logo

trugen jacn

ئۆز خەلقىگە ئوق ياغدۇرغان ئەسكەرلەر ۋە ئوق ياغدۇرۇشنى رەت قىلغان ئەسكەرلەر

 

mehmet-emin-.-1

مەھمەت ئىمىن ھەزرەت

 

تۈركىيەدە 2016.يىلى 15. ئىيۇل كېچىسى ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بۇ توغرۇلۇق ئون مىڭلىغان خەۋەر،ئانلىزىلار ئېلان قىلىندى. مىڭلىغان سىياسى ئەرباپ، جورنالىست، ئىستون يازغۇچىلىرى، بۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ئۆزگىرىش توغرۇلۇق ئانىلىز ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئورتىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە باش مىنىستىرى بىن ئالى يىلدىرىم 18 . ئىيۇل كۈنى، ھەربىي ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك 7500 ئەتىراپىدا كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى گېنېرال ۋە كوماندىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىيلەر. بۇنىڭدىن باشقا 8700 دىن ئارتۇق ساقچى ۋە 2750 دىن ئارتۇق سوت،تەپتىش خادىملىرى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى. دۆلەت كادىرلىرى ئارىسىدىمۇ زور بىر تۈركۈم كادىرلار ئىشتىن چىقىرىلماقتا
مىنىڭ ئورتىغا قويىدىغىنىم، ھەممەيلەن تەرىپىدىن سۆزلىنىۋاتقان، يېزىلىۋاتقان بۇ مەسىلىلەر ئەمەس. 15.ئىيۇل خەلقنى باستۇرۇش ئۈچۈن كوچىغا چىقىرىلغان قۇراللىق تۈرك ھەربىي قىسىملىرى بىلەن 4 . ئىيۇن 1989.يىلى خەلقنى باستۇرۇش ئۈچۈن بېجىڭ كوچىلىرىغا چىقىرىلغان خىتاي ھەربىي قىسىملىرى ئارىسىدىكى پەرقنى ئورتىغا قويۇش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تەپەككۇر ۋە دىققەت نەزىرىنى بۇ نۇقتىغا جەلپ قىلىش

تۈركىيەدە 15 . ئىيۇل كۈنى كېچىسى ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن ۋە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ئۆزگىرىشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 290 نەپەر. ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا 100 ئەتىراپىدا ئەسكەر بار

 

00-640x360
ئىستانبۇل بۇغاز كۆۋرىگىنى 15. ئىيۇل 2016. كېچىسى توسۇۋالغان سىياسى ئۆزگىرىش تەرەپدارى ئەسكەرلەر

ئىستانبۇلدا 15 . ئىيۇل كېچىسى تانكىلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ “ئەي، تۈرك مىللىتىنىڭ ئەسكەرلىرى! تۈرك خەلقىگە ئوق ئاتماڭلار!” دەپ خىتاب قىلىپ، تانكىلارغا قاراپ ئىلگىرلىگەن خەلققە قارشى، قوماندان “ئوق چىقار!” دەپ بۇيرۇق بەرگەندە، پولكوۋنىك پەرھات داش، “بىز ئۆز خەلقىمىزگە ئوق چىقارمايمىز.” دەپ رەت قىلغان. قوماندان، “ بۇيرۇققا بوي سۇنمىساڭ، سېنى ئېتىپ تاشلايمەن.” دەپ قورالىنى تەڭلىگەن. پولكوۋنىك پەرھات داش، “ سېنىڭ تاپانچاڭدىن چىققان ئوقتا ئۆلۈشتىن، ئۆز تاپانچامدىن چىققان ئوق بىلەن ئۆلىمەن” دېگەن ۋە ئۆز بېشىغا بىر پاي ئوق ئېتىپ شېھىت بولغان. يەنى خەلقىنى ئۆلتۈرۈشتىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشنى شەرەپ بىلگەن

 

plain-blue-background-wallpaper-3

ئون بەشىنچى ئىيۇل كېچىسى، خەلققە ئوق چىقىرىشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنى ئېتىۋالغان قەھرىمان پولكوۋنىك پەرھات داش

 

 
خىتاي “خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى” 1989. يىلى 6. ئاينىڭ 4. كۈنى كېچىسى بېجىڭدە، تىنچلىق ئىچىدە ھۈكۈمەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئوقۇغۇچىلارنى قورشىۋالدى

Tiananmen-Square-Thousand-001

تيەنئەنمىن مەيدان 1989.يىلى 6. ئاينىڭ 3. كۈنىدىكى بىر كۆرۈنۈش

كېچە يېرىمدا، ئەسكەرلەرگە ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى بېرىلدى ۋە ئوقۇغۇچىلار 4 سائەت توختاۋسىز ئوق يامغۇرىغا تۇتۇلدى. تانكىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئېزىپ كەچتى. ھەر بىر ئائىلىنىڭ يالغۇز بالىسى بولغان 3000 دىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇغۇچىسى پەقەتلا تيەنئەنمىن مەيدانىدا قىرىپ تاشلاندى. “ئۆز خەلقىمگە ئوق چىقارمايمەن” دېگەن بىرمۇ ئەسكەر بولمىدى. ئوقۇغۇچىلارنى قوغدىغۇچى خەلقمۇ تارقاپ كەتكەن ئىدى. بىر خىتاي ئەسكىرىنىڭمۇ بۇرنى قانىمىدى

 

201206041545211801

تيەنئەنمىن 1989.يىلى. 4 ئىيۇن سەھەردىن بىر كۆرۈنۈش

ھەربىي ئۆزگىرىشنى قوزغىغۇچى گىراللاردىن بىرسى بولغان سەمىھ تەرزى 20 دەك ئەسكەر بىلەن “ئالاھىدە ھەربىي ھەركەت قوماندانلىقى” قوماندانلىق شىتابىغا كىلىدۇ ۋە باش قۇماندان زەكايى ئاقساقال گىنىرالنىڭ ئىشخانىسغا كىرگەندە، گىنىرالغا ۋاكالىتەن كېچە نۆۋىتىدە تۇرىۋاتقان، گېنېرالغا ۋاكالىتەن قوماندانلىق ھۇقۇقى بولغان پولكوۋنىك ئۆمەر خالىسدەمىرگە، “بۇندىن كېيىن قوماندان مەن.بارلىق بۇيرۇقلارنى مەن بىرىمەن.ئەسكىرى قوشۇننىڭ قوماندانلىقىنى مەن ئۆتكۈزۈۋالدىم.” دەيدۇ
پولكوۋنىك ئۆمەر خالىسدەمىر تەرەددۇتسىز ھالدا تاپانچىسىنى چىقىرىپلا، گېنېرال سەمىھ تەرزىنىڭ چېكىسىگە بىر پاي ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. ھەربىي ئۆزگىرىش ئۈچۈن گېنېرال بىلەن بىللە كەلگەن ياردەمچىلىرى ئۆمەر خالىسدەمىرگە ئوق ياغدۇرۇپ، ئونى شېھىت قىلىدۇ

578b997318c77356087869f9

ئۆز خەلقىنى قوغداش يولىدا، ھەربىي ئۆزگىرىش قوماندانى گىنىرال سەمىھ تەرزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، شېھىت بولغان قەھرىمان پولكوۋنىك ئۆمەر خاسدەمىر
تۆتىنجى ئىيۇن 1989. كېچىسى خىتاي پايتەختى بېجىڭنىڭ يەر ئاستى ئەۋرەز تۇروببىلىرىدىن قىزىل قانلار سۇ بۇلۇپ ئېقىۋاتاتتى. تيەنئەنمىن مەيدانىدىكى جەسەتلەر كىرانلار بىلەن توپلىنىپ، ھەربىي ماشىنىلارغا يۈكلىنىپ، ئۆلۈك كۆيدۈرۈش خۇمدانلىرىدا كۆيدۈرۈلۈپ، قەتلىئامنىڭ ئىزلىرى يوقىتىلدى. خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدە ھېچبىر كوماندىر ۋەياكى ئەسكەر، ئۆز خەلقىنى قىرىپ تاشلاشقا قارشى ئېغىزدا بولسىمۇ نارازىلىق بىلدۈرگەنلەر چىقمىدى. بۇ قەتلىيامدىن 27 يىل ئۆتكەن بۇگۈنكى ۋاقىتتىمۇ، “تيەنئەنمىن قەتلىئامى” جەريانىدا ياكى كېيىن، خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدە بۇ ۋەقەنىڭ خاتا بولغانلىقىنى سۆزلىگەن بىرەر قوماندان ياكى ئەسكەر بولغانلىغى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات يوقتۇر

 

Tiananmen-Meydanı-ölümler

بەشىنچى ئىيۇن كۈنى ئەتتىگەندە تانكىلار ئاستىدا ئىزىلىپ ئۆلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەسەتلىرىنى تاماشا قىلغىلى كەلگەن بىغەم بېجىڭ ئاھالىسى

 

ئون بەشىنچى ئىيۇل كېچىسى، دۆلەتنى ھىمايە قىلغۇچى تۈرك ئارمىيىسى، قەھرىمان تۈرك ساقچىلىرى ۋە تۈرك خەلقى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى مىسلىسىز ئىتتىپاق ۋە جاسارەت ئىچىدە كۈرەشكە ئاتلاندى.
ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە ئاھالىسى ۋەتەن، ئەركىنلىك ، دىمۇكراتىيە ۋە ئادالەت ئۈچۈن تانكىلارنىڭ قارشىسىدا ئىنسان ۋۇجۇدىدىن سېپىل ھاسىل قىلدى. تانكىلار، ئىنسان ۋۇجۇدىدىن ھاسىل بولغان سېپىللەر ئالدىدا توختاشقا بەجبۇر بولدى. شەھەر ئاھالىسى، قانۇنسىز ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغان ئەسكەرلەرنى تۇتۇپ، باغلاپ ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا 145 نەپەر پۇخرا، 60 نەپەر ساقچى، 3 نەپەر ئەسكەر ، جەمئى 208 نەپەر تۈرك ۋەتەنپەرۋەر شەھىت 1491 نەپىرى يارىدار بولغان بولسىمۇ، بىر كېچىلىك كۈرەش ئارقىلىق، قانۇنسىز ھەربىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ قىلىندى. خەلقنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيە قوغداپ قېلىندى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۆلۈملەرنىڭ ئالدى ئېلىندى

 

ankara-tank-halk
ئون بەشىنچى ئىيۇل كېچىسى ئۆلۈمنى كۆزگە ئېلىپ تانكىلارنى ئولجا ئالغان ئىستانبۇللۇق ياشلار

 

تۆتىنچى ئىيۇن 1989 دىن كېيىن، خىتايدا تىنچلىق يولى بىلەن دىمۇكراتىيە، ئەركىنلىك،ئادالەت ئىستىگەنلەر ئېغىر جازالارغا مەھكۇم قىلىندى. ئون مىڭلىغان ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى، يۈزمىڭلىغان دۆلەت كادىرى، كاسىپ- ھۈنەرۋەن، شەھەر ئاھالىسى تۇرمىلارغا تاشلاندى. خىتاي تەۋەسىدە 5 مىليونغا يېقىن ئىنسان، گۇمانلىق قارىلىپ، جىنايى ئارخىپى تۇرغۇزۇلدى ۋە سىياسى، ئىختىسادى، مەنىۋىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى. خىتاي خەلقى ھەربىي دىكتاتۇرلۇققا قارشى چقمىغانلىقنىڭ بەدىلىنى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە ئۆتەشكە مەجبۇر بولدى. بۈگۈن، ئۇ قولى قانلىق كوممۇنىست رەھبەرلەر ۋە ئا’ئىلە تەۋەلىكلىرىنىڭ ھەر بىرسى قىزىل كاپىتالىستلارغا ئايلىنىپ دەۋران سۈرمەكتە. 1.35 مىليارد بوينى ئېگىك خىتاي خەلقى بولسا ئېغىر ئازاب ۋە ئادالەتسىز تۈزۈم ئاستىدا ئېزىلمەكتە. خىتاي خەلقىنىڭ روھى ۋە ۋۇجۇدى ئازابقا، خورلۇنۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان ۋەزىيەتتە. زۇلۇم، خىتاي خەلقىنى بۇيۇنتۇرقىغا ئاشىق ھۆكۈزلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر رىئاللىقتۇر

 

شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقى بولسا، ئىشخالىيەتچى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تانكا، ئۇرۇش ئايروپىلانى، توپ- زەمبىرەك، پىلىمۇتلار بىلەن باستۇرۇشىغا قارشى، قۇرۇق قول، پىچاق، توخماقلار بىلەن ئۆزلىرىنى، ۋەتىنىنى،دىنىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەركىنلىگىنى قوغداش يولىدا، مىسلىسىز قەھرىمانلىق بىلەن كۈرەش قىلماقتا. ئۆتەۋاتقان بەدىلىنى سۆز بىلەن تەرىپلەش مۇمكىن ئەمەس

قۇللۇققا بويۇن ئېگىش ياكى ئەركىن ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، مىللەتلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. مىللىي تەقدىرنى بەلگىلەيدىغان ئامىل، مىللىي خاراكتىردۇر. بىر دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ئۆز خەلقىنى ئوققا تۇتۇش، تۇتماسلىق مەسىلىسىمۇ، مىللىي خاراكتېرنى ئاشكارىلايدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. تۈرك مىللىتى بىلەن خىتاي مىللىتىنىڭ، تۈرك ئارمىيىسى بىلەن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرقىمۇ مىللىي خاراكتېر ۋە مىللىي مەدىنىيەتتە ياتماقتىدۇر

 

23

resized_486cb-deb84a07160720162249575165755

ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە تانكىلارغا قارشى، ئەركىنلىك ۋە دىمۇكراتىيە ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان تۈرك خەلقى

 

ئەركىن ياشاش ياكى قۇل بولۇپ ياشاش، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز تاللىشىغا باغلىقتۇر.” شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ” يۇنۇس سۈرىسى 44. ئايەت

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى تۇنۈگۈن تۈركچە يېزىپ ئېلان قىلغان ئىدىم.تۈركچە بىلمىگەن بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن بۇگۈن ئۇيغۇرچىلالشتۇرۇپ ئېلان قىلدىم

Share
2963 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.