logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتارلىق مېھمان چاقىرىشتا رۇخسەت سوراشنى تەلەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى مۇنازىرە قوزغىدى

uyghurlar-300x210

ئىجتىمائىي تارتقۇلاردىن ئۈندىداردا ئاشكارىلانغان بىر ئۇچۇردا، تەۋەلىكتىكى مۇسۇلمانلاردىن ئىپتارغا قوشنىسى ۋە تۇغقانلىرىنى چاقىرغانلارنىڭ مەھەللە كومىتېتىغا خەۋەر قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغانلىقى مۇنازىرە قوزغىدى.

چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن شىۋېتسىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى ناملىق تور خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى تاشبۇلاق باشقۇرۇش كومىتېتى نامىدىن ئاھالىلەرگە يېزىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق بايانلار بېرىلگەن: «تاشبۇلاق باشقۇرۇش كومىتېتى كۆچمە نوپۇسنى ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئورۇننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تەۋەلىكتىكى مۇسۇلمانلار رامزان ئېيى مەزگىلىدە زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارغا ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى، قوشنىلىرىنى چاقىرىشتىن بۇرۇن، مەھەللە تەۋەلىكتىكى مۇقىملىققا مەسئۇل كادىرنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

رامزان كىرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ھەر خىل ئۇقتۇرۇش، ئېلانلارنى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال رامىزانلىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلار خەۋەر بەرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghurda-ramizan-07032015140904.html

Share
1280 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.