logo

trugen jacn

ئۆستەڭدە ئۆلگەن بالا 20 قېتىم لاگېرغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن

قارىقاشتا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلغان بالا.07:36

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى ياشلىق بالا ھەققىدىكى ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بىر ۋە بىر يېرىم يىلدىن بۇيان قاراقاشتىكى بوستانكۆل

 لاگېرىدا ئىكەنلىكى؛ بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ 76 ۋە 78 ياشتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. مەلۇم بولۇشىچە، بالىنىڭ مومىسى ۋە بوۋىسى بالىنى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ07:36سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بوستانكۆل لاگېرىغا يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە 20 قېتىم بارغان. ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش ئىلتىماسىغا ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتارلىق 4 ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىلتىماس لاگېر باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ زاۋا يېزا چوكان جىلغا كەنتىدە ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىككى ياشلىق بالا ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلاردا دېيىلىشىچە، ئىسمى رەخمىتۇللا شىرباقى بولغان بۇ بالا 21‏-دېكابىر كۈنى غايىب بولغان ۋە 24‏-دېكابىر كۈنى جەسىتى ئۆستەڭدىن بايقالغان.

بىز چوكان جىلغا كەنتىدە 2 ياشلىق بالىنىڭ ئۆستەڭگە چۈشۈپ كېتىپ جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ھەققىدە داۋاملىق مەلۇمات سۈرۈشتە قىلدۇق. ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا دادىسىنىڭ 1 يېرىم يىلدىن بۇيان، ئاپىسىنىڭ بولسا بىر يىلدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ساقچى خادىملىرىدىن بىرىنىڭ دېيىشىچە، ئىككى ياشلىق رەخمىتۇللانىڭ دادىسى شىرباقى تېلېفوندىن مەسىلە چىقىپ لاگېرغا ئەكېتىلگەن؛ ئەمما ئاپىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەكېتىلگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

ئالاقىدار كەنت ئاياللار مۇدىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رەخمىتۇللاغا قاراۋاتقان بوۋىسىنىڭ ئىسمى مەتنۇرى مەخسۇت 78 ياش؛ مومىسى مەھدۇمخان تۇرسۇننىياز 68 ياش بولۇپ، بۇلار ئىككى ياشلىق نەۋرىسىنى ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ۋە ئۆزلىرىمۇ لاگېردىكى ئوغۇل ۋە كېلىنىنى كۆرۈۋېلىش مەقسىتىدە سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، بوستانكۆل يىغىۋېلىش مەركىزىگە يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە 20 قېتىم بارغان ۋە كۆرۈشۈش ئىلتىماسى سۇنغان. مەزكۇر بوۋاي-موماي ئۆزلىرىنىڭ كۆرۈشۈش ئىلتىماسىغا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، يېزىلىق ساقچىخانا، ناھىيىلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ۋە ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تامغىسىنى باستۇرغان بولسىمۇ، تەلەپ ئىزچىل ھالدا رەت قىلىنغان.

كەنت ئاياللار مۇدىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، قاراقاش ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياسىنجان دېگەن كىشىنىڭ تەستىق ئىمزاسىمۇ كارغا كەلمىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، 2 ياشلىق رەخمىتۇللا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 18‏-دېكابىر )چارشەنبە( كۈنى، يەنى جەسىتى تېپىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، بوۋا-مومىسى بىلەن بىرلىكتە بوستانكۆل لاگېرىغا ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، ئەمما لاگېر باشقۇرغۇچىلىرى ئۇلارغا ئۆيىگە قايتىپ تېلېفون كۈتۈشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى يەنە رەت قىلغان.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/tonglap-olgen-bala-12312018234653.html

Share
1792 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.