر ئىچىگە جايلاشقان مازارلار يېڭىدىن رېمونت قىلىنىپ ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بېلەت باھاسى ناھايىتى قىممەت بولغاچقا، يەرلىك خەلق بۇنى قوبۇل قىلالمايتتى. مازارلىقلاردا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە تىللاردا يېزىلغان دۆلەتنىڭ دىنىي ۋە تارىخىغا ئائىت ۋەرەقىلەر تارقىتىلاتتى. ئۇلارنىڭ بۇ سىتىراتېگىيىسى بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە بولغان قوللىشىنى ئىپادىمەكچى بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتكە زىيانلىق دەپ قارالغان دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانىدى. باشتا تىلغا ئالغان مىساللىرىمىزدىن مۇقەدددەس جايلار دەپ سانالغان مازار- ماشايىقلار ۋە تاۋاپ قىلىش مۇساپىلىرى غايەت زور بىر تور شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن مازار تاۋاباتچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدا مەلۇم كۆلەم شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. گاردنېر بوۋىڭتون ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىخى توغرىلىق يېقىنقى بىر ماقالىسىدە ، مازار ئىزلەپ يولغا چىققان بىر توپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چۆللۈكتە يولدىن ئېزىپ قېلىپ، يېڭى ياسالغان بىر ساياھەت ئورنى -خەنزۇ گېنېرال بەنچاۋنىڭ تۆھپىسىگە ئاتاپ ياسالغان خاتىرە سارىيىنى بايقاپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت قىزىقارلىق بىر ھېكايىنى بايان قىلىدۇ (2001:95). بوۋىڭتون تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ كۆرۈنۈشلەرگە دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كانايدىن ئاڭلىنىۋاتقان يۇقىرى ئاۋازدىكى “ئۇيغۇر دىيارى خەلق ناخشىلىرى“نىڭ شېئىرى خەنزۇچە بولۇپ، بىر قىسىم دېسكو رېتىملىرى ئارىلاشقان ھالدا كەلگەنىدى. بۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان ساياھەت رايونىنىڭ يېڭىچە تۈسلىرىدىن بىرىدۇر.
سىرتقى دۇنياغا كۆپ ئاڭلىتىلمايدىغان مەزمۇنلارنىڭ بىرى چوڭ تىپتىكى مازار تاۋاباتى پائالىيەتلىرىگە بولغان سىياسەت يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى چىڭايغانلىقى ئىدى. ئوردام پادىشاھ مازىرى تاۋاباتى 1958-يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئوڭچللارغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسى بويىچە مەدەنىيەت ئامىللىرى چەكلىنىپ، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ مازار تاۋاباتى قاتتىق چۈشەك سىياسەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. مازار تاۋاباتى پائالىيىتى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ ئاياقلىشىشىغا ئەگىشىپ ،1980-يىللاردا قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ۋە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، بەزى كۈنلىرى كۈندۈلۈك زىيارەتچىلەرنىڭ سانى 20000 نەپەرگە يەتكەن. لېكىن 1990 -يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىراز جىددىي ھالەتتە بولۇپ، مازارلارغا قاراتقان سىياسەتمۇ ئىسلام ئەسەبىي كۈچلىرى ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ ۋەھىمىسى بىلەن تېرورىزىم ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئۆزارا باغلىنىشلىقى بار دەپ قارالغان. بۇ سەۋەپلەر ھۆكۈمەتنىڭ 1997-يىلىدن باشلاپ مازار تاۋاباتى زىيارىتىنى چەكلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بەزى جايلىرىدا مازارلىقلارنى كونترول قىلش ۋە نازارەت قىلىشقا ئائىت سىياسەتلەر ئىزچىللاشتۇرۇلدى. خوتەندىكى ئىمام ھازىم مازار تاۋاباتى پائالىيىتى 1997 -يىلىدن باشلاپ 2001-يىلغىچە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ كەلدى.
مازارغا بارىدىغان يېڭى يوللار ياسىلىپ، مازارلىققا بېلەت ئېلىپ كىرىش يولغا قويۇلدى ھەمدە مازارلىقنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۇچۇن ساقچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. مازار تاۋابىتى مازار پائالىيىتى ھەر يىلى ماي ئېيىدا ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىن جۈمە كۈنىگىچە ئۇدا بەش ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ،20000 دىن ئارتۇق زىيارەتچى قاتنىشىدۇ. گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى خۇائېر بايرىمىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان بۇ بايرام يەرلىك ھوكۈمەتنىڭ 20 يىلدىن بۇيان خەلققە سودا ۋە ساياھەتچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ ۋە يەرلىك مىللىي ئۆرپ- ئادەتلەرنى قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت قالپاق كىيگۈزگەن “ئەسەبىي كۇچلەر“ ۋە“ۋاھابىچىلار“ بىلەن مازار ئوتتۇرىسىدكى مۇناسىۋەت ئىسلامنىڭ ئەنەنىۋى مازار مەدەنىيىتىگە بىر خىل ھاقارەت كەلتۈرگەن بولۇپ ، سەۋەبى يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە سىياسەت ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ دىنىي ئورپ-ئادەت ھەققىدىكى بىلىمىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدىن ئىدى. 1999-يىلى ’’ئۇيغۇر دىيارى گېزىتى “ دە بىر مازارلىقتا ئاياللار پەرزەنت يۈزى كۆرمەك ئۈچۈن دۇئا -تالاۋەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، مازارنىڭ ۋاھابىچىلار تەرىپىدىن كويدۈرۈلۈپ ۋەيران قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلىدۇ. راھىلە داۋۇتنىڭ كۆرسىتىشىچە ئۇ 2000-يولى خوتەندىكى ئىمام ھازىم مازار تاۋابىتىدە بىر ئايالنىڭ تاماشىبىنلارغا ناھايىتى ئۇزۇن بىر نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىنى ۋە سۆزىدە مازار تاۋاباتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ھۈرمەت يۇزىسىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ۋە مۇۋاپىق دىنىي تەلىملەرگە ئىگە بولغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
كىرىش سۆز قىسمىدا كومۇنىستىك دۆلەتلەردىكى ئەندىكىش ۋەزىيىتى ۋە ھازىرقى زامانىۋى دەۋردىكى دۆلەت تۈزۈمى ئەھۋالى چۈشەندۈرۈلگەن. ئۇيغۇر دىيارى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سىياسىي تېمىلارغا سەزگۈر بولۇپ، بۇ رايون دۆلەت ئىچى مىقياسىدا قالاق، قالايمىقان ۋە ۋەھشى دەپ قارىلىپ كەلدى ۋە دۇنيانىڭ ھۈرمەت كۆرسىتىشىگە ۋە چۈشىنىشىگە مۇھتاجدۇر. قارشى مەۋقەدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مازارنىڭ سىياسىيلىقىدا ئەمەس ،ئېستېتىك ماھىيىتىنى مۇھى ئورۇنغا قويۇش كېرەكىدى. مازارنىڭ ھىچقانداق بىر سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتى يوق بولۇپ، پەقەتلا مازارلىقنىڭ جىمجىتلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ تەرتىپنى بۇزۇش ئېھتىماللىقى بار. بىرقانچە ياش زىيالىيلار يۈرەكلىك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ مازار تاۋاباتى پائالىيەتلىرىنى چەكلىشىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، “قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر“ بىلەن “مىللىي ئۆرپ -ئادەت“ لەرنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىكنى ۋە پەرقلەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش مۈمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك بولۇپ، دۇنيا مىقياسىدىن ئالساقمۇ، ئامېرىكىنىڭ“ تېرروزىمغا قارشى كۈرەش“ خىتابىغا ئەگىشىپ ، بۇ خىل مۇلاھىزىلەرگىمۇ كۆپ سەھىپە بېرىلمەيۋاتىدۇ

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىدىكى جۇڭگۈ سۆزى چىن، ۋە شىنجاڭ سۆزى ئۇيغۇر دىيارىغا ئۆزگەرتىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مازار تاۋابچىلىقى ھەققىدە: مۇزىكا، ئسلام ۋە چىن ھۆكۈمىتى

Share
2078 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.