logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ياشلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىنتىقامى خىتايغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

ۋىدىيو ئىشلىگۈچى ۋە ئاۋاز بەرگۈچى: پەرىزات غەيرەت

ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز ياشلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىنتىقامى خىتايغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

بۈگۈن (2020. يىلى 4. ئاينىڭ 10.كۈنى) ئامېرىكىدا خىتاي ۋىرۇسىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى 15 مىڭدىن، دۇنيا مىقياسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا بۇنچىۋالا كۆپ يامراپ كېتىشىدە، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان خىتايلارنىڭ دۇنياغا، بولۇپمۇ ئامېرىكىغا تۈركۈملەپ-تۈركۈملەپ كىرىۋالغانلىغىدىن بولغان.
ۋۇخەندە ۋىرۇس ۋەقەسى پەيدا بولغان 2019.يىلى دىكابىر ئېيىدىن باشلاپ، ئامېرىكا خىتاي پۇخرالىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلىگەن 2020.يىلى 31. يانۋار قەدەر 430 مىڭ خىتاي پۇخراسى ئامېرىكا چېگرىسىدىن بۇ دۆلەتكە كىرىپ بولغان. ئامېرىكا تامۇجنىسىنىڭ ئىستاستىكىسىدىن قارىغاندا بۇ 430000 خىتاي پۇخراسىدىن 30 مىڭى ۋۇخەن شەھرىدىن كەلگەن. ئامېرىكا خىتايغا ھاۋا يولىنى تامامەن تاقىغاندىن كېيىنمۇ، باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئامېرىكىغا كىرگەن خىتاي پۇخراسىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئارتۇق بولغان. مانا شۇنداق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ھەممە يېرىگە ئۇرۇق چاچقاندەكلا خىتاي ۋىرۇسى چېچىلغان.
بۇگۈنكى كۈنلەردە خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا “ئۆلگەن ئامېرىكىلىقلارغا خوپ بولدى، تېخىمۇ كۆپ ئۆلسۇن.” دەپ يېزىپ تەنتەنە قىلىۋاتقان خىتايلار بار.

ئامېرىكا دۆلىتى بۇ ئۆلۈملەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلماسمۇ؟

2.دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونلارنىڭ ھاۋائىيى دېڭىز بومباردىمانى (Pearl Harbor Attack)(7. دىكابىر 1941)دا 2403 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 68 پۇخرا بولۇپ جەمئى 2471 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. خىتاي بىر پاي ئوق ئاتماي، پەقەتلا ئەۋەتكەن ۋىرۇسلىرى بىلەن بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا زېمىنىدا 15 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولدى. ۋىرۇس ئۆلتۈرۈشنى شىددەت بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ.
ئامېرىكا ياپونلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن خىروشىماغا ئاتقان ئاتوم بومبىسىدا (6. ئاۋغۇست 1945) 140،000 ياپۇن پۇخراسى ئۆلگەن بولۇپ،ناگاساكىغا ئاتقان ئاتوم بومبىسىدا(9. ئاۋغۇست 1945) 74000 ئادەم ئۆلگەن. يەنى ئامېرىكا، ياپونلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 2471 ئامېرىكا پۇخراسىغا قارشىلىق 214000 ياپون پۇخراسىنى ئۆلتۈرۈپ ئىنتىقامىنى ئالغان ئىدى.

دۇنيادىكى ئەڭ زور ئىستىمالچى دولەت ئامېرىكا بولمىغان بولسا،خىتاينىڭ ”دۇنيا فابرىكىسى“غا ئايلىنالىشى مۇمكىنمىدى؟

تارىختا خىتايغا ھالقىلىق پەيتلەردە ئەڭ زور ياردەم بەرگەن، ياخشىلىق قىلغان دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ كەلدى. 1900. يىلى 8 دۆلەت ئارمىيىسى تيەنجىن، بېجىڭنى ئىشخال قىلىپ مانجۇر خانىدانلىغىدىن ئۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن 450 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەم تۆلەتكۈزدى. ھەممە دۆلەت ئۆزىگە تەقسىم بولغان ئولجىلارنى ئاخىرغىچە تەلەپ قىلىپ دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئامېرىكا، خىتاي تۆلىگەن كۆمۈشلەرنى ئېلىپ كەتمەي خىتايلارغا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتنى قۇرۇپ بەردى. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۈگۈن دۇنيانىڭ ئالدىنقى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى قاتارىدا يەر ئالماقتا. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى چالا ئوقۇغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭ يانچۇقىدا چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى دىپلومى بولغانلىغى بىلەن پەخىرلىنىپ كەلمەكتە.
1900. يىلى خىتاينىڭ مانجۇرىيە بۆلگىسىنى ئىشخال قىلىۋالغان چار روسسىيە ئارمىيىسىنى بۇ بۆلگىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلاپ خىتاينىڭ قولىدا قېلىشقا سەۋەبچى بولغانمۇ ئامېرىكا ئىدى.
خىتايلار شىنخەي ئىنقىلابنى قوزغاپ مانجۇر خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغاندا تۇنجى قوللىغان دۆلەت يەنىلا ئامېرىكا بولغان.
خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى داۋامىدا گومىنداڭ ئارمىيىسىنى ئۇزۇن يىللار قۇرال- ياراق، ئارقاسەپ تەمىناتى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن يەنە ئامېرىكا ئىدى. جاڭ جېشىنىڭ ئايالى سوڭ مىيلىڭ ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ياردىمىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر قانچە يىل ئامېرىكىدا خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ئۈچۈن پۇل توپلىدى. سوڭ مىيلىڭنىڭ راۋان ئىنگىلزچىسى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ياردەم توپلىشى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت رادىئوسى ۋە چوڭ گېزىت، جورناللار بۈيۈك ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. سوڭ مىيلىڭ غايەت زور مىقتاردا ئىئانە توپلاپ خىتايغا يوللاپ تۇرالىشىدا ئامېرىكا دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ زور پىداكارلىغى بار ئىدى.
1945.يىلى ياپونىيە، ئامېرىكىغا شەرتسىز تەسلىم بولغاندىن كېيىن 14 يىل مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ياشىغان ۋە 40 تىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بولغان مانجۇرىيەنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان دۆلەت يەنىلا ئامېرىكا ئىدى.
مانجۇرىيەنىلا ئەمەس، تارىخنىڭ ھېچبىر دەۋرىدە خىتاي خەرىتىسى ئىچىدە يەر ئېلىپ باقمىغان ۋە 1885. يىلدىن بېرى ياپونىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلگەن تەيۋەننى ياپونىيىنىڭ قولىدىن ئېلىپ خىتايغا سوغا قىلغان دۆلەت ئامېرىكا ئىدى. بۈگۈن خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسى قەدەمدە بىر “ تەيۋەننى قۇراللىق بىرلىككە كەلتۈرىمىز” دەپ جار سېلىشتا “قانۇنى ئاساس بار” دېيىلسە بۇ “قانۇنى ئاساس”نى خىتايغا بەرگەنمۇ ئامېرىكىدۇر.

مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش توغرۇلۇق رۇسلارغا ئەڭ قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن ھەم ئامېرىكا ئىدى. ئامېرىكىنىڭ 1948 -1949.يىللىق ئاق تاشلىق كىتابىدا ئۇ دەۋرنىڭ تاشقى ئىشلىرى مىنىستىرى دېئان گودەرھام ئاچېسون (Dean Gooderham Acheson .11 .ئاپىرىل 1893 – 12 ئۆكتەبىر 1971)نىڭ، شەرقى تۈركىستان دىگەن بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقى توغرىسىدا بايانلىرى بار. شەرقى تۈركىستاننى خىتاي زېمىنىغا قوشۇپ بېرىشتە ئاچقۇچلۇق دۆلەت يەنىلا ئامېرىكا بولغان ئىدى.

1969. يىلى رۇس-خىتاي ئارمىيىسى دامانسكي (رۇسچە: Даманский) خىتايچە جىن باۋداۋ (珍宝岛) ئارىلى ئۇرۇشىدىن كېيىن،سوۋىت ئىتتىپاقى لىدەرى لەئونىد برەجنەۋ(Леонид Брежнев)،مەخپى ھالدا ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى ئاناتولي دوبرينىن(Анатолий Добрынин) ئارقىلىق ، خىتايغا قارشى ئاتوم ئۇرۇشى قوزغايدىغانلىغىنى بىلدۈرگەندە، ئامېرىكا پرەزدىنتى نىكسون دەرھال ۋە تەرەددۇتسىز قارشى چىقتى. نىكسوننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېسىنگىر، سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ باش ئەلچىسى ئاناتولي دوبرينىنگە مۇنداق دېگەن “ سوۋېتلەر ئىتتىپاقى خىتايغا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى ئېتىشى بىلەن تەڭلا بىرلا ۋاقىتتا سېۋىتنىڭ 130 شەھىرىنى ئاتوم بومبىسى بىلەن بومبىلايمىز.” ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ مەخپى پىلانىنى دەرھال خىتايغا يەتكۈزۈپ قويغان. (1969. يىلى 10. ئاينىڭ 15. كۈنىدىكى “گۈنلۈك تىلگىراف” (Daily telegraph) گېزىتىگە بېقىڭ).
ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ جەسەتلەر بىلەن تولغان خارابىلىققا ئايلىنىپ كېتىشىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان دۆلەت يەنە شۇ ئامېرىكا “جاھانگىرلىگى” ئىدى.

1972. يىلى خۇددى ماۋزېدوڭغا ئوخشاش بىر پۇتى گورغا ساڭگىلاۋاتقان كوممۇنىست خىتاي دۆلىتىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئاستا-ئاستا يۆلەپ تۇرغۇزغان يەنە ئامېرىكا بولدى.

1978. يىلىدىن باشلاپ خىتايغا دوللار ۋە يېڭى تەخنىلوگىيەلەرنى ياغدۇرۇپ خىتاينى “دۇنيا فابرىكىسى”غا ئايلاندۇرغان ئامېرىكا ئىدى. چۈنكى، ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك مال سېتىۋالغۇچى ۋە ئىستېمالچى دۆلەت بولغانلىغى ئۈچۈنلا، خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك مال ساتقۇچى دۆلەتكە ئايلاندى. خىتايغا زاۋۇت-فابرىكا قۇرۇش ئۈچۈن 40 يىل ئۆلە تىرىلىشىگە قارىماي بىر بىرى بىلەن بەسلەشكەن ئامېرىكىلىق كارخانىچىلار بولمىسا ئىدى، 40 يىل خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىغا خۇمار بولۇپ قالغان ئامېرىكىلىق كەڭ ئىستېمالچىلار بولمىسا ئىدى، بۈگۈن 3 تىرىليون دوللىرىم بار دەپ ئامېرىكا دۈشمەنلىرىنى ئارقىسىغا توپلاپ، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خىرىس قىلغۇچى خىتاينىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ھازىرمۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ قىزى شىمېڭزې ئامېرىكىدا. ھارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ بېىجىڭغا قايتىپ يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئامېرىكىغا كېلىۋالدى. ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك قوغدىنىش چەمبىرى ئىچىدە بوستوندا ياشاۋاتقانلىقىنى خىتاي مۇخالىپەتلىرىنىڭ يازغان مەلۇماتلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇرۇۋاتىمىز. مۇتلەق كۆپ ساندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئائىلە تاباۋاتى، مال مۈلكى ئامېرىكىدا. ھەتتا ئامېرىكىنى ھەر كۈنى دىگۈدەك ئېيىپلاپ، بوھتان چاپلاپ كېلىۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سۆزچىسى خۇۋاچۈنيىڭنىڭ قىزىمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا بۇلارنى باغرىغا باسقان بولسىمۇ، ئامما بۇ خىتايلارنىڭ ئىچىدىكى ئامېرىكا نەپرىتى ۋىرۇسقا ئايلىنىپ ئامېرىكا خەلقىنى قىرىشنى، ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىشنى سۈرئەت بىلەن داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.

 

ئامېرىكىنىڭ ھەر يېرىدە خىتاي ۋىرۇسىدىن مىڭلاپ ئادەم ئۆلۈۋاتقان، ھەتتا نىيورۇك شەھرىدە ئۆلۈكلەرنى يەرلىكىدە قويىدىغان مازار يېتىشمەيۋاتقان بۇ كۈنلەردە، بەزى خىتايلار بۇتخانىلارغا كىرىپ شام ياندۇرۇپ، ئامېرىكىدا تېخىمۇ كۆپ “ جاھانگىر مۇرىتلىرى”نىڭ ئۆلىشىگە دۇئا قىلىۋاتقان بولسا، بىر قىسىم خىتايلار خوشاللىقىدىن رومكا سوقۇشتۇرۇپ، بىر پاي ئوق زايا قىلماي تۇرۇپ ئامېرىكىلىقلارنى قانداق يۇقېتىۋاتقانلىغىغا تەنتەنە قىلىشماقتا. يەنە بىر قىسىم خىتايلار بولسا ھېچ تەپ تارتماي تورلاردا خوشاللىقلىرىنى ئىزھار قىلىشماقتا.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار 3 يىل دۇنياغا؛ “ خىتايلار، ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇر ئانىلارنى بالىلىرىدىن، ئاياللارنى ئەرلىرىدىن، بوۋاي، مۇمايلارنى نەۋرىلىرىدىن ئايرىۋەتتى. ئۆلگەن ئائىلە ئەزالىرىمىزنىڭ جەسەتلىرىنىمۇ كۆرۈشكە رۇخسەت قىلمايدۇ…” دەپ نالە- پەرياد قىلدى. بۈگۈن ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقى خىتاي ۋىرۇسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارتقان ئازاۋىنى، پەرىشانلىقىنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە.

 

دۇنيا مەدىنىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئىنسان ۋە مال ھەركىتى جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە باياشاتلىغىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كەلگەن. ھازىر پۈتۈن دۈنيادا ئىستانۇكلارنىڭ چارقى، ئايرۇپىلانلارنىڭ، ماشىنىلارنىڭ موتۇرلىرى توختىدى. ئىنسان ۋە مال ھەركىتى توڭلىتىلىۋاتىدۇ. خىتاي ۋىرۇسى تۈپەيلى دۈنيادا تارىخىدا كۆرۈلمىگەن ئىقتىسادى كىرزىس، ئاچارچىلىق ئامىللىرى ئۇپۇقتا كۆرۈنىۋاتىدۇ.

 

ئەلقىساسى مىنەل ھەق.دۇنيا خەلقىنىڭ غەزىپى دەريالارغا، بۇساناقسىز دەريالار دېڭىزلارغا ئايلىنىۋاتىدۇ. بۇ غەزەپ دېڭىزى ئاخىرى ئوكيانلارغا ئايلىنىپ خىتاينى يۇتمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟

شاڭگاڭدا چىقىدىغان《南华早报》گېزىتى 6. ئاپىل سانىدا خىتايدا 1-2-3. ئايدا 460000 شىركەتنىڭ ۋەيران بولۇپ تاقىلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

8. ئاپىرىل كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپىئاۋ، 3 ئاي ئىچىدە 490 ئۇچاق بىلەن 90 دۆلەتتىن 500000 ئامېرىكا پۇخراسىنى قاتۇرۇپ كېلىپ بولغانلىقنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلەر مىنىستىرلىكى ئەڭ ئاخىرقى چاقىرقىدا، بولۇپمۇ خىتايدا ياشاۋاتقان ئامېرىكا پۇخرالىرىنىڭ تامامەن قايتىپ كېلىشىنى، كېچىكىپ قالسا قايتىپ كېلىش پۇرسىتىنىڭ بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشلىرى ھارپىسىدا بۇ بۆلگىلەردىكى ئامېرىكا پۇخرالىرىنى چاقىرىۋالغان بولسىمۇ، بۇ قەدەر كەڭ كۆلەملىك قايتىش سەپەرۋەرلىگى ئامېرىكا تارىخىدا بولۇپ باققان ئەمەس.

 

ياپونىيە ھۆكۈمىتى، خىتايدىن قايتىپ كېلىدىغان ياپون شىركەتلەرگە 220 مىليارد يەن (2.2 مىليارد دولار) ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىدىغان ياپون شىركەتلەرگە بولسا 23،5 مىليارد يەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ياپون شىركەتلىرى قانداقتۇر بىر ئەندىشە ئىچىدە خىتايدىن چېكىنىش تەييارلىقىنى باشلىدى.

 

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تارتقان زىيان تۈپەيلى خىتايدىن تۆلەم تۆلىتىش داۋالىرى سوت مەھكىمىلىرىگە سۇنۇلدى. ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ بۇ خىل داۋا ھازىرلىقى باشلاندى.

 

پۈتۈن دۇنيا خەلقى خىتاي بىلەن ھىساپلىشنىڭ زامانى كەلگەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتمەكتە. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭغا كۆرە ھەركەت ئىستىراتىگىيەسى بەلگىلەش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھاياتى ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

2020.يىلى 4.ئاينىڭ 10.كۇنى.

Share
4918 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.