logo

trugen jacn

ئۆمۈر ئۆتكەللىرى

 

ئابلىكىم باقى ئىلتەبىر

 

ھەر نورۇزدا دوست – يارەنلەر بەزمە قۇرماق،

ئەجدادلاردىن بىزگە مىراس بولۇپ قالدى.

ھايات گويا ئويناپ كۈلۈپ ئۆتكەن بىلەن،

كۆڭۈل جامى ئەندىشىگە تولۇپ قالدى.

 

ئۆتكەن ئۆمۈر گۈمبىزىنىڭ ئاسمىنىدا،

رەت – رەت بولۇپ تالاي تۇرنا ئۆتۈپ قالدى.

يىللار دېگەن ئەزرائىلنىڭ ئەلچىلىرى،

ئالدىمىزدا ئەنە بىزنى كۈتۈپ قالدى.

 

سائىتىمنىڭ چىكىلدىغان ئاۋازىغا،

تەڭكەش بولۇپ سائەت ئۆمرۈم كېتىپ قالدى.

ئايلار ساداق، كۈنلەر گويا ئوقيا بولۇپ،

ئەجەل ئوقى ئارزۇلارنى ئېتىپ قالدى.

 

ۋادەرىخا، ئارمانلىرىم كۆك ئاسماندىن،

يەرگە چۈشۈپ ئاق قار كەبى يېتىپ قالدى.

چاغلىق ئىكەن قۇياشنىڭمۇ ھارارىتى،

ئېرىدى – يۇ، ئەمما يەنە قېتىپ قالدى.

 

نورۇز كېلەر ۋاراق يىرتىپ يېڭىلىنىپ،

ئەمما ئۆمۈر كونا زەنجىر چېتىپ قالدى.

مىسكىن كۆڭۈل ۋەھىمىنىڭ پاتقىقىدا،

رەنجىش بىلەن پالاقشىدى پېتىپ قالدى.

 

بۈگۈن يەنە كەپتۇ نورۇز جىلۋە بىلەن،

تالاي ئىنسان ئاڭا ھايات سېتىپ قالدى.

لېۋى كۈلكە، زىلى يىغا قېرىنداشلار،

بۇ نورۇزنى گويا مەيدەك تېتىپ قالدى.

Share
2430 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.