logo

trugen jacn

ئۇكرائىنا ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە ئۆزگىچە ئويلار (پارچە)

 

                                                                 نەزەر

فاشىست پۇتىن باشچىلىقىدىكى يېڭى چار ئىمپېرىيەسى مۇستەقىل دۆلەت ئۇكرائىنانى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنا قارىتا تاجاۋۇز ئۇرۇشى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ناتونىڭ ھەربىي ياردەملىرىگە ئېرىشىۋاتقان ئۇكرائىنا پىرېزىدېنت زېلېنىسكى باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ئۇكرائىنا خەلقى ئۆز ۋەتىنى  قوغداش ئۈچۈن رۇس فاشىستلىرىغا قارشى ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىغا قەھرىمانلارچە ئاتلىنىپ، پۇتىننىڭ 24  سائەت ئىچىدە كېيۋنى، 48 سائەت ئىچىدە پۈتۈن ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پىلانىنى تارمار قىلىپ، ھەر قايسى فرونتلاردا كەينى – كەينىدىن شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە. رۇس فاشىستلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر خەلقلەرنىڭ كەسكىن ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىماقتا ھەمدە بۇ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىش سادالىرى پۈتۈن دۇنيانى قاپلاشقا باشلىدى.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسى (ئۇرۇشى)  بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان تەسىرلىرى توغرىسىدا كۆپلىگەن ئانالىزلار بارلىققا كەلدى ۋە كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل بولۇشى نۆۋەتتىكى ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ قانداق ھەل بولۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېگەن كۆز قاراشلار مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى مەسىلە ماھىيەت جەھەتتىن بىر- بىردىن  پەرقلىق مەسىلىلەردۇر.

ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسى بولسا تاجاۋۇز  قىلىش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت  بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ ئۇرۇش خەلقئارانىڭ ئارىلىشى بىلەن بەلكىم ئىككى تەرەپنىڭ بىتىم تۈزۈشى بىلەن ئاياقلىشىشى مۇمكىن.

ئەندى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى خىتاي فاشىستلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر جىنايىتىدىن ئىبارەت بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدۇر، يەنى ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر مىللەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بۇ جۇغراپىيەلىك جايدىن يوقىلىپ كېتىشتىن ئىبارەت بىر مەسىلىسىدۇر. ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ قانداق تەرىقىدە ھەل بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان نەتىجىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇكرائىنا مەسىلىسىنىڭ نەتىجىسى پەقەت خىتاي كومھۈكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە بولغان نۆۋەتتىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ۋاقىتلىق قانداق بولۇشىنىلا بەلگىلەيدۇ، ئۇكرائىنا مەسىلىسى ئەكسىچە قىتاي كومھۆكۈمتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىدۇ، خالاس.

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق پەقەت ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا كەسكىن ۋە ئەجەللىك ئىقتىسادىي چەكلىمىلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلەرنى قويۇشى ۋە نۆۋەتتىكى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالمىشىشى بىلەن قىسمەن ھەل بولۇشى مۇمكىن ياكى خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن پۈتۈنلەي ھەل بولۇشى مۇمكىن.

2022- يىلى 19- مارت

 

 

Share
2611 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.