logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» كە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىشى ئەيىبلەندى

بۇ يىل ئەتىيازدا باشلانغان ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ساداقىتىنى ئىپادىلەش، توۋا قىلىش» ھەرىكىتى ئۇيغۇر دىيارىدا 4 ئايدىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

فېيسبۇك، ۋاتساپ قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار كادىرلىرىغا ئىشەنمەسلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زەربە ئوبيېكتى قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دەپ تەرىپلەندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى مىللەت سۈپىتىدە ھەر خىل سىياسىي بېسىم ۋە باستۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىدىنمۇ ئايرىلغان ھالەتتە، ساقچىلارنىڭ قورشاۋى ئىچىدىكى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە ياشىماقتا.

15-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئىلھام سابىرنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلايلى سەرلەۋھەلىك ماقالىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيى ئىشخانىسىنىڭ ئەزاسى مەمەتتۇرسۇن ئەنۋەرنىڭ «شەمشەرنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىمىز» سەرلەۋھەلىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. ئەينى بىر كۈندە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدە ئىشلەيدىغان 10 نەچچە نەپەر مىللىي كادىرنىڭ ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى قەسەمنامىگە ئىمزا قويۇپ، ئىپادىسىنى بىلدۈرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئىلھام سابىرنىڭ ماقالىسىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر كادىرلىرىنىڭ بۇ خىل ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرى خوتەنلىك يېزا كادىرى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 4- ئايدىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئاز كەم 5 ئايدىن بۇيان، بۇ خىل تاراتقۇلاردا ئىپادە بىلدۈرۈش ھەرىكىتى كېڭەيدى. خىتاي تاراتقۇلىرىدا يۇقىرىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، ھەتتا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلاردىن، تۆۋىنى يېزا كادىرلىرى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مائاش ئالىدىغان ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى تەرىپىدىن يېزىلغان «ھۆكۈمەتكە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش» مەزمۇنىدىكى توۋانامىلەر بارغانچە كۆپەيدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ساداقىتىنى ئىپادىلەش، توۋا قىلىش» ھەرىكىتى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىندىكى ئۆزى ئۈچۈن كەتمەن چېپىۋاتقان ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت كادىرلىرىنىڭ ساداقىتىنى سىناش، ئۇلارغا ئىشەنمەسلىك خاھىشىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بولۇپ خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەت كادىرلىرىغا قارىتىلغان روھى جەھەتتىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى.

دىلشات رىشىت ئەپەندى بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىدىكى سەۋەب ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان رايوندا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىن ئەنسىرەش تۇيغۇسى بىلەن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا يىللاردىن بۇيان بۇ خىل سىياسىي زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلەرگە جىددىي دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىم بۇ خىل توۋانامە يازدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى دۈشمەن دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زۇبەيرە خانىمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆز مىللىتى بولغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا مەجبۇر قىلىدىغان بۇ خىل سىياسەت، يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىغا ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ.

قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىدىن ئەنسىرىشى ۋە جىددىيلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر كادىرلىرىنىڭ ساداقىتىنى سىنايدىغان بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئارزۇ قىلغاندەك ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا زۇبەيرە خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرى ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىغا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەتلەرگە ھەر ۋاقىت جىددىي دىققەت قىلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مەخسۇس دوكلات شەكلىدە يوللاش، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان سىياسىي، مەنىۋى ۋە ماددىي زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بەلكى غەرب دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئورگانلىرى ئارقىلىق خىتايغا داۋاملىق بېسىم قىلىش زۆرۈر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ikki-yuzlime-08152017150202.html

Share
1283 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.