logo

trugen jacn

ئۇيغۇرلار، لى جىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلغان بۇ ھاقارىتىنى بىلىپ قالسۇن

 

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئۇيغۇرلار، لى جىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قىلغان بۇ ھاقارىتىنى بىلىپ قالسۇن

 

شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدار لى جى 2016.يىلى 18 نويابىر 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. لى جى 5. ئىيۇل 2009. ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇشتا بىۋاستە قوماندانلىق قىلغان ئادەم. بۇ ۋەقەدىن كېيىنلا لىجى ئۇرۇمچى- سانجى شەھەرلىك پارتكوم شۇجىلىق ۋەزىپىسىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئۆستۈرۈلدى

 
تەڭرىتاغ تورىينىڭ 2009.يىلى 3. ئاينىڭ تۇنجى كۈنلىرىدىكى بىر خىتايچە خەۋەر، مېنىڭ لى جىغا بولغان دىققىتىمنى تارتقان ئىدى. خەۋەردە، لى ج شىنخۇا مۇخبىرىغا؛ “ مەن، ئىچكىرىدىن ئۈرۈمچىگە ئىش ئىزدەپ كەلگەن ھەرقانداق بىر ئىشسىزنى 24 سائەت ئىچىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن. كېلىدىغانلار ئەنسىرىمەي كېلىۋەرسۇن.” دەپ چاقىرىق قىلغانلىقى يېزىلغان. مەن ئۇ كۈنلەردە يازغان “رۇيلىدا كېڭىيىۋاتقان ئۇيغۇر مازارلىقى” دېگەن ماقالەمدە لى جىنىڭ بۇ سۆزىنى مىسال كەلتۈرۈپ، “يۇرتىمىزدا ئىچكىرىدىن ئىش ئىزدەپ چىققان بىر خەنزۇ ئىشسىزغا 24 سائەتتە ئىش تېپىلىدۇ. ئامما، بۇ يۇرتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇرغا ئۆز يۇرتىدا 24 كۈن، 24 ئاي، 24 يىل كۈتسىمۇ ئىش تېپىلمايدۇ. خەنزۇلارغا زاۋوت –فاپىرىكىلارنىڭ، ئۇيغۇرلارغا تۇرمىلارنىڭ دەرۋازىسى ئوچۇق….. ئۇيغۇرلارغا دوزاخ بولغان بۇ زىمىن، خەنزۇلارغا جەننەت بولىشى ناتايىن.” دەپ يازغان ئىدىم. بۇ ماقالە باشقا تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلىنغاچقا ۋەتەندىكى كۆپلىگەن تورلاردا ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنىپ 3 ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋەقەسى پارتلىدى. ئۇيغۇرلارغا دۇزاخ قىلىنغان يۇرتىمىزنىڭ خەنزۇلارغىمۇ جەننەت بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى

 
كېيىن لى جى توغرۇلۇق بىر ئۇيغۇر ماڭا ئىنتايىن مۇھىم بىر مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ يېقىن ئۆتىدىغان بىر سودىگەر دوستى لى جى بىلەن يېقىن ئىكەن، پارا بېرىپ ئىشلىرىنى ھەل قىلىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ لى جى بىلەن 10 يىلدىن ئارتۇق دوسلىغى باركەن. ئۇيغۇر سودىگەر خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، مىللى ئۆرپ- ئادىتىنىمۇ بىلمەيدىغان. لى جى بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچكەن، چوشقا گۆشى يېگەن بىرسى ئىكەن. بۇ ئۇيغۇر سودىگەر، تازا مەس بولغاندا ھېكايىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگۈچىگە مۇنداق دېگەن؛ “ تۈنۈگۈن ئاخشام مەن لى جى شۇجى بىلەن بىللە ئىدىم. سوغاتلىرىمنى بەردىم. شۇجىغا يېقىندا جەنۇبقا بېرىپ كەلگەنلىكىمنى، قىش كۈنلىرى يېزىلاردىكى ھەممە ئەرلەرنى ھاشارغا ئەكەتكەنلىگىنى، بىر تۇققىنىمىزنىڭ ئايالى، ئېرى ھاشاردا بولغاچقا تۇغۇتتا دوختۇرخانىغا بارالماي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتىم. شۇ ھاشار دېگەننى ئەمەلدىن قالدۇرسا بولماسمۇ؟ دەپ يېلىندىم. لى شۇجى نېمە دېدى بىلەمسەن؟ “ سېنىڭ مىللىتىڭنىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوق. پەرقى ھايۋان گەپ قىلالمايدۇ. سېنىڭ مىللىتىڭ گەپ قىلالايدۇ. ھاشارنى نىمىشقا ئىجات قىلدۇق بىلەمسەن؟ سېنىڭ مىللىتىڭ بىكار قالدىمۇ ئىش چىقىرىدۇ. بىكار قالمىسۇن دەپ ئىجات قىلدۇق. بۇ ھاشار خەنزۇلارغا بارمۇ؟ يوق.تۇڭگان قازاق، قىرغىزلارغا بارمۇ؟ يوق. ھاشارنى ئۇيغۇرلارغا ئىجات قىلدۇق. سەن پۇلۇڭنى تاپ ئىشىڭنى قىل دوستۇم!” دېدى. ئاداش، مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بالىسى. ئۇيغۇرلار راستىن ھايۋانمۇ؟ “دەپ ھۆڭگىرەپ يىغلاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەنلا ئۇنى ئىزدەپ، “ئاخشام مەستلىكتە ئاغزىمدىن بەزى گەپلەر چىقىپ كەتكەن بولسا، ھېچكىمگە تىنما ئاداش” دەپ يالۋۇرۇپتۇ

20150706111508528

خىتاي ئەمەلدارى لى جى تۈنۈگۈن خىيانەت جىنايىتى بىلەن 12 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. يۇرتىمىزدا “مىللى ئۆچمەنلىك، مىللەتلەر ئىتتىپاقىغا بۇزغۇنچىلىق” دەيدىغان جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان، جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر بۈگۈن تۇرمىلاردا ئازاب تارتماقتا. بىراق، بۇ خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان بىرمۇ خىتاي يوق. چۈنكى، خىتاي ھاكىمىيىتى، ئۇيغۇرلارنى ھېچقاچان مىللەت دەپ قارىغان ئەمەس. لى جنىڭ سۆزى، ۋەتىنىمىزدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئورتاق كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن. مەن كۆپ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا شۇ سۆزنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن؛ ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىغىنى ئۇنۇتسىمۇ، خىتايلار ئۇنتۇمايدۇ

يىل 2016-11.ئاينىڭ 19. كۈنى

مەنبە

新疆“首虎”栗智获刑十二年 收受财物超1300万

Share
1729 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.