logo

trugen jacn

ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان قانداق يوللار بار؟

ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرۇشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان قانداق يوللار بار؟

ئەركىن سىدىق

2023-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى
كىرىش سۆز
يەنە بىر يىلنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى، يەنى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر ئىرقىي
قىرغىنچىلىقىنى باشلىغىنىغا 6 يىل توشتى. بۇ 6 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرالر چەت ئەلدە ئېلىپ
بېرىۋاتقان مىللىي ئازادلىق دەۋاسى بۇرۇنقى ھەر قانداق دەۋرلەردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كېڭەيدى ۋە كۈچەيدى.
چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىالتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۆزئارا ئۇيۇشۇپ، بىر
ناھايىتى كۈچلۈك بىرلىك سەپ ھاسىل قىلدى. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەت ئەلدە ساقالپ قېلىش
جەھەتتىكى ئىشالر بۇرۇنقى ۋاقىتالردىكىدىن تېخىمۇ ياخشى تەشكىللەندى، ۋە پائالىيەتلەر سىستېمىالشتۇرۇلدى،
كېڭەيتىلدى ۋە كۈچەيتىلدى. ئۇيغۇر پروجېكت فوندى قىلىۋاتقان ئىشالر ئەنە شۇ ساھەدىكى ئىشالرنىڭ مۇھىم بىر
قىسمى. چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرالرغا قاراتقان ھېسداشلىقى ۋە ياردىمىمۇ كېڭەيدى ۋە كۈچەيدى. ئەمما
ۋەتەندىكى زۇلۇم، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلۇقنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ئاستىلىمىدى ياكى
ئاجىزلىمىدى. ئەكسىچە، بۇرۇنقىدەكال ھەتتا بۇرۇنقىدىنمۇ ۋەھشىي ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدا بىز
ئۇيغۇرالر سادىر قىلىۋاتقان خاتالىقالر بارمۇ، ياكى بۇ خىل ئاقىۋەت دۇنيا تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدا
يۈز بەرگەنمۇ؟ مەزكۇر ماقالە بۇ ھەقتە ئەمەس. ئۇ تېمىغا مۇۋاپىق جاۋاب تېپىش كۆپلىگەن زىيالىيالرنىڭ زور
بەدەەللر بىلەن قاتتىق تىرىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مەن مەزكۇر ماقالىدە باشقا بىر مەسىلە ئۈستىدە توختىلىمەن.
خىتاي ھاكىمىيىتى 2009-يىلى 5-ئىيۇلدا ئېلىپ بارغان قانلىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، مەنمۇ باشقا نۇرغۇن
قېرىنداشالرغا ئوخشاش بىرقانچە ئايغىچە نورمال ياشىيالمىدىم. كۆزۈم ياشقا تولغان، قەلبىم چوڭقۇر ئازاب-
ئوقۇبەتكە تولغان ھالدا توختىماي ئويالندىم. شۇ ۋاقىتتا مەن بىر يەھۇدىي دوستۇمدىن: »ھازىرقىدەك بىر ئەھۋالدا
بىز ئۇيغۇرالر بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟« دەپ سورىدىم. ئۇ ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
»بەك كۆپ قايغۇرماي مۇنداق ئىككى ئىشنى قىلىپ ياشىغىن: بىرىنچىدىن، ئەگەر ۋەتىنىڭدىكى ۋە چەت ئەلدىكى
10 ئۇيغۇرغا ياردەم قىاللىساڭ، شۇالرغا ياردەم قىلغىن؛ ئىككىنچىدىن، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرالرنىڭ ئۆزلىرى
ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغا ۋە خەلقئارالىق قانۇن-قائىدىلەرگە خىالپ ئىشالرنى قىلىپ
سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىن. سىلەر پەقەت ئۆز كۈچۈڭالرغىال تايىنىپ، ئۆزۈڭالرنى قوغدىيالمايسىلەر. ئۆزۈڭالرنى
ساقالپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم چەت ئەلنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭالر كېرەك. ئۇنىڭ ئۈچۈن 2-ئىشقا
كاپالەتلىك قىلىش چوقۇم ئورۇندىمىسا بولمايدىغان ئالدىنقى شەرت. «
قولۇمدىن كەلسە باشقىالرغا ياردەم قىلىش — مەن باشالنغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئادەتكە ئايالندۇرغان بىر ئىش.
مەن ئۇنى 5-ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنمۇ داۋامالشتۇرۇپ كەلدىم. تەلىيىمىزگە يارىشا ھازىرغىچە چەت
ئەلدىكى ئۇيغۇرالر 2-نۇقتىدا 2009-يىلىدىن كېيىن بىرەر قېتىم ئېغىر مەسىلە سادىر قىلمىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى باشلىنىپ، 6 يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ دۇنيانىڭ ئۇيغۇرالرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر
ئادالەتسىزلىكنى توختىتىپ قااللمىغىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توسۇپ قااللمىغىنى، ئۇيغۇرنىڭ داۋاملىق
تۈردە ۋەھشىيلەرچە ۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقى يېقىنقى كۈنلەردە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان خېلى كۆپ قېرىنداشالرنىڭ
ئۈمىدسىزلىنىشىنى، ھەتتا چۈشكۈنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا باشلىدى. تەكلىماكان ۋادىسىدا نەچچە مىڭ يىل
ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرالرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلۇقنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا شاھىت بولۇپ تۇرۇپ ياشاش، ئۇيغۇرالرنىڭ بىر
2
مىللەت سۈپىتىدە يوقىلىش گىردابىغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ياشاش خۇددى باشقا كۆپلىگەن
قېرىنداشالرغا ئوخشاش ماڭىمۇ ناھايىتى ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. مەن ئۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلىشتىن بەزىدە
ئۆزۈمنى قاچۇرۇۋاتىمەن. بىز ئۇيغۇرالر ئۇنداق تەقدىرگە مۇناسىپ ئەمەس ئىدۇق. بىز قانداقالرچە بۈگۈنكىدەك
بىر كۈنگە قالدۇق؟
ھازىر ھەر بىرىمىزنىڭ ئالدىدا مۇنداق ئىككى يول بار: )1 )ئېقىمغا ئەگىشىپ ۋاقىتنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن
ئۆتكۈزۈپ ياشاپ، ئۆمۈرنى ئاخىرالشتۇرۇش؛ )2 )ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە
تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش. مەن ھازىرغىچە بولغان ئۆمرۈمنى
پىرىنسىپ بىلەن ياشاپ كەلدىم. ئۇنىڭ قالغان قىسمىنىمۇ شۇنداق قىلىمەن. شۇڭالشقا مېنىڭ تەبىئىي تاللىشىم
ئەلۋەتتە 2-تالالش بولىدۇ. يېقىندا ئۇيغۇر پروجېكت فوندىدىكىلەر ۋە »مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى« دىكىلەر 2-
يولنى تاللىدى. كېلەر يىل »ئىستانبۇلدا 20 لېكسىيە—2023 »نى ئۆتكۈزۈش ئەنە شۇنداق تالالشنىڭ
نەتىجىسىدۇر.
مەن يېقىندا ئۆزۈمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىزدىنىش تېمىسى ئۈچۈن مۇنداق بىر سوئالنى تاللىدىم: »ئۆزىمىزنى
قۇتۇلدۇرۇشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان قانداق يولالر بار؟« مەن بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن يېقىندا ئىنگلىزچە
داڭلىق كىتابالردىن بىرقانچىنى سېتىۋالدىم ھەمدە ئۇالرنى ئوقۇشنى باشلىدىم. ئۇالرنىڭ بىرسىدە ئامېرىكىدىكى
بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپتە بىر ئۆمۈر پىروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن، 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقتىنى بىر دىكتاتور
ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ، دېموكراتىيەگە ئېرىشىشتە پايدىالنسا بولىدىغان ئۇسۇلالر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە سەرپ
قىلغان ئاپتور ئۆز بايقاشلىرىنى بايان قىلغان. مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ كىتابتا بايان قىلىنغان مەزمۇنالردىن ئۆزۈم
ئۇيغۇرالرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قاراپ تاللىغان بىرقانچە مەزمۇننى بايان قىلىمەن.
كۆپىنچە ئەھۋالدا مېنىڭ يازىدىغىنىم مەزكۇر كىتابتىكى مەزمۇنالرنىڭ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى ئەمەس. مەن
كىتابتىكى ئاساسىي ئىدىيەنى ئۆز سۆزۈمگە ئايالندۇرۇپ بايان قىلىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى چاچماسلىق
ئۈچۈن، مەن مەزكۇر كىتاب ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا بايان قىلىمەن.
1 .زوراۋانسىز ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇسۇل-تەدبىرلىرى
1980-يىلىدىن بۇيان خەلقلەرنىڭ ئاساسەن زوراۋانسىز كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە ئېستونىيە، التۋىيە، لىتۋا،
پولشا، شەرقىي گېرمانىيە، چېخوسلوۋاكىيە، سىلوۋېنىيە )Slovenia ،)ماداغاسقار )Madagascar ،)مالى،
بولىۋىيە، فىلىپپىن قاتارلىق ئەەللردە دىكتاتۇرىلىق ئاغدۇرۇلۇپ تاشالندى. نېپال، زامبىيە، جەنۇبىي كورېيە، چىلى،
ئارگېنتىنا، ھايتى )Haiti ،)بىرازىلىيە، ئۇرۇگۋاي، ماالۋى، تايالند، بۇلغارىيە، ۋېنگىرىيە، نىگېرىيە ۋە سابىق
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوخشىمىغان بۆلەكلىرىدە زوراۋانسىز كۈرەشلەر دۆلەت تۈزۈمىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش
ھەرىكەتلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى يىلالردا خىتاي دۆلىتى، بېرما ۋە تىبەتلەردە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي قارشىلىق كۆرسىتىش
ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى )ئەسكەرتىش: مەزكۇر كىتاب 2002-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە كۆپ قېتىم نەشر قىلىنغان
بولۇپ، ئاپتور كىتابىدا ئۇيغۇر سىياسىي كۈرەشلىرىنى تىلغا ئالماپتۇ. ئەمما ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەت ۋە
رايونالرنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ كۆرۈپ كېلىپتۇ(. گەرچە خىتاي قاتارلىق 2-گۇرۇپپىغا تەۋە ئەەللردىكى سىياسىي
كۈرەشلەر دىكتاتورالرنى ۋە مۇستەملىكىچىلەرنى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدىن يىقىتالمىغان بولسىمۇ، ئۇالر ئاشۇ
دۆلەتلەرنىڭ قەبىھ ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شەپقەتسىز ماھىيىتىنى دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارىالپ بېرىپ، ئاشۇ
دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنى مۇشۇ خىلدىكى كۈرەشلەرنىڭ قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلىرى بىلەن تەمىنلىدى
)ئىالۋە: مەن يېقىنقى يىلالردا بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرالر ئوينىغان رول باشقا ھەر قانداق مىللەتنى بېسىپ چۈشتى، دەپ
ئوياليمەن(.
3
خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 70 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىتنىڭ مابەينىدە
ئۇيغۇرالرنىڭ ئالدىغا قويۇلغان تۈپ ۋەزىپە — خىتاي دىكتاتور مۇستەملىكىچىلىرىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇپ،
شەرقىي تۈركىستاننى ئۇالرنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىش بولۇپ كەلدى. بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشتا خىتاي دىكتاتور
ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىسىمۇ بولىۋېرەتتى ياكى پەقەت خىتاي دىكتاتور مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي
تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرسىمۇ بولىۋېرەتتى. يەنى، ئۇيغۇرالرنىڭ ۋەزىپىسى دىكتاتۇرىلىقنى
ئاغدۇرۇپ تاشالپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايدا دېموكراتىك دۆلەت تۈزۈمىنى تىكلەش ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ،
مەزكۇر كىتابتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دۆلەتنىڭ بېشىغا چىقىۋالغان دىكتاتورچىنى يىقىتىپ، دۆلەت تۈزۈمىنىڭ
ئورنىغا بىر دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمنى تۇرغۇزۇش يولىدا پايدىلىنىشقا بولىدىغان زوراۋانسىز ئۇسۇل-تەدبىرلەر
ئۇيغۇرالرنىڭ سىياسىي كۈرىشىگىمۇ ماس كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
1941-يىلى، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكىدا قۇرۇلغان »ئەركىنلىك سارىيى«
)House Freedom )ھەر يىلى ئەركىن ۋە ئەركىن ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ سانىنى ئېالن قىلىپ تۇرغان بولۇپ،
ئۇالرنىڭ 2009-يىللىق دوكالتىدىكى مەلۇماتقا ئاساسالنغاندا دۇنيادا ئەركىن دۆلەتتىن 89 ،قىسمەن ئەركىن
دۆلەتتىن 62 ۋە ئەركىن ئەمەس دۆلەتتىن 42 دۆلەت بار ئىكەن، ھەمدە 1983-يىلىدىن باشالپ ھېسابلىغاندا،
دۇنيادىكى ئەركىن دۆلەتنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ مېڭىۋېتىپتۇ.
ئاپتور كىتابىدا ھازىرغىچە دۇنيا خەلقى دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى قوللىنىپ باققان زوراۋانسىز ھەرىكەتلەرنىڭ
198 ئۇسۇل-تەدبىرلىرىنى خۇالسىلەپ چىققان بولۇپ، مەن ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئاشۇ 198 ئۇسۇل-
تەدبىرلەر ئىچىدىكى ئۇيغۇرالر يېقىنقى 70 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت ئىچىدە قوللىنىپ باققان، ھەمدە بۇنىڭدىن
كېيىن قولالنسا بولىدىغان ئۇسۇل-تەدبىرلەرنى تالالپ تىزىپ باقتىم. ئۇالر تۆۋەندىكى جەدۋەلدە بېرىلدى. بۇ بىر
مۇتلەق ياكى مۇكەممەل تىزىملىك ئەمەس. بۇ پەقەت ئۆز چۈشەنچەم ۋە ئۆز ھۆكۈمۈم ئاساسىدا ۋۇجۇدقا
كەلتۈرۈلگەن بىر تىزىملىك بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىكى كەم قالغان جايالرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تولۇقالپ كېتىشىنى
ئۈمىد قىلىمەن. بۇ جەدۋەلدىكى ئوخشىمىغان ئۇسۇل-تەدبىرلەرنىڭ تەرتىپ سانىنى مەن كىتابتىكى تەرتىپ سانى
بويىچە ئالغان بولۇپ، مەن مەزمۇننى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ھەر بىر ئۇسۇل-تەدبىرنىڭ ئىنگلىزچە
ئاتىلىشىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم.
تۆۋەندىكى جەدۋەلدىن ئېنىق بولغىنىدەك، مەن تاللىغان ئۇسۇل-تەدبىرلەرنىڭ سانى ئەسلىدىكى 198 ئۇسۇل-
تەدبىرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىدىن تەشكىل تاپتى. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئەسلىدىكى 198 ئۇسۇل
دىكتاتور تۈزۈمى ئاستىدىكى دۆلەت خەلقلىرى ھازىرغىچە ئۆز دۆلىتى ئىچىدە ئېلىپ بارغان دىكتاتۇرىلىققا قارشى
كۈرەشلەردە قوللىنىپ باققان ئۇسۇلالر بولۇپ، ئۇالرنىڭ ئىچىدىكى بىزدەك چەت ئەەللرگە چىقىپ كېتىپ، ئاشۇ چەت
ئەەللردە قوللىنىپ باققان ۋە قولالنسا بولىدىغانلىرىنى تاللىغاندا، سانى ئاشۇنداق ئازالپ كېتىدىكەن. شۇڭا مەن
ئوقۇرمەنلەردىن بۇ نۇقتىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن. مەزكۇر كىتاب 28 خىل تىلغا تەرجىمە
قىلىنغان بولۇپ، قىزىقىدىغان قېرىنداشالر چوقۇم كىتابنىڭ ئۆزلىرى بىلىدىغان چەت ئەل تىلىدىكى نۇسخىسىنى
تېپىپ، ئۇنىڭدىكى تولۇق تىزىملىكنى كۆرەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىمەن.
4
2 .زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن ئەركىنلىككە ئېرىشكىلى بوالمدۇ؟
دىكتاتورالرنىڭ ھەممىسى قانۇنىي توسالغۇالرغا، سوت قارارلىرىغا ۋە ئاممىۋى پىكىرلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ. كىشىلەر
كۆپىنچە ۋاقىتالردا رەھىمسىزلىك، قىيناش، غايىب قىلىۋېتىش ۋە ئۆلتۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش جەريانلىرى ئارقىلىق
پەقەت زوراۋانلىق ۋاسىتىلەرال بىر دىكتاتورنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرالشتۇرااليدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقاردى.
ئۆزلىرىگە قانچىلىك پايدىسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، غەزەپلەنگەن ئېزىلگۈچىلەر بەزىدە قولغا كەلتۈرەلىگەن
زوراۋانلىق ۋە ھەربىي ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىپ، رەھىمسىز دىكتاتورالر بىلەن ئېلىشتى. ئۇالر كۆپىنچە
ۋاقىتالردا قانچىلىك ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشىغا ۋە جانلىرىنىڭ قانچىلىك زىيان تارتىشىغا قارىماي، دىكتاتورالرغا
قارشى باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلدى. ئۇالر بەزىدە ئاجايىپ زور غەلىبىلەرگە ئېرىشتى، ئەمما، ئاشۇنداق يول
5
بىلەن ئەركىنلىككە ئېرىشكەن ئەھۋال ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. زوراۋانلىققا تايانغان ئىسيانالر ئاساسەن
رەھىمسىز باستۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىسيانچىالرنى بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
زوراۋان تالالشالرنىڭ قانداق پايدىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇنداق بىر نۇقتىنى ھەر ۋاقىت جەزملەشتۈرگىلى
بولىدۇ: زوراۋانلىق ۋاسىتىلەردە زالىمالر ھەر ۋاقىت دىكتاتورغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئىسيانچىالردىن ئۈستۈن
ئورۇندا تۇرىدۇ. پۇقراالر بىلەن سېلىشتۇرغاندا زالىمالر زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتە كۆپ
ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولىدۇ. ئىسيانچىالر بەزىدە ۋاقىتلىق پايدا ئېلىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىال
زالىمالرنىڭ قولىدىكى ھەربىي ئىمكانىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇاللمايدۇ. ھەربىي قورال-ياراغ، ئوق-دورا، قاتناش ۋە
ھەربىي كۈچنىڭ كۆلىمى جەھەتتە زالىمالر ھەر ۋاقىت ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولىدۇ. ئىسيانچىالر قانچىلىك باتۇر
بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قورال كۈچى جەھەتتە زالىمالرغا ھەرگىزمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ.
بەزىدە ئىسيانچىالر ئەنئەنىۋى ھەربىي قوزغىالڭالرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ،
پارتىزانلىق ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىش يولىنى تالاليدۇ. ئەمما، پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئېزىلگەن خەلققە پايدىلىق
بولۇپ چىقىپ، ئۇالرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن ئىشالر ئاساسەن يۈز بېرىپ باقمىغان. پارتىزانلىق ئۇرۇشى
مەسىلىنى ھەل قىلماي، خەلقنى ئىنتايىن ئېغىر زىيانالرغا ئۇچرىتىدىغان ئەھۋالالر كۆپ يۈز بېرىدۇ. مەيلى
خەلقئارالىق تايانچىالر بار بولسۇن ياكى تاللىغان يولىنى توغرا يولغا چىقىرىدىغان نەزەرىيەلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك
ئانالىزالر مەۋجۇت بولسۇن، پارتىزانلىق ئۇرۇش مەغلۇبىيەتتىن ساقلىنىشنى بىرەر كاپالەتكە ئىگە قىاللمايدۇ.
پارتىزانلىق ئۇرۇش كۆپىنچە ئەھۋالدا ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ھۆكۈمرانالر
پۇقراالرنى ئۆز يۇرتىدىن ياقا جايالرغا سۈرگۈن قىلىپ، غايەت زور ئىنسان ئازابى ۋە كۆچۈشلەرنى كەلتۈرۈپ
چىقىرىدۇ.
پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇالر قۇرۇلما جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەتلىك سەلبىي
ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قارشىلىققا ئۇچرىغان ھاكىمىيەت ئىسيانچىالرنى باستۇرۇشتا بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك
دىكتاتورلىشىپ كېتىدۇ. ئەگەر بەزى پارتىزانلىق ئۇرۇشالر غەلىبە قىلغان بولسا، يېڭىدىن قۇرۇلغان ھۆكۈمەت
بۇرۇنقى ھۆكۈمدارلىرىدىنمۇ بەكرەك دىكتاتورلىشىپ كېتىدۇ. سەۋەبى، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بېشىغا چىقىدىغانالر
دىكتاتورغا قارشى كۈرەش جەريانىدا كېڭەيتىلگەن ھەربىي كۈچلەرنى ئۆز قولىغا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ،
جەمئىيەتتىكى بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن مۇستەقىل گۇرۇھ ۋە ئىنستىتۇتالرنى ئاجىزالشتۇرىدۇ ياكى ۋەيران
قىلىدۇ. مۇستەقىل گۇرۇھ ۋە ئىنستىتۇتالر مەۋجۇت بولمىغان جەمئىيەتتە دېموكراتىيە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.
شۇڭالشقا دىكتاتورغا قارشى يولغا چىققان كىشىلەر چوقۇم پارتىزانلىق كۈرەشلەردىن باشقا تالالشقا يۈزلىنىشى كېرەك.
يۇقىرىقىالر كىتابتىن ئېلىنغان مەزمۇنالر. 2001-يىلىدىكى »11-سېنتەبىر ۋەقەسى«دىن كېيىن خىتاي دىكتاتور
مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتى »تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش« بايرىقى ئاستىدا ئۇيغۇرالرغا قارىتا »قاتتىق زەربە بېرىش«
تەدبىر-سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىز خىتاينىڭ زۇلمىغا قارشى ھەر خىل
شەكىلدىكى كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇرالر بىر پۈتۈن مىللەت، بىرەر تەشكىالت ياكى بىرەر جامائەت شەكلىدە
ئەمەس، بىرقانچە ئايرىم شەخسلەر شەكلىدە قولالنغان ۋاسىتىلەر ۋە قىلغان ئىشالر ئىچىدە يۇقىرىدا بايان قىلىنغان
ئەھۋالالرغا تەۋە، دەپ قارىلىۋاتقان ئىشالرمۇ بار. مەسىلەن، بېيجىڭ، كۇنمىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىشالر.
مەن ئوقۇرمەنلەردىن ماقالىنىڭ مەزكۇر بۆلۈمىدىكى مەزمۇنالرنى ئۆز ۋەتىنىمىزدە يېقىنقى 30 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە
يۈز بەرگەن ئىشالر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
خىتاي ھۆكۈمدارلىرى دۇنيادىكى تەڭرى بىلەنمۇ كۈرەش قىلىدىغان، تەبىئەت بىلەنمۇ كۈرەش قىلىدىغان، ئادەملەر
بىلەنمۇ كۈرەش قىلىدىغان، كۆپ سانلىق ئىنسانالرغا ئوخشىمايدىغان بىر گۇرۇپپا مەخلۇقالر بولۇپ، ئۇالر شەرقىي
تۈركىستاندىكى خەلق تىنچ شەكىلدە ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشلىرىغا مەقسەتلىك ھالدا زوراۋانلىق
ئېلېمېنتلىرىنى قوشۇپ، ئاندىن ئۇ ئېلېمېنتالرنى ئۇيغۇرالرنى باستۇرۇشنىڭ باھانىسى قىلىپ ئىشلەتتى. شەرقىي
6
تۈركىستان ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرالرغا ئارتىلغان »تېررورلۇق« ۋە زوراۋانلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى پىالنالپ
ۋە ئويناپ چىقىپ، خىتاي دۆلىتى ئىچىدە ۋە خەلقئارادا ئۇيغۇر نامىنى سېسىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرالرنى تارىختا
يۈز بېرىپ باقمىغان دەرىجىدىكى ئېغىر زىيانالرغا ئۇچراتتى. بۇ ئىشالر مەزكۇر كىتابتا بايان قىلىنغان يۇقىرىدىكى
ئەھۋالالر دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئەلۋەتتە.
3 .چەت ئەل ياردىمى قانچىلىك رول ئوينايدۇ؟
رەھىمسىز دىكتاتورلۇقنىڭ زىيىنىنى تارتىۋاتقان ياكى دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن
چەت ئەەللرگە قېچىپ چىققان نۇرغۇن كىشىلەر ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئازاد قىاللىشىغا ئانچە ئىشەنمەيدۇ.
ئۇالر پەقەت »باشقىالرنىڭ ياردىمىال ئۆز خەلقىنى قوغداپ قاالاليدۇ« دېگەنگە ئىشىنىدۇ. ئۇالر ئۆز ئۈمىدىنى تاشقى
كۈچلەرگە باغاليدۇ. ئۇالرنىڭ نەزىرىدە پەقەت خەلقئارالىق ياردەمال دىكتاتورنى ئۆرۈپ تاشالشقا يېتىدىغان
دەرىجىدە كۈچلۈك بولىدۇ.
»ئېزىلگەن خەلق ئۈنۈملۈك ئىش ئېلىپ بارالمايدۇ« دېگەن قاراش بەزىدە مەلۇم مەزگىل توغرا چىقىدۇ.
ئۆزلىرىنىڭ رەھىمسىز دىكتاتورغا يۈزلىنەلەيدىغان قابىلىيىتىگە ئىشەنمەسلىكى ھەمدە ئۆزلىرىنى قوغداشتا
ئىسپاتالنغان ئۇسۇلنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئېزىلگەن خەلق دىكتاتورغا قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشنى
خالىمايدۇ ھەمدە كۈرەشكە ئاتلىنالمايدۇ. شۇڭالشقا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئازاد قىلىش ئۈمىدىنى
باشقىالرغا باغالپ قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. بۇ يەردىكى سىرتقى كۈچ »ئاممىۋى پىكىر« بولۇشى،
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىالتى )ب د ت( بولۇشى، بىرەر ئاالھىدە دۆلەت بولۇشى ياكى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ۋە
سىياسىي جازا بولۇشى مۇمكىن.
بۇنداق سېنارىيە كىشىنى راھەتلەندۈرىدىغاندەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۈمىدنى سىرتقى قۇتقۇزغۇچىغا ئارتىپ
قويۇشتا ئېغىر مەسىلە مەۋجۇت. ئۇنداق ئۈمىد ئۆز ئورنىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويۇشقا ئاپىرىشى مۇمكىن. كۆپىنچە
ئەھۋالدا سىزنى قۇتقۇزغىلى بىرەر تاشقى پاناھ ئىگىسى كەلمەيدۇ. بىرەر چەت ئەل ھەقىقەتەن سىز بىلەن سىزنى
ئەزگەن دىكتاتورنىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرگەن تەقدىردىمۇ، سىز ئۇنىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ. ئۇنىڭ
مۇنداق سەۋەبلىرى بار:
— ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ياكى سىياسىي مەنپەئەتىگە پايدا يارىتىش ئۈچۈن، كۆپىنچە ۋاقىتالردا بەزى ئەەللر
دىكتاتورنى قوبۇل قىلىدۇ ياكى بولمىسا ھەتتا ئۇنىڭغا ئىجابىي ياردەم قىلىدۇ.
— بەزى ئەەللر باشقا بىر مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلماسلىق ئۈچۈن، ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئازادلىقىغا ياردەم قىلىش
ۋەدىسىدە تۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئېزىلگەن خەلقنى دىكتاتورغا سېتىۋېتىشى مۇمكىن.
— بەزى ئەەللر پەقەت ئېزىلگەن خەلقنىڭ ۋەتىنىگە بولغان كونتروللۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنال دىكتاتورغا
قارشى ئىش كۆرىدۇ.
— دۆلەت ئىچىدىكى دىكتاتورغا قارشى كۈچلەر ئاللىقاچان ئىش باشالپ، دىكتاتورنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىشكە
باشلىغان، شۇ ئارقىلىق خەلقئارالىق دىققەتنى دىكتاتورچى ھاكىمىيەتنىڭ رەھىمسىز تەبىئىتىگە تارتقان ۋاقىتتىال
بەزى ئەەللر ئىجابىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىدۇ.
دىكتاتورلۇقنى ئۆز دۆلىتىدىكى ئىچكى ھوقۇق تەقسىماتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىدۇ. پۇقراالر بىلەن جەمئىيەت
بەك ئاجىز بولغانلىقتىن، دىكتاتورلۇققا قارىتا ئېغىر مەسىلە پەيدا قىاللمايدۇ. بايلىق بىلەن ھوقۇق بىرقانچە
7
ئادەمنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ. گەرچە خەلقئارالىق ئىش-ھەرىكەتلەر دىكتاتورلۇققا بەزى پايدىالرنى
ئېلىپ كېلىدىغان ياكى دىكتاتورلۇقنى ئازراق ئاجىزلىتىدىغان بولسىمۇ، دىكتاتورلۇقنىڭ داۋاملىشىشى ئاساسەن
ئىچكى ئامىلالرغا باغالنغان بولىدۇ.
پەقەت ناھايىتى كۈچلۈك ئىچكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرەشلىرى بىلەن بىرلەشكەندىال، خەلقئارالىق بېسىمنىڭ
ياردىمى زور بولىدۇ. پەقەت ئاشۇنداق شەرت ئاستىدىال خەلقئارالىق ئىقتىسادىي بايقۇت قىلىش، ئېمبارگو
يۈرگۈزۈش، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، خەلقئارالىق تەشكىالتالردىن قوغلىۋېتىش، ب د ت نىڭ قولى بىلەن
ئەيىبلەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تەدبىرلەرنىڭ ياردىمى زور بولىدۇ. ئەمما، كۈچلۈك ئىچكى قارشىلىق كۆرسىتىش
كۈرىشى ۋۇجۇدقا كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، باشقا ئەەللرنىڭ ئېزىلگۈچى خەلقلەرگە ياردەم قىلىش ئىش-
ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
يۇقىرىدىكىسى كىتابتىكى مەزمۇنالر. ئۇالرنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەر تۆۋەندىكى نۇقتىالرنى ھېس
قىاللىشى مۇمكىن:
)1 )تۈرك ئەللىرى بىلەن ئىسالم ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى خىتاي ئۇيغۇرالر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئىرقىي
قىرغىنچىلىق مەسىلىسىدە ئۇيغۇر تەرەپتە تۇرمىدى. خىتاي دىكتاتور مۇستەملىكىچىلىرىگە نىسبەتەن سۈكۈت قىلىش
يولىنىمۇ تاللىمىدى. ئۇنىڭ ئەكسىچە، خىتاينى بارلىق پۇرسەتلەردە ئاشكارا ھىمايە قىلدى ۋە قوللىدى. ئۇ
ھۆكۈمەتلەرنىڭ تاللىشى يۇقىرىقى مەزمۇندا تىلغا ئېلىنغان، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن يالغۇز ئېزىلگەن خەلقنىال
ئەمەس، ئۆزىنىڭ مىللىي قېرىندىشى بىلەن دىنىي قېرىندىشىنىمۇ سېتىۋېتىدىغان چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى
كاتېگورىيەسىگە كىرىدۇ.
)2 )دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشتا چەت ئەەللرنىڭ ياردىمىگە قارىغاندا ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ
قوزغىلىشى تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئۆزى قوزغالمىغۇچە چەت ئەلنىڭ ياردىمىمۇ ۋۇجۇدقا
كەلمەيدۇ. شۇڭالشقا ھازىر ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى جالالت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتقۇزۇش،
ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خەلقىمىزنى ھايات ساقالپ قېلىش ھەممىدىن مۇھىم.
)3 )خىتاي دۇنيادىكى ئىنسانالرنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ كۆپ تەتقىق ۋە تەجرىبە قىلغان
بىر مىللەت. شۇنداقال خىتاي غەربلىكلەر تەرەققىي قىلدۇرغان ئىلىم-پەن مېۋىلىرىنى ئەڭ چوڭقۇر ئۆگەنگەن ۋە
ئەمەلىيەتكە ئەڭ مۇكەممەل تەتبىقلىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىلمىي يەكۈنلەردىن خىتاي
ھاكىمىيىتىنىڭمۇ تولۇق خەۋىرى بار. جالالت شى جىنپىڭ ۋە خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ نەزىرىدە شەرقىي
تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى شەرقىي تۈركىستاننى قولدىن بېرىپ قويۇشىنىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ ھالقىلىق تەھدىتى.
شۇڭالشقا، 2014-يىلىدىن كېيىن، خىتاي ئەسلىدىكى نوپۇسىنىڭ 95 پىرسەنتى ئۇيغۇر بولغان خوتەن، قەشقەر ۋە
ئاقسۇنىڭ نوپۇسىنى ئۆلتۈرۈپ، تۈرمە-الگېرالرغا سوالپ، ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا ۋە خىتاي
ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، شۇ ئارقىلىق بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر يېڭى نوپۇس ئورۇنالشتۇرۇلۇشىنى
ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرالرغا بولغان زىيان ئىنتايىن ئېغىر بولدى.
تۆۋەندىكىسى كىتابتىكى مەزمۇننىڭ داۋامى:
بىر دىكتاتورنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئاز چىقىم بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشالش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت ۋەزىپىنى
ئورۇنالش شەرت:
)1 )ئېزىلگەن خەلقنى ئىرادە، ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ماھارەتلىرى جەھەتتە
كۈچلەندۈرۈش؛
8
)2 )ئېزىلگەن خەلقنىڭ مۇستەقىل ئىجتىمائىي گۇرۇھلىرىنى ۋە ئىنستىتۇتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش؛
)3 )بىر كۈچلۈك ئىچكى قارشىلىق كۆرسىتىش قوشۇنىنى بەرپا قىلىش؛
)4 )ئازادلىقنىڭ بىر ئاقىالنە ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك پىالنىنى تۈزۈپ چىقىش ھەمدە ئۇنى ئۇستىلىق بىلەن ئىجرا
قىلىش؛
ئازادلىق كۈرىشى — ئۆز-ئۆزىگە تايىنىش ۋە كۈرەشكە ئاتالنغان گۇرۇپپىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى
كۈچلەندۈرۈش جەريانى. ئاقىالنە ئىستراتېگىيەسى بار، تۈزۈم ۋە باتۇرلۇق بىلەن ئىش قىلىدىغان، ھەقىقىي
كۈچلۈكلۈككە ئىگە، بىر ناھايىتى كۈچلۈك ئۆز-ئۆزىگە تايىنىدىغان قوشۇن ئالدىدا، دىكتاتور ھاكىمىيەت چوقۇم
ئۆرۈلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ئەڭ تۆۋەن شەرتى يۇقىرىدىكى تۆت ئىشتىن ئىبارەت.
دىكتاتورلۇقتىن قۇتۇلۇش ئەڭ ئاخىرىدا ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئازاد قىلىش قابىلىيىتىگە باغلىق. ئېزىلگەن
خەلقنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ۋاسىتىلىرى مەۋجۇت، ئەمما ئۇنداق ۋاسىتىلەر ھازىرغىچە
يېتەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلمىدى.
يۇقىرىدىكىسى كىتابتىكى مەزمۇنالر.
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ۋەتەننىڭ سىرتىدا 60 تىن كۆپ ئۇيغۇر تەشكىالتلىرى بار. ئۇ تەشكىالتالرنىڭ رەھبەرلىرى ئىچىدە
سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت، خەلقئارا قانۇن، تەشكىالتچىلىق، لىدېرلىق، داھىيلىق نەزەرىيەسى، ئاتتىالئىزم،
باشقۇرۇش ئىلمى، پروجېكت باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى، ھۆكۈمەتچىلىك ۋە ئاخباراتچىلىق قاتارلىق كەسىپلەردە
ئۇنىۋېرسىتېت باكالۋۇرلۇق ئۇنۋانى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەرنىڭ نىسبىتى قانچىلىك؟ يەنى
كەسپىي تەربىيە كۆرگەنلەرنىڭ نىسبىتى قانچىلىك؟ يۇقىرىدىكى تۆت شەرتنىڭ ئەھمىيىتىنى
چۈشىنەلەيدىغانالرنىڭ نىسبىتى قانچىلىك؟
4 .كېڭىشىش )Negotiation )ئۈنۈم بېرەمدۇ؟
رەھىمسىز دىكتاتورنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغاندا، بەزىلەر »بىزنىڭ باشقا ئامالىمىز يوق« دەپ، بويسۇنۇش
يولىنى تالاليدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا دىكتاتورنى نورمال ئىنسانالردەك رەھىملىك ھېسابالپ، ئەپلىشىپ قېلىش
)conciliation ،)مۇرەسسە قىلىش ياكى كېلىشىش )compromise )ۋە كېڭىشىش )negotiation )يوللىرى
بىلەن بىر قىسىم ئىجابىي ئېلېمېنتالرنى قوغداپ قېلىپ، دىكتاتورنىڭ رەھىمسىزلىكىنى توختاتقىلى بولىدۇ، دەپ
ئوياليدۇ. باشقا ئۈنۈملۈك تالالش مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا، يۇقىرىدىكى 2-تالالش ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك
كۆرۈنىدۇ.
كىشىلەر بەزىدە »ھەقىقەتنىڭ ھەممىسى بىرال تەرەپتە ئەمەس«، دەپ قارايدۇ. دىكتاتورنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە
ئېزىقتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇسىنى قوزغاپ، ئۇنى ئاز-ئازدىن يول بېرىشكە قىستاپ، شۇ
ئارقىلىق دىكتاتورلۇقنى ئاخىرالشتۇرۇش مۇمكىن، دەپ ئوياليدۇ. دىكتاتورغا »قوش غەلىبە« يولىنى كۆرسىتىپ
بېرىپ، ھەر ئىككى تەرەپ مەلۇم پايدىغا ئېرىشىدىغان تالالش ئارقىلىق دىكتاتورنى ئەيۋەشكە كەلتۈرگىلى
بولىدۇ، دەپ ئوياليدۇ. ئېزىلگۈچى خەلق تىنچلىق ئاساسىدىكى مۇرەسسە قىلىش يولىنى تاللىسا، داۋاملىق كۈرەش
قىلغاندىكى زۆرۈرسىز خېيىم-خەتەر ۋە ئوڭۇشسىزلىقالردىن ساقالنغىلى بولىدۇ، دەپ ئوياليدۇ. مۇشۇنداق تەپەككۇر
9
قىلىش، مەسىلىنى مۇشۇنداق يول بىلەن ھەل قىلىش ھەربىي ئۇرۇش ياكى زوراۋانسىز كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغانغا
قارىغاندا كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ؟
ئىشچىالرنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان ئىش تاشالش ھەرىكىتىگە ئوخشاش
ئىشالردا كېڭىشىش ئىنتايىن مۇھىم رولالرنى ئوينىيااليدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق ئىشالردا كېڭىشىشكە سەل قاراشقا
بولمايدۇ. ئەمما، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دىنىي پىرىنسىپ، ئىنسان ئەركىنلىكى ياكى پۈتكۈل
جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئوخشاش تۈپ مەسىلىلەر ئۈستىدە بولغاندا، كېڭىشىش كىشىلەر
قانائەتلەنگۈدەك ئۈنۈم بەرمەيدۇ. بەزى تۈپ مەسىلىلەردە كېلىشىشكە بولمايدۇ. پەقەت ھوقۇق تەقسىماتى
ئېزىلگۈچى خەلققە پايدىلىق بولۇپ ئۆزگەرگەندىال، ئاندىن ئېزىلگۈچى خەلق كېڭىشىش ئارقىلىق ئۆز
مەنپەئەتىنى قوغدىيااليدۇ. ھوقۇق تەقسىماتىدىكى ئۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولسا كېڭىشىش ئارقىلىق ئەمەس،
كۈرەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. يەنى، دىكتاتورغا قارشى بىر كۈچلۈك كۈرەش ۋۇجۇدقا كەلمەي تۇرۇپ، پەقەت
كېڭىشىش ئارقىلىق دىكتاتورنىڭ قولىدىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.
ئېزىلگۈچى خەلق ئۈچۈن بەزىدە كېڭىشىش ھەرگىزمۇ بىر تالالش بواللمايدۇ. يەنى، ئۆز ئورنىنى ناھايىتى پۇختا
مۇستەھكەملىۋالغان دىكتاتور ئۆزىگە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان خەلق بىلەن كېڭىشىش ئۈستىلىگە كەلمەيدۇ، ياكى
بولمىسا ۋاقتى كەلگەندە دىكتاتورالر كېڭىشىش يىغىنىغا كەلمەي، مەڭگۈ غايىب بولىدۇ.
كېڭىشىشنى دىكتاتور تەرەپ ئوتتۇرىغا چىقارغاندا، ئۇالرنىڭ سەمىمىي بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. سەۋەبى،
دىكتاتورالر قارشى تەرەپنى ئارىالشتۇرماي تۇرۇپال ئۆز خەلقىگە قاراتقان ئۇرۇشنى توختىتااليدۇ، ئىنسان غۇرۇرىغا
بولغان ھۆرمەتنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، سىياسىي مەھبۇسالرنى ئەركىنلىككە چىقىرااليدۇ، قىيناشنى
ئاخىرالشتۇرااليدۇ، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمران ئورنىدىن چېكىنەلەيدۇ، ھەمدە خەلقتىن كەچۈرۈم سورىيااليدۇ.
دىكتاتورنىڭ ئورنى مۇستەھكەم بولۇپ، ئېزىلگەن خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرەشلىرىدىن ئىچى پۇشقان
ۋاقىتتا، دىكتاتور تەرەپ خەلقنى كېڭىشىش ھاسىل قىلىشقا چاقىرىپ، »تىنچلىق«نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش باھانىسىدە
خەلقنى تەسلىم قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا كېڭىشىش ناھايىتى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە
بولسىمۇ، خەلققە نىسبەتەن بىر چوڭ خەتەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى تەرەپ ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، دىكتاتورنىڭ ھۆكۈمرانلىق
ئورنى تەھدىتكە دۇچ كەلگەندە، دىكتاتور تەرەپ ئۆز ھوقۇقىنى ۋە ئۆز بايلىقىنى ساقالپ قېلىش ئۈچۈن قارشى
تەرەپنى كېڭىشىش ھاسىل قىلىشقا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن. ئېزىلگەن خەلق بۇنداق ئەھۋالدىمۇ دىكتاتورنىڭ ئۆز
مەقسىتىگە يېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
كېڭىشىش قارىمۇقارشى ئىككى تەرەپ باراۋەرلىك ئاساسىدا بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، ئوتتۇرىدا زىددىيەت پەيدا
قىلغان مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش، دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ يەردە مۇنداق ئىككى
نەرسىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك: بىرىنچى، كېڭىشىشتە ئۇتۇپ چىقىدىغىنى قارىمۇقارشى پىكىرلەردىكى ۋە
ئوخشىمىغان مەقسەتلەردىكى بەكرەك ئادىل بولغان تەرەپ بولمايدۇ؛ ئىككىنچى، كېڭىشىشنىڭ نەتىجىسىنى
بەلگىلەيدىغىنى ئاساسەن ھوقۇقنىڭ ئىككى تەرەپتىكى تەقسىمات ئەھۋالى بولىدۇ. شۇڭالشقا ئالدى بىلەن
تۆۋەندىكىدەك سوئالالرغا جاۋاب تېپىپ قويۇش تولىمۇ زۆرۈر:
— كېيىنچە كېڭىشىشتە قارشى تەرەپ بىلەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولماي قالسا، بىز قانداق قىلىمىز؟
— ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن قارشى تەرەپ ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ئۆز كۈچىدىن پايدىلىنىپ
پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىال قوغالشسا، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرىمىز؟
10
كېڭىشىشتە دۇچ كەلگەن مەسىلىدىكى توغرا ۋە خاتا تەرەپكە ئاساسەن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى
كېلىشىمنىڭ ئاقىۋىتىنى ئىككى تەرەپنىڭ قولىدىكى ھوقۇقنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بەلگىلەيدۇ. شۇڭالشقا سىز بىر
كېلىشىمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىڭىزنى قانچىلىك قۇربان قىلىشقا رازى، دېگەن سوئالغا ئالدىن
جاۋاب تېپىپ قويۇشىڭىز كېرەك. ئېزىلگەن خەلق ئۈچۈن كۈرەشنى داۋامالشتۇرۇش بەكرەك پايدىلىقمۇ، ياكى مەلۇم
مەنپەئەتتىن ۋاز كېچىپ، بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش بەكرەك پايدىلىقمۇ؟ دىكتاتورالر ئەھۋالنى ئۆزى كونترول
قىالاليدىغان ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، ئۇالر باشقا ھوقۇق، ئورۇن، بايلىق، جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە
شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ئىمتىيازلىرىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. شۇڭالشقا ئۇالر كېڭىشىشتە ئۆزىدە بار ئىمتىيازنى
ساقالپ قېلىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ. ئۇالر ئالدىدا ۋەدە بېرىپ قويۇپ، ئاندىن ئۇ ۋەدىسىدىن
تېنىۋېلىشتىن ھەرگىزمۇ باش تارتمايدۇ.
قىسقىسى، ئېزىلگەن خەلقنىڭ دىكتاتورغا قارشى كۈرىشىنى توختىتىشى، ھەرگىزمۇ ئۇالرنىڭ ئېزىلىش دەرىجىسىنى
تۆۋەنلىتىپ قالمايدۇ. زىددىيەتلىك مەسىلە تۈپ )fundamental )مەسىلە بولغاندا، ھەل قىلغۇچ رول
ئوينايدىغىنى كېڭىشىش ئەمەس، بەلكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈرىشىدىن ئىبارەتتۇر. ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش
قىلىۋاتقان خەلق ئۈچۈن سىياسىي قارشىلىق كۈرىشى ياكى زوراۋانسىز كۈرەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىدىن ئىبارەت.
يۇقىرىدىكىسى كىتابتىكى مەزمۇنالر.
تىبەتلەرنىڭ داھىيسى داالي الما تىبەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى ساقالپ قېلىش ئۈچۈن،
1988-يىلى فىرانسىيەنىڭ ستراسبورگ )Strasbourg )شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارالمېنتى يىغىنىدا
ئۆزىنىڭ »ئوتتۇرا يول سىياسىتى«نى ئېالن قىلدى. بۇ سىياسەتنىڭ مەقسىتى، تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇش
غايىسىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتى بىلەن دىيالوگ قۇرۇش ئارقىلىق تىبەت ئۈچۈن ھەقىقىي
ئاپتونومىيە ساالھىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش بولدى. ئەمما، ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، ئۇ سىياسەت مەغلۇپ
بولدى. تىبەتلىكلەر بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي مەنىدىكى كېڭىشىش ئۇچرىشىشى ھازىرغىچە
يۈز بەرمىدى. بەزى سابىق ئۇيغۇر تەشكىالت رەھبەرلىرىمۇ بۇ يولدىكى مەلۇم ئۇرۇنۇشالرنى سىناپ باقتى، ئەمما
ئۇمۇ ئەمەلگە ئاشماي، ئۇالرنىڭ ئاقىۋىتى تىبەتلىكلەرنىڭكىدىنمۇ كۆپ ناچار بولدى. ئىشالر نېمە ئۈچۈن شۇنداق
بولدى، دېگەن سوئالغا يۇقىرىدىكى مەزمۇنالردىن يېتەرلىك جاۋاب تېپىش مۇمكىن.
5 .ئىستراتېگىيە تۈزۈش
دىكتاتورغا قارشى سىياسىي قارشىلىق كۈرىشى ھەر خىل شەكىلدە باشلىنىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە بولغان
كۈرەشلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىن پىالنالنمىغان ياكى تاسادىپىي ھالەتتە باشالنغان. ئۇنىڭغا سەۋەب بولغان
ئامىلالرمۇ ھەرخىل بولۇپ، ئۇالرنىڭ مىساللىرى سۈپىتىدە دىكتاتورنىڭ رەھىمسىزلىكىنىڭ بىر يېڭى پەللىگە
كۆتۈرۈلۈشى، بىر تونۇلغان ئەربابنىڭ قولغا ئېلىنىشى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشى، بىر يېڭى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ يولغا
قويۇلۇشى، يېمەكلىكنىڭ كەمچىل بولۇپ كېتىشى، دىنىي ئېتىقادقا قارىتىلغان ھۆرمەتسىزلىك ياكى بىر مۇھىم
ۋەقەنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنى قاتارلىقالرنى تىلغا ئېلىش مۇمكىن.
تاسادىپىي باشالنغان قارشىلىق كۈرىشىنىڭ بەزى ئارتۇقچىلىقى بار بولسىمۇ، ئۇنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ ئاز
ئەمەس. پىالنسىز ئىش ئېلىپ بارغاندا دىكتاتور ھاكىمىيەتنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ئالدىن
مۆلچەرلەنمىگەن بولغاچقا، ئېزىلگەن خەلق ئېغىر بەدەەللرنى تۆلەپ، ئۇالرنىڭ باشلىغان كۈرىشىمۇ مەغلۇبىيەت
بىلەن ئاخىرالشقان ئەھۋالالر كۆپ بولدى. كۆپلىگەن كۈرەش يېتەكچىلىرى ئىش باشالشتىن بۇرۇن ناھايىتى
ئەستايىدىللىق بىلەن بىر ئىستراتېگىيەلىك پىالن تۈزۈۋېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمىدى.
11
ئاشۇنداق بىر ئېھتىياجنى ھېس قىاللمىدى ياكى ئۇنىڭغا ئادەتلەنمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇالرنىڭ قولىدا بىر
ئىستراتېگىيەلىك پىالن ۋۇجۇدقا كەلمىدى.
مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدە، دىكتاتورغا قارشى كۈرەشكە ئاتالنغان يېتەكچىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىالن
تۈزۈش جەھەتتە مەخسۇس تەربىيەلەنمىگىنىمۇ بىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ كەلدى.
ھازىر دىكتاتورغا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇسۇل-چارىلىرىنى ئالدىن پىالنالپ، سىياسىي ۋەزىيەت ۋە ئاممىنىڭ رايى
قاچان تەييار بولىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، شۇ ئاساستا سىياسىي كۈرەشنى باشالشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتىنى
ئالدىن تالالش پۈتۈنلەي مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە چوڭقۇر ئىزدىنىش ۋە ئويلىنىش ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى ۋە
ئېزىلگەن خەلقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيەتلىرىنى توغرا چۈشىنىش —كۈرەشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق چارە-
تەدبىرلىرىنى تالالپ، غەلىبە قازىنىشتا كەم بولسا بولمايدىغان قەدەم-باسقۇچالرنىڭ بىرىدۇر.
ھازىرغىچە دىكتاتورغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرگە يېتەكچىلىك قىلغان كىشىلەر ئىچىدە قايسى ئىشالرنى
قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا تايىنىپ قارار قىلغان كىشىلەر كۆپ چىقتى. ئىشنى ئۇنداق قىلىش يالغۇز
شەخسىيەتچىلىك بولۇپال قالماي، ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىر ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى ۋۇجۇدقا
كەلتۈرۈشنىمۇ ئىمكانىيەتسىز قالدۇرىدۇ.
دىكتاتورغا قارشى كۈرەشنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشتە تۆۋەندىكى تۆت نەرسە چوقۇم بولمىسا بولمايدۇ:
)1 )ئومۇمىي ئىستراتېگىيە
ئومۇمىي ئىستراتېگىيە بىر توقۇنۇشتا ئەركىنلىككە ئېرىشمەكچى بولغان گۇرۇپپىنىڭ بارلىق مۇۋاپىق ھەمدە
پايدىلىنىشقا بولىدىغان مەبلەغلىرىنى ماسالشتۇرۇش ۋە بىۋاسىتە ئىشقا سېلىشنى كونترول قىلىدۇ. بۇ يەردىكى
مەبلەغلەر ئىقتىسادىي، ئىنسانىي، مەنىۋى، سىياسىي ۋە تەشكىالت قاتارلىق مەبلەغلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئومۇمىي ئىستراتېگىيەنىڭ دىققەت مەركىزى گۇرۇپپىنىڭ توقۇنۇشتىكى مەقسەتلىرى )objectives )ۋە مەبلەغلىرى
بولىدۇ. ئۇ، توقۇنۇشتا قوللىنىلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ھەرىكەت تېخنىكىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئومۇمىي ئىستراتېگىيەنى
پىالنلىغاندا، يېتەكچىلەر دىكتاتورغا قايسى بېسىم ۋە تەسىرلەرنى پەيدا قىلىش زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىش
كېرەك. شۇنداقال ئازادلىق كۈرىشىنىڭ دەسلەپكى ۋە كېيىنكى باسقۇچلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ شەرتلىرى ۋە ۋاقتىنى
بەلگىلىشى كېرەك. ئومۇمىي ئىستراتېگىيە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىالرغا ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ۋە ئوخشىمىغان
مەبلەغلەرنى تەقسىم قىلىشنىمۇ بەلگىلەيدۇ.
)2 )ئىستراتېگىيە
ئىستراتېگىيە دېگىنىمىز، بىر توقۇنۇشتا ھەر خىل ئاالھىدە مەقسەتلەرگە ئەڭ ئۈنۈملۈك يېتىش ئۇقۇمىغا قارىتىلغان
بولۇپ، ئۇ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئۈنۈم بېرىدۇ. ئىستراتېگىيە كۈرەش قىلىش كېرەكمۇ-يوق،
قاچان قىلىش كېرەك، قانداق قىلىش كېرەك ۋە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە قانداق ئېرىشىش كېرەك، دېگەنلەرنى كونترول
قىلىدۇ. ئۇ، مەلۇم بىر غەلىبىگە ئېرىشكەندە ئۇ غەلىبە مېۋىسىدىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىمۇ
بەلگىلەيدۇ.
ئىستراتېگىيە تۈزگۈچىلەر ئىستراتېگىيەنىڭ مەقسەتلىرى ۋە كۈرەش نەتىجىسىنى ئۆلچەش ئۇسۇللىرىنىمۇ ئېنىق
بېكىتىپ چىقىشى كېرەك.
)3 )تاكتىكا
تاكتىكا چەكلىك شەرت-شارائىت ئاستىدا بىر خەلقنىڭ كۈچىدىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى پايدىلىنىشقا
ئىشلىتىلىدۇ. تاكتىكا بىر چەكلىك ئىش-ھەرىكەت بولۇپ، مەلۇم ئاالھىدە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ.
12
قانداق تاكتىكىالرنى تالالشنى بىر ئىستراتېگىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا بار بولغان كۈرەش ئۇسۇللىرىدىن قانداق
قىلىپ ئەڭ ياخشى پايدىلىنىش ئېھتىياجى بەلگىلەيدۇ. ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇش
ئۈچۈن شۇنىڭغا ئەڭ ماس كېلىدىغان تاكتىكىالرنى تالالش كېرەك. مەلۇم تاكتىكىنى ئىشلىتىپ قولغا كەلتۈرگەن
نەرسە ئىستراتېگىيەلىك مەقسەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدىكەن، ئۇنداق نەتىجە ئەمەلىيەتتە بىر خىل
ئىسراپچىلىق بولىدۇ.
دېمەك، خۇددى بىر ئىستراتېگىيە ئومۇمىي ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى بولغىنىدەك، تاكتىكا بىر كەڭ دائىرىلىك
ئىستراتېگىيە ئىچىدىكى چەكلىك ئىش-ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشتىكى ۋاسىتىدىن ئىبارەت بولىدۇ. تاكتىكا ھەر
ۋاقىت كۈرەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىستراتېگىيە ئۇنىڭدىن كەڭ دائىرىدىكى نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە
ئالىدۇ. تاكتىكا ئىستراتېگىيەدىن قىسقىراق ۋاقىت ئىچىدە، كىچىكرەك دائىرە ئىچىدە، ئازراق ئادەملەر ئارقىلىق،
ۋە كىچىكرەك مەقسەت ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. زوراۋانسىز ئىش-ھەرىكەتلەردە ئاشۇ ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ
مەقسىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، كۆزلىگەن نەرسە تاكتىكىلىق مەقسەتمۇ ياكى ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتمۇ، دېگەننى
بەلگىلەيدۇ.
)4 )ئۇسۇل
ئۇسۇل ئاالھىدە قورال ياكى ئىش-ھەرىكەت ۋاسىتىسىگە قارىتىلىدۇ. زوراۋانسىز كۈرەشلەردە ئۇسۇل دېگىنىمىز ئىش
تاشالش، بايقۇت قىلىش، سىياسىي جەھەتتىن ھەمكارالشماسلىق، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىش-ھەرىكەت شەكىللىرىنى
ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر ماقالىنىڭ 2-قىسمىدا بايان قىلىنغان ھەرىكەت تۈرلىرى ئەنە شۇنداق ئۇسۇلالرنىڭ بىر
قىسمىدۇر.
مەسئۇلىيەتچان ۋە ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەلىك پىالن تۈزۈش ئومۇمىي ئىستراتېگىيە، ئىستراتېگىيە، تاكتىكا ۋە
ئۇسۇلالرنى تولۇق چۈشىنىپ، ئۇالرغا توغرا ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئۇالرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تالالشقا باغلىق. بىر
دىكتاتوردىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن، ئېزىلگەن خەلق ئەقلىنى ھېسابالپ تۇرۇپ ئىشلىتىپ، شۇ ئاساستا بىر
ئىستراتېگىيەلىك پىالن تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ
بارغان كۈرىشى ناھايىتى ئېغىر زىيانالرنى تارتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ ئەقلىي ئىمكانىيەتلىرىنى ئۈنۈملۈك
ئىشقا سېلىپ، بىر ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش ئارقىلىق، ئېزىلگەن خەلق ئۆزىدە بار بولغان
مەبلەغلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىالتچىالر ۋە پائالىيەتچىلەر ئىچىدە ئىستراتېگىيەلىك پىالن تۈزۈش جەھەتتە مەخسۇس
تەربىيەلەنگەن، ئىستراتېگىيە تۈزەلەيدىغان ياكى باشقىالر تۈزگەن ئىستراتېگىيەنى ئوقۇپ ياكى ئاڭالپ
چۈشىنەلەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن قانچىسى بار؟
6 .ئۇيغۇر-يەھۇدىي ھەمكارلىقىنى كەڭ دائىرىدە قۇرۇپ چىقىش
بۇ قىسىمدا يازىدىغىنىم كىتابتىن ئېلىنغان مەزمۇن ئەمەس.
»ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى« مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان »ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى«نىڭ بىرىنچى سۆھبىتى 2022-
يىلى 9-دېكابىر كۈنى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىيوت خەلقئارا ئىشالر مەركىزى زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ
پائالىيەتنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان تەشكىالتالرنىڭ بىرى ئۇيغۇر
پروجېكت فوندى. بۇ پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلىگەن ئامېرىكىلىق زاتالرنىڭ بىرى ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى
سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى )NED, Democracy for Endowment National )نىڭ سابىق رەئىسى كارل
13
گەرشمەن )Gershman Carl )ئەپەندى بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتقى مېنى ئاالھىدە جەلپ قىلدى. ئۇنداق بولۇشنىڭ
سەۋەبى، كارل ئەپەندى نۇتقىدا يەھۇدىيالرنىڭ قانداق قىلىپ نەچچە مىڭ يىلدىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىنى قايتىدىن
قۇرۇپ چىققانلىقى ھەققىدىكى بىرقانچە مۇھىم ئىشالرنى بايان قىلغاندىن باشقا، ئۇ يەنە ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتە
ئۇيغۇرالر قانداق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە بىرقانچە مۇھىم تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئىدى. مەن كارل
ئەپەندى بىلەن بۇرۇن ئۇ NED نىڭ رەئىسى ۋاقتىدىمۇ ئامېرىكا پايتەختىدە كۆرۈشۈپ باققان ئىدىم. ئەمما
ئۇنىڭ يەھۇدىي مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى نۇتقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاندىن بىلدىم. مەن بۇ
قېتىمقى پائالىيەت جەريانىدا كارل ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭدىن سۆزلىگەن مەزمۇننىڭ تېكىستىنى
سورىۋالمىغانلىقىمغا بەك پۇشايمان قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ۋاشىنگتوندىن ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كارل
ئەپەندىگە ئېلخەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن نۇتۇق تېكىستىنى تەلەپ قىلدىم. كارل ئەپەندى ناھايىتى كەمتەرلىك
بىلەن ئۇ ھۆججەتنى ماڭا ئەۋەتىپ بەردى. بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلخەتتە بىرقانچە قېتىم پىكىر ئالماشتۇردۇق.
مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ يەھۇدىيالر ھەققىدە بۇرۇن ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىم ۋە يازغان ئۇيغۇرچە ماقالىلىرىم
ھەققىدە ئازراق سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ناھايىتى خۇشال بولدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ بەزى ئۇيغۇر تەشكىالت رەھبەرلىرى
بىلەن بىر ئۇيغۇر-يەھۇدىي دىيالوگ پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە تىرىشىۋاتقانلىقىنى دەپ بەردى.
مەن تۆۋەندە كارل ئەپەندىنىڭ »ئۇيغۇرالر بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشى كېرەك؟« دېگەندەك سوئالغا جاۋابەن
بەرگەن تەكلىپلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مېنىڭ يازىدىغىنىم كارل ئەپەندىنىڭ نۇتقىنىڭ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى
ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى.
يەھۇدىيالر تارىخىدا ئۆتكەن »ئاكىۋا« )Akiva )ئىسىملىك بىر راببى بار بولۇپ، يەھۇدىيالرنىڭ كۆپ ئەسىر
ساقلىنىپ قېلىشىدا ئۇنىڭ ئوينىغان رولى ناھايىتى چوڭ. يەنى، يەھۇدىيالرنى يوق قىلىۋەتمەكچى بولغان كۆپلىگەن
ئىمپېرىيەلەر يەر شارى يۈزىدىن غايىب بولۇپ، سۈرگۈندە بولۇپ ياشىغان يەھۇدىيالرنىڭ كۆپ ئەسىر ئۆزىنى
ساقالپ قېلىشىدا راببى ئاكىۋا )Akiva Rabbi )نىڭ ئۈمىدى ۋە ئېتىقادى )faith )ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان.
بۈگۈن بولسا ئۇنىڭ يىراقنى كۆرۈش ئەقلى )vision )ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قايتىدىن تۇغۇلۇشى بىلەن بىر رېئاللىققا
ئايالندى. ئۈمىد بىلەن ئېتىقاد خۇددى ئىنسانالرنىڭ جېنىدەك كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى نەرسە، ئەمما
ئۇالرنىڭ ئۆزىال يېتەرلىك ئەمەس. ئىنسان ئاپپاراتى )agency human )مۇ ئىنتايىن مۇھىم. »نىيەت قىلغان
ئىش كۆرگەن چۈش بولۇپ تۇرىۋەرمەيدۇ.« ئايرىم-ئايرىم ئىندىۋىدۇئالالر ۋە كوللېكتىپ، مەقسەتلىك ھالدا
بۇرۇنقى ئىشالردىن تەجرىبە-ساۋاق ئالغان ھالدا ۋە ئىجادكارلىق بىلەن ئىش كۆرىدىغان ئىنسان ئاپپاراتىغا
تايىنىپ، ناھايىتى ئۇلۇغ مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرااليدۇ.
راببى يوخانان )Yohanan )راببى ئاكىۋادىن نەچچە ئون يىل بۇرۇن ياشىغان بولۇپ، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسى
زېمىنىدا پاناھ تىلەپ تۇرۇپ، باشقا بىرقانچە كىشىلەر بىلەن بىللە يەھۇدىيالرنىڭ تەپەككۇرى، تىلىكى ۋە كۈنلۈك
تۇرمۇشىنىڭ يېتەكچىسى بولغان مىشناھ نى يېزىشنى باشلىغان. مەزكۇر كىتابنىڭ تاماملىنىشى يەھۇدىيالرنىڭ
گۈللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان.
ئۇيغۇرالر ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە تارىخى، كىملىكى، ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىگە ئاساسەن ئۆزلىرىنى ساقالپ
قېلىشنىڭ يولىنى ئۆزلىرى تېپىپ چىقىشى كېرەك. ئەمما يەھۇدىيالرنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرالر
ئۆگەنسە بولىدىغان بىر قىسىم پايدىلىق نەرسىلەر بار بولۇپ، مەن ئۇالردىن تۆۋەندىكىلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن:
)1 )ئۈمىدنىڭ مۇھىملىقىنى قانچىلىك تەكىتلىسەكمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز. ۋاكالۋ خاۋەل )Havel Vaclav )
ئۈمىدنى »ئىنسان روھىنىڭ بىر پارچىسى، ئۇنىڭسىز ئىنسانالرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى بولمايدۇ« دېگەن.
)2 )بالىالرنى ياخشى تەربىيەلەش، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر ئەنئەنىسىنى كېيىنكى ئەۋالدالرغا ئۆتكۈزۈپ
بېرىشنىڭ بىردىنبىر يولى بولۇپ، باال تەربىيەسىنى ياخشى ئېلىپ بېرىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك.
14
)3 )ئورتاق ئۇيغۇر كىملىكىگە ئاساسالنغان، مەدەنىيەت ۋە مىللىي تەۋەلىك تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن
بىرىكىش كۈچى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە، پەلسەپىلىك چۈشەنچە جەھەتتە
ۋە تەشكىالتچىلىق جەھەتتە قانداق ساقالنغىلى بولمايدىغان پەرقلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر،
ئۇ ئامىلنى چوقۇم ساقالپ مېڭىش كېرەك. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پەرقلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق
قىممەتلىك يېڭىلىقالرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
)4 )ئىنسان ئاپپاراتى كەم بولسا بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم بولۇپ، ئۇ، ئۈمىد بىلەن ئېتىقادنى تولۇقلىشى
كېرەك. ئۆزىنى ھايات ساقالش ۋە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقالپ قېلىش — بۈگۈنكى يەر شارىلىشىش
ۋە تېخنولوگىيەدە تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىش دەۋرىدىكى بىر خىل كۈرەش. گەرچە بۈگۈن ئۇيغۇرالرنىڭ بېشىغا
كەلگەن تەھدىت باشقىالر دۇچ كەلگەن تەھدىتلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە قورقۇنچلۇق
بولسىمۇ، يۇقىرىقى كۈرەش يالغۇز ئۇيغۇرالرنىڭال كۈرىشى ئەمەس.
)5 )لىدېرلىق ياكى باشقىالرنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەش قابىلىيىتى كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇ چوقۇم
يىراقنى كۆرەلەيدىغان ئەقىل ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك.
)6 )ئۇيغۇرالر ھازىر ئۆز بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان زۇلۇم، كۆڭۈل ئاغرىقى ۋە دەرد-ئەلەملەر ئۇيغۇرالرغا تېخىمۇ
چىداملىق، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىدىغان مىللەت خاراكتېرىنى، مىللەت تەۋەلىكىنى ۋە مىللىي
كىملىكىنى ئادا قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئۈمىد ۋە ئىمكانىيەتلەر بار.
ئالدىمىزدا قىلىدىغان ئىشالر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇالرنىڭ ئىچىدىكى بىز ئويلىشىپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر ئىش
— ئۇيغۇرالر بىلەن يەھۇدىيالر ئوتتۇرىسىدا بىر دىيالوگ قۇرۇش. ئۇيغۇرالرغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇيغۇرالر
دۇچ كەلگەن قىيىن ئەھۋالغا »ئۇ بىزنىڭ ئۆز ئەھۋالىمىز« دەپ مۇئامىلە قىلىدىغان يەھۇدىيالر ناھايىتى كۆپ.
مەن ئۇيغۇرالرنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىدىغان، تەپەككۇرغا ۋە بىلىمگە باي يەھۇدىيالرنى بايقىشىغا قولۇمدىن
كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن. ئاشۇنداق ھەمكارلىقنىڭ ئۇيغۇرالرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقالپ قېلىشتا دۇچ كەلگەن
قىيىنچىلىقالرنى ھەل قىلىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇنداق سەپەرگە ئاتالنغان يەھۇدىيالر،
ئۇيغۇرالر بىلەن بىرلىكتە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرالر ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك يولالرنى
تاپااليدىكەن، ئۇ يولالر يالغۇز ئۇيغۇرالر ئۈچۈنال پايدىلىق بولۇپ قالماي، ھازىر ناھايىتى قىيىن ئەھۋال ئىچىدە
ئۆزىنىڭ پارالق ئىستىقبالى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان باشقا خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ.
مەن بۇرۇن يەھۇدىيالر ھەققىدە ئىككى پارچە ماقالە يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىلەر »غالىپالرنىڭ خاراكتېرى ۋە
ساۋاقلىرى« دېگەن باسما كىتابىمنىڭ 39 -ۋە 62-بەتلىرىدە بار. ئۇالرنى مېنىڭ تۆۋەندىكى تور بېتىمدىن
چۈشۈرۈپ ئوقۇغىلىمۇ بولىدۇ:
]1« ]غالىپالرنىڭ خاراكتېرى ۋە ساۋاقلىرى« ناملىق كىتاب
http://www.meripet.com/Kitab/Erkin_Sidiqning_5-Kitabi.pdf
]2 ]يەھۇدىيالرنى 3000 يىل ساقالپ قالغان ئامىلالر
http://www.meripet.com/Sohbet1/20130205_Yehudi.htm
]3 ]يەھۇدىيالرنىڭ كۈچلۈك بواللىشىدىكى مۇھىم ئامىلالر
http://www.meripet.com/Sohbet1/20131123_Yehudi.htm
15
]4« ]ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە
يىغىنى« ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇر:
https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/uyghur-medeniyiti-12092022164232.html
7 .خەلقئارا سەھنىلەردىكى خاتا تەشۋىقاتالرنى پاش قىلىش ۋە تۈزىتىش
بۇ قىسىمدا يازىدىغىنىم كىتابتىن ئېلىنغان مەزمۇن ئەمەس.
ھازىر خەلقئارا سەھنىلەرگە چىقىۋاتقان، ئۇيغۇرالر بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتالرنى چوڭ جەھەتتىن مۇنداق
ئىككى كاتېگورىيەگە ئايرىش مۇمكىن: )1 )ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرمايدىغان، خىتايدىن پۇل ئېلىپ رەزىل
خىتاي ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان شەخس ۋە كوللېكتىپ ئاپپاراتالرنىڭ تەشۋىقاتلىرى؛ )2 )ھەققانىيەت ۋە
ئادالەت تەرەپتە تۇرىدىغان، ئۇيغۇرالرغا ھېسداشلىق قىلىدىغان شەخس ۋە كوللېكتىپ ئاپپاراتالرنىڭ
تەشۋىقاتلىرى. 1-كاتېگورىيەدىكى زىيانلىق تەشۋىقات قايسى دەرىجىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن،
تۆۋەندىكىگە قاراپ باقساق كۇپايە: 2015-يىلى نەشر قىلىنغان »يۈز يىللىق مارافون« دېگەن كىتابنىڭ ئۇيغۇر
پروجېكت فوندى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان نۇسخىسىنىڭ 115-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:
»لى خانىم بىزگە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز سىياسىتىگە قارشى تەنقىدلەرنى قانداق كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقى،
ۋە ئۇ تەنقىدلەرنى قانداق باستۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قاتتىق قولالر
بىلەن مۆتىدىللەر دائىمال ئاالھىدە ئۇچۇرالرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش توغرۇلۇق بىر-بىرى بىلەن جاڭجاللىشىپ
تۇرىدىكەن. بۇ ھال ئاق ئەپەندى )ئاق ئەپەندى توغرىسىدىكى بايانالر 4-بابتا مەۋجۇت — ت( بىزگە
تەمىنلىگەن ئۇچۇر بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىقتى. ئاق ئەپەندى خىتاي قاتتىق قوللىرىنىڭ 1980-يىلالردا خىتاي
كومپارتىيەسى تەشۋىقات ئىشخانىسىنى كونتروللۇقىدا تۇتقانلىقىنى، ئامېرىكىنى خىتاي خەلقىگە قايسى دەرىجىدە
سەت كۆرسىتىش توغرۇلۇق مۆتىدىللەر بىلەن جاڭجالالشقانلىقىنى؛ ئۇالر ئۆزلىرىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق باش
ئەلچىلىرىدىن، ھەتتا خىتاينىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن تەنقىدىي پىكىر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، شۇنداق قىلىپ
ئۇچۇرالرنى تەنقىدىي پىكىرگە قارىتا ئۆزگەرتكەنلىكىنى بىزگە ئاشكارىلىغان ئىدى.
لى خانىم بۇ خىزمەتكە يىلىغا 12 مىليارد دولالر خىراجەت ئاجرىتىلغانلىقىنى، شۇنداقال بۇ خىزمەت خىتاي سىياسىي
بىيۇرو دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشچىلىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇالرنىڭ بېيجىڭدىكى مەخپىي ئىشخانىدا
ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى، خىزمەتنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىكى گېزىتلەرنى، تېلېۋىزور
پىروگراممىلىرىنى، شۇنداقال چەت ئەلدە نەشر قىلىنىدىغان ژۇرنالالرنى، ھەمدە دۆلەت ئىچى ئىنتېرنېت ساھەسىنى
كونترول قىلىدىغان تەشۋىقات سىستېمىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغان ئۇچۇرالرنى يارىتىشقا
قارىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بۇ خىزمەتنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى ئىچىدە پارتىيە مەركىزى بىناسى بار
كوچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە جايالشقان بىر مەخپىي ئىدارە بار بولۇپ، ئۇ ئىدارىنىڭ باش شتابىدا 1000 خىزمەتچى
ئىشلەيدىكەن. ئالدىنقى سەپ بىرلەشمە خىزمەت باشقارمىسى، دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئورگان ئۆز ئالدىغا ئاخبارات
توپالش ۋە ئۇنى ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.«
دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق جامائەت پىكىرلىرىنى كونترول قىلىش، يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ دۇنيانى
ئالداش ۋە دۇنيانى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش جەھەتتە 2010-يىللىرىال ھەر يىلدا 12 مىليارد دولالر پۇل
خەجلەشنى باشلىغانىكەن. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرالر ھەققىدە خاتا ئۇچۇر تارقىتىش ۋە چەت ئەلدىكى
ئۇيغۇرالرنى پارچىالش ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇلالر ئەنە شۇ پۇلنىڭ بىر قىسمى، دېسەك، مېنىڭچە خاتاالشمايمىز.
خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقىدەك بىر چوڭ قوشۇن ۋە ناھايىتى كۆپ پۇلغا تايىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرغا قارشى
16
يالغان تەشۋىقاتقا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرالرنىڭ تولۇق تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما ئىمكانىيىتى بار
قېرىنداشالر ئۇ جەھەتتە ئىش ئېلىپ بارسا، ئۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتىمۇ پايدىلىق، ئەلۋەتتە.
ئەمما، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرالرنىڭ 2-كاتېگورىيەدىكى خاتا تەشۋىقاتالرنى پاش قىلىش ۋە ئۇالرنى تۈزىتىش
ئىمكانىيىتى پۈتۈنلەي بار. ئۇنىڭغا ئانچە كۆپ پۇلمۇ كەتمەيدۇ. پەقەت مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش نىيىتى،
ئىرادىسى ۋە ئۆزىنى ئاتاش روھى بار، ئىنگلىز تىلىنى پۇختا بىلىدىغان، سىياسەتتىن يېتەرلىك دەرىجىدە خەۋىرى
بار بىر ئۇيغۇر كۈرەش قوشۇنى بولسىال يېتىدۇ. مەن ئالدى بىلەن 2-كاتېگورىيەدىكى بىزگە زىيانلىق بىر ئىشنى بىر
مىسال سۈپىتىدە بايان قىلىپ ئۆتەي.
ئۆتكەن يىل، يەنى 2022-يىلى ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى )University National Australian )
»شىنجاڭنىڭ 0-يىلى« )Zero Year Xinjiang )ناملىق بىر كىتابنى نەشر قىلدى. بۇ كىتابنىڭ باش
مۇھەررىرلىرىنىڭ بەزىلىرىنى مەن ياخشى بىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇن كۆرۈشۈپ ۋە سۆھبەتلىشىپ
باققان. ئۇ كىشى ئۇيغۇرغا چىن يۈرىكىدىن كۆيىدىغان بىر زات بولۇپ، كىتابتىكى بىرقانچە ماقالىنى ئۇ ئۆزى
يېزىپتۇ. مەن ئۇ كىتابنىڭ »مۇقەددىمە« )Preface )ۋە »كىرىش سۆز« )Introduction An )قىسىملىرىنى
تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. »مۇقەددىمە« قىسمى ناھايىتى ئىلمىي، ئادىل ۋە ئۇنىۋېرسال يېزىلىپتۇ. »كىرىش سۆز«
قىسمىنى باش مۇھەررىرلەر يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى كۆپىنچە مەزمۇنالرمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ئەمما بىر يەردە
ئېغىر خاتالىق بار ئىكەن. ئۇ خاتالىق بار يېرىدە مۇنداق دېيىلگەن )سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى ئەمەس، ئاساسىي
مەزمۇنى. مەن ماقالىنىڭ مۇشۇ قىسمىنىڭ ئاخىرىغا مەزكۇر ئىنگلىزچە مەزمۇننى ئەينەن قوشۇپ قويدۇم( :
»ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قايتىدىن ئىسىم قويۇشتا ئاۋازىنى ئەڭ كۈچلۈك چىقىرىۋاتقانالر شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى
ئۇيغۇر لوبىيچى تەشكىالتالر بولۇپ، ئۇالر ۋەتىنى ئۈچۈن 1930-ۋە 1940-يىللىرى قۇرۇلغان دۆلىتىنىڭ ›شەرقىي
تۈركىستان‹ دېگەن ئىسمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىستەيدۇ. ئەمما، ›شەرقىي تۈركىستان‹ دېگەن ئىسىم ئۈچۈن
لوبىيلىق قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەقەت ئۇيغۇرالردىنال تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇالر بىر
خىل ئوڭ قانات ئېتنو-مىللەتچىلەرگىال مۇراجىئەت قىلىپ، دېموكراتىيەنى ۋە مۇستەملىكىلىكتىن قۇتۇلۇشنى
ئىستەيدىغان باشقا مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايۋاتقاندەك بىلىندى. شۇڭالشقا بىز ›شەرقىي تۈركىستان‹ دېگەن
ئىسىمنى ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلدۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، ›شەرقىي تۈركىستان‹ دېگەن ئىسىم خىتاي مېدىيەلىرىدە
سۈرىيە ۋە پاكىستاندا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋان كۈچلەرگە باغالپ قويۇلغان بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر
ئەمەس مىللەت كىشىلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان
خەلقلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇالرنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرەشلىرىنى قوللىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. شۇڭالشقا
بىز بۇ زېمىننىڭ مۇستەملىكە ئىسمى ›شىنجاڭ‹ نى ئىشلەتتۇق.«
مەن يەنە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ، بىر نورمال ئەقىل ئىگىسى يۇقىرىقى بايانالرنىڭ ئۇيغۇرالر ئۈچۈن نېمىدىن
دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، دۇنياغا قانداق خاتا مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى ھېس قىالاليدۇ. تارىختىكى ئۇيغۇرالر
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىسى بولغان بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسۇن، دەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ
ئىسمىنى »ئۇيغۇرىستان« ، »ئۇيغۇرىيە« ياكى باشقا بىر نەرسە، دەپ ئالماي، »شەرقىي تۈركىستان« دەپ ئاتىغان
ئىدى. مەزكۇر كىتابنىڭ باش مۇھەررىرلىرى بولسا بۇ تارىخىي پاكىتنى پۈتۈنلەي بۇرمىالپ، دۇنياغا خاتا ئۇچۇر
يەتكۈزگەن. شۇڭالشقا 2022-يىلى 9-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن »ئىرقىي
قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقاندا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى« دا
سۆزگە چىققان دوكتور ئادرىئان زېنز )Zenz Adrian )يۇقىرىقى ئەھۋالالرنى تىلغا ئېلىپ، يۇقىرىقى مەزمۇنالرغا
قاتتىق نارازى بولۇپ: »ئۇيغۇرالر ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تارىخىي ۋەقەلەرنى دۇنياغا
چۈشەندۈرۈش ئىشىنى باشقا مىللەت كىشىلىرى ئەمەس، ئۇيغۇرالر ئۆزلىرى قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇرالر ئىچىدىكى
زىيالىيالر بىتەرەپ مەيدان تۇتقان ۋە ئىلمىي ئۇسۇل قولالنغان ئاساستا، ئۆزىنىڭ تارىخىنى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى
دۇنياغا ئۆزلىرى سۆزلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇيغۇرالر تارتىدىغان زىيانالر ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ« دېدى.
17
مەن »شىنجاڭنىڭ 0-يىلى« دېگەن كىتابتىن بۇرۇن خەۋەر تاپمىغان بولۇپ، ئاشۇنداق بىر كىتابنىڭ بارلىقى ۋە
ئۇنىڭدا يۇقىرىقىدەك ئېغىر مەسىلە سادىر بولغانلىقىنى دوكتور ئادرىئان زېنزنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن
ئاندىن بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن دوكتور ئادرىئان زېنزدىن مەزكۇر كىتابنىڭ تور ئادرېسىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ باش
قىسمىنى ئوقۇپ چىقتىم. ھازىر دۇنيادا بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشالر خېلى كۆپ ساندا يۈز بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرالرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مىللەت ئۈچۈن خالىسانە خىزمەت قىلىپ، مىللەت ئۈچۈن پىدائىي بولۇپ
خىزمەت قىلىپ، شۇ يولدا ھەر خىل ئىجابىي ۋە ھەل قىلغۇچ تۆھپىلەرنى يارىتىش پۇرسەتلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ.
ئۇنداق پۇرسەتلەرنى ئۇيغۇر ئۆز ئىچىدە تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئۇنداق پۇرسەتلەر چەت ئەلدىكى
بارلىق ئۇيغۇرالرغا يېتىپ، ئېشىپمۇ قالىدۇ. يۇقىرىقىدەك خەلقئارا سەھنىلەردىكى 2-كاتېگورىيەدىكى ياخشى
كىشىلەر سادىر قىلغان خاتا تەشۋىقاتالرنى دۇنيا خەلقىگە كۆرسىتىپ بېرىش، ۋە مۇمكىن بولسا ئۇالرنى تۈزىتىپ
بېرىش، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرالر ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشالرنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىمىزنى خىتاي
زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشتا قىلمىساق بولمايدىغان مۇھىم ئىشالرنىڭمۇ بىرى.
»شىنجاڭنىڭ 0-يىلى« دېگەن كىتابنىڭ مۇھەررىرلىرىدىن بىرى 2019-يىلى لوس ئانژېلېستىكى كالىفورنىيە
ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، ئۇيغۇر پاجىئەسى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر لېكسىيە يىغىنىدا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرى
بولغان بولۇپ، ئۇ يىغىنغا مەنمۇ بارغان. ئۇ كىشى ئۆز نۇتقىدا: »خىتاي بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى الگېرالرغا
سولىدى« دېدى. مەن يىغىندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم پاراڭالشقاندا، مەن ئۇنىڭدىن: »يېقىندا ئامېرىكا
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىمۇ الگېرالرغا سوالنغان ئۇيغۇرالرنىڭ سانىنى 3 مىليونغا يېقىن،
دېدى. ھەقىقىي سان ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ. سىز نېمىشقا ھېچ بولمىغاندا 3 مىليون، دەپ ئالمايسىز؟ « دەپ سورىدىم.
ئۇ ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: »ئەركىن، ئۇيغۇرالر دۇچ كەلگەن پاجىئە ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر. ئەمما
مۇخبىرلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر مىليونمۇ ئىنتايىن چوڭ سان بولۇپ، ئۇ ساننىڭ ئوينايدىغان رولى 3
مىليون بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر مەن 3 مىليون دېسەم، خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى
ئاسانال يالغانچىغا چىقىرىپ، مېنىڭ نوپۇزۇمغا تەسىر يېتىدۇ« . مەن بۇ سۆزدىن مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندىم:
ئۇيغۇرالرغا باشقىالر ئىگە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقمايدىكەن؛ ئۇالر ئۈچۈن نوپۇزنى ساقالش ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن
ئۈستۈن تۇرىدىكەن. مەن »2014-يىلىدىن بۇيان 9 مىليوندەك ئۇيغۇر شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدىن غايىب
بولدى، ئۇالردىن بىر مىليوندىن كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈلدى ياكى ئۆلۈپ كەتتى« دېگەن گەپنى ئىنگلىزچە
تۋىتتېرىمدا، ئىنگلىزچە سۆھبەت ۋە لېكسىيەلەردە، ئىنگلىزچە چوڭ مېدىيەلەردە سۆزلىگەندە دەپ كېلىۋاتقىنىمغا
بىرقانچە يىل بولدى. مېنىڭ يېقىن دوستلىرىم ئىچىدىمۇ »ئەركىن ئاكا، خەلقئارا قوبۇل قىاللمايدىغان ئۇنداق
سانالرنى دەۋەرسىڭىز، سىزنىڭ ئىناۋىتىڭىز ۋە نوپۇزىڭىزغا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ« دېگەنلەر بولدى. مەن
ئۇنداق دوستلىرىمغا: »مىللەتكە پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغان، مىللەتكە ئەسقاتمايدىغان ئىناۋەت، نوپۇز ۋە
شەرەپلەرنىڭ ماڭا كېرىكى يوق. مەن ئىشلەتكەن سانالرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەنبەسى بار — ئۇالر ۋەتەندىن
كەلگەن، مەن توقۇپ چىققان سانالر ئەمەس. ئۇالر ۋەتەندىكىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ئامانىتى. ئۇنى خەلقئارا
سەھنىلەردە ئوتتۇرىغا چىقىرىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم« دەپ جاۋاب بەردىم. قىسقىسى، مىللىتىمىزگە بىز ئۇيغۇرالر
ئۆزىمىز ئىگە چىقىشىمىز كېرەك. باشقىالر ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويمايدۇ.
»شىنجاڭنىڭ 0-يىلى« دېگەن ئىنگلىزچە كىتابنىڭ 12-بېتىگە يېزىلغان، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزمۇننىڭ
ئەينەن تېكىستى مۇنداق:
«The most strident voices when it comes to renaming these homelands are from
Uyghur advocacy organisations based in North America and Europe who wish to
reclaim the term ‘East Turkestan’—the historical name claimed first by a shortlived Islamic republic in the 1930s and then by a Soviet-backed republic in the
1940s. However, since many of the advocates of East Turkestan appear to be
exclusively Uyghur and appeal to a type of right-wing ethnonationalism rather than
18
an inclusive democratic and decolonial ethos, we have decided not to use this
name. Furthermore, because the term East Turkestan is associated in Chinese
media discourse with small Uyghur militant groups in Syria and Pakistan, the name
carries with it associations that act as obstacles to solidarity for many nonUyghurs and Chinese citizens who otherwise may stand in solidarity with
oppressed peoples in northwestern China. In the absence of a name that addresses
the concerns of hundreds of thousands of native peoples who would be excluded
through the adoption of the name East Turkestan, we have used the colonial name
Xinjiang as a reminder of the prohibition of formal decolonial political formations
inside China. »
مەزكۇر كىتاب ھەقسىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ:
https://press.anu.edu.au/publications/xinjiang-year-zero
8 .كىتاب ۋە ئۇنىڭ ئاپتورى ھەققىدە
مەن مەزكۇر ماقالە ئۈچۈن ئامازوندىن سېتىۋېلىپ پايدىالنغان ئىنگلىزچە كىتابنىڭ ئىسمى »دىكتاتورلۇقتىن
يىللىرى-2018 — 1928 ئۇنى، بولۇپ( From Dictatorship to Democracy( »دېموكراتىيەگىچە
ياشىغان گىنى شارپ )Sharp Gene )ئەپەندى يازغان. گىنى ئەپەندى ئامېرىكىدىكى ئوخايو شتات
ئۇنىۋېرسىتېتى )University State Ohio )نىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە باكالۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق
ئۇنۋانى ئېلىپ، ئەنگلىيەدىكى ئوكسفورد )Oxford )ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت ئىلمى كەسپىنىڭ دوكتورلۇق
ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەھۇدىي مىللىتىدىن بولۇپ، پۈتۈن ئۆمرىنى زوراۋانسىز كۈرەش تەتقىقاتى بىلەن
ئۆتكۈزگەن. ئۇ گەندىنى كۆپ تەتقىق قىلغان، ھەمدە دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئالبېرت ئېينىشتىيىن بىلەن
يېقىن ئۆتكەن. ئۇ ئامېرىكىدا »ئالبېرت ئېينىشتىيىن ئىنستىتۇتى« نى قۇرۇپ، زوراۋانسىز ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ
تەتقىقاتى ۋە تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇلالنغان. ئۇ بىر مەزگىل خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ پىروفېسسور بولۇپ ئىشلىگەن.
ئۇ 4 قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات بولغان، ھەمدە 2012-يىلى ئاشۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ئاز قالغان.
ئۇ يەنە كۆپلىگەن ئامېرىكا ۋە خەلقئارالىق مۇكاپاتالرغا ئېرىشكەن. مەزكۇر كىتاب گىنى ئەپەندىنىڭ 40 يىلدىن
ئۇزۇنراق ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، 2002-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە 8
قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان، ھەمدە 28 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ 28 خىل تىلنىڭ ئىچىدە قىرغىزچە، ئۆزبېكچە
ۋە تىبەتچىمۇ بار. ئۇنىڭ خىتايچىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇنى توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ تور ئادرېسىنى
مۇشۇ قىسىمنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا يېزىپ قويدۇم.
مېنىڭ قولۇمدا يۇقىرىقى كىتابقا ئوخشاش ناھايىتى داڭلىق ئىنگلىزچە كىتابالردىن بەشتەك كىتاب بار بولۇپ،
ئۇالرنىڭ ھېچ قايسىسى 160 بەتتىن ئاشمايدۇ. مەزكۇر كىتاب 138 بەت ئىكەن.
ئاخىرقى سۆز
چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرالر دۇچ كەلگەن ئېغىر مەسىلىلەردىن مۇنداقلىرى
بار:
19
)1 )خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي دەۋا ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئۇيغۇرالرنىڭ ۋە ئۇيغۇر
تەشكىالتلىرىنىڭ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىپ، ئۇيغۇرالرنى ئۆزئارا سوقۇشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرالرنى
پارچىالپ يوقىتىش ئىش-ھەرىكەتلىرى؛
)2 )بەزى نادان ئۇيغۇرالرنىڭ كۈرەش نىشانىنى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئەمەس، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى )د ئۇ
ق( غا ئوخشاش ئەمەلىي ئىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىالتلىرىغا قارىتىپ، پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋە تەشكىالت
رەھبەرلىرىنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزالشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇشى ۋە چوڭ
زىيانالرنى سېلىشى؛
)3 )قالپىقى چوڭ ئەمما ئىچى قۇرۇق، ئىسمى چوڭ ئەمما ئەمەلىي قابىلىيىتى يوق، ھەمدە ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسى
ئۈچۈن ھېچ بىر زۆرۈرىيىتى ۋە قىممىتى يوق ئۇيغۇر تەشكىالتلىرىنىڭ توختىماي قۇرۇلۇشى؛
)4 )نامى چوڭ ئەمما ئەمەلىي قىممىتى يوق، ياكى ئەمەلىي قىممىتى تۆۋەن، ئۇيغۇرالرنىڭ ئۆز ئىچىگە قارىتىلغان
يىغىنالرنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرالرنىڭ ماددىي مەبلىغى، ۋاقتى ۋە زېھنىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە
ئىسراپ قىلىنىشى ۋە ئۇيغۇرالرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈشى؛
)5 )خېلى كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن »مىللىتىم« دېگەن ئۇقۇم »مېنىڭ كېڭەيتىلگەن ئائىلەم« بىلەن باراۋەر بولۇپ
قالدى. ئۇالر ۋەتەندىكى ئاتا-ئانىسى ياكى قېرىنداشلىرى ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن پات-پات
ئاالقىلىشىپ تۇرۇپ، ئۇالرنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى »مىللىتىم ساقكەن« دەپ ھېسابالپ، شۇنىڭ بىلەن چەت
ئەلدىكى سىياسىي دەۋادىن ئۆزلىرىنى يىراق تۇتۇپ ياشاۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن
غايىب قىلىنغان 9 مىليوندەك ئۇيغۇر ئۇالرنىڭ كاللىسىغا زادىال خاتىرىلەنمەيۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىياسىي دەۋاغا
كىرگەن كىشىلەرنىڭ سانى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرالرنىڭ يېرىمىدىنمۇ كۆپ ئاز بولۇۋاتىدۇ. ئەكسىچە، توي، كۆڭۈل
ئېچىش ۋە مېھماندارچىلىق سورۇنلىرى ھەمدە داال ئولتۇرۇشى )picnic )غا ئوخشاش ئىشالرغا كېلىدىغان
ئادەملەرنىڭ سانى ناھايىتىمۇ كۆپ. ئۇ يەردە كەيپىيات ئۈستۈن ۋە قىزغىنلىق يۇقىرى بولۇپ، ئۇنداق سورۇنالردىكى
كىشىلەرنى »ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەتنىڭ ئادەملىرى« دېسە، باشقىالر ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدۇ.
ئىنسانالرنىڭ ئېھتىياجى ئۇالردا قوزغاتقۇچى كۈچ ياكى مەقسەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. مەقسەت بولسا ئىش-
ھەرىكەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئېھتىياج ياكى زۆرۈرىيەت ئىندىۋىدۇئالالرنىڭ ۋە تەشكىالتالرنىڭ قانداق قارار
ئېلىشىنى، قولىدا بار مەبلەغلەرنى قانداق ئىشالرغا ئىشلىتىشىنى ۋە قايسى ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى
بەلگىلەيدۇ. بىزنىڭ بىر قىسىم نادان قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇنداق ئىش-ھەرىكەت ئىلمىنىڭ ئاددىي
قانۇنىيەتلىرىدىن بىخەۋەر ھالدا، بۇ ساھەدىكى كەسپىي بىلىملەرنى بىلمىگەن ئاساستا، ئۆزلىرىنى يېتەرلىك
دەرىجىدە تەربىيەلىمەي، ئالدى بىلەن تەشكىالت قۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنى باشلىق دەپ ئېالن قىلىپ، ئاندىن
قۇرغان تەشكىالتى ئۈچۈن ئىش ئىزدەۋاتىدۇ، ھەمدە كۆپىنچە ۋاقىتالردا ئۆزلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە قىممىتى
بار ئىش تاپالماي، قۇرغان نەرسىلىرىنى »نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق« تەشكىالت سۈپىتىدە ساقالپ مېڭىۋاتىدۇ.
ئۇنداق تەشكىالتالرنى قۇرغاننىڭ ئورنىغا د ئۇ ق غا ياردەملىشىپ ئىش ئېلىپ بارسا، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە قىممىتى
جىق ياخشى بوالر ئىدى. ئەمما بىز ئۇنداق قىاللمايۋاتىمىز.
بىزدە ھازىر ھەر يىلى ئوخشىمىغان تەشكىالتالر تەرىپىدىن 30 – 50 كىشىلىك يېپىق يىغىنالر ئېچىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ.
ئەمما ئۇالرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئەمەلىي قىممىتى كۆڭۈل ئېچىش يىغىلىشلىرىنىڭكىدىن ئانچە يۇقىرى ئەمەس.
بەزىدە يىغىننىڭ تېمىسى ناھايىتى چوڭ، ئەمەلىيەتتە بولسا چۈشكەن ئىدىيەلەر، كۆزقاراشالر ۋە پىكىر-
تەكلىپلەرنىڭ ئانچە تايىنى يوق، ھەمدە ئۇالرنىڭ ھېچ قانداق خاتىرىسى يوق. يەنى ماقالىمۇ يوق، چوڭ ئېكراندا
كۆرسىتىدىغان مەزمۇنمۇ يوق. يىغىن ئاخىرالشقاندىن كېيىنال ئۇ يىغىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىلەر غايىب
بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بەزى يىغىنالردا بۇرۇنقى خىزمەتتىن دوكالت يوق، كېيىنكى خىزمەتلەر ھەققىدە پىالن تۈزۈش
20
يوق، ھەمدە ھېچ كىمگە مەسئۇلىيەت بېرىش يوق، شۇنداقال ھېچ كىمنى مەسئۇلىيەتكە تارتىشمۇ يوق. بۇنداق
يىغىنالر ئۇيغۇرالر ئارىسىدىكى ئەڭ راھەت ئىشالرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
قەبىھ خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سابىق رەھبىرى ماۋ زېدوڭنىڭ مۇنداق بىر گېپى بار: »ئىنقىالب قىلىش مېھمان
چاقىرىش، زىياپەت بېرىش ئەمەس.« ئەگەر ئۇيغۇرالر قىلىۋاتقان بەزى ئىشالرغا ئاشۇنىڭغا ئوخشاش كۆرسەتمە
بېرىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى مۇنداق بايان قىلىش مۇمكىن:
— ئىنقىالب قىلىش، تەشكىالت قۇرۇپ، قۇرۇلۇش مۇراسىمىنى رەسىم-ۋىدىيوالرغا ئېلىپ، ئاشۇ رەسىم-ۋىدىيوالرنى
ئىجتىمائىي تاراتقۇالرغا چىقىرىپ قويۇپ، شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىش ئەمەس؛
— ئىنقىالب قىلىش، چوڭ قالپاقالر كىيدۈرۈلگەن يىغىنالرنى ئېچىپ، يىغىن كۆرۈنۈشلىرىنى رەسىملەرگە ئېلىپ،
ئاندىن ناھايىتى تەسىرلىك خەۋەردىن بىرنى يېزىپ، ئۇ خەۋەرگە رەسىملەرنى قوشۇپ تورالرغا چىقىرىپ قويۇپ،
شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىش ئەمەس.
مەزكۇر ماقالىدە چۈشەندۈرۈلگىنىدەك، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشىدا ناھايىتى كۈچلۈك »ئىنسان ئاپپاراتى«
نى بەرپا قىلىش ناھايىتىمۇ مۇھىم، ئەمما بىر قىسىم ئۇيغۇرالر قىلىۋاتقان يۇقىرىقىدەك ئىشالر ئۇنداق »ئىنسان
ئاپپاراتى« قۇرۇش ئىشلىرى ئەمەس.
مەن ئۆزۈمنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن باشالپ ياشىغان ئۆمرۈمدىكى ئىشالر ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىپ، يەنى
ئۇيغۇرالرنىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىرنىڭ مابەينىدىكى ئەھۋالى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ چىقىش يولى
ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بىزدە ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلە — مىللەت ساپاسى مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ھېس
قىلدىم. ئاشۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىمىزنى ياخشىالش يولىدا ئىككى قېتىم بەزى ئىشنى پىالنالپ باققان بولسىمۇ، مەلۇم
سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇ ئىشنى قىاللمىدىم. مۇۋاپىق بىر پەيتتە بۇ ھەقتە مەن ئايرىم توختىلىمەن. بۇنىڭدىن
كېيىن، ھازىر ياشاۋاتقان 40 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى كىشىلىرىمىزنىڭ ساپاسىنى يېتەرلىك دەرىجىدە
ئۆستۈرگىلى بوالمدۇ-يوق، ئۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىش قىيىن. ئەمما ئۇيغۇرالرنىڭ يېڭى ئەۋالدلىرىنى يۇقىرى
ساپالىق، يۇقىرى ئىنسانلىق سۈپىتى بىلەن تەربىيەلەپ يېتىلدۈرۈش بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم
ۋەزىپىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇشى كېرەك. مەزكۇر ماقالىدە بۇ مەسىلىمۇ قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەن
ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىدە تەيياراليدىغان ماقالىلىرىمنىڭ بەزىلىرىنى يەنە مەخسۇس مۇشۇ مەسىلىگە قارىتىشىم
مۇمكىن.
بىز »مىللەت ئۈچۈن جېنىم پىدا«، »ۋەتەن ئۈچۈن جېنىم پىدا« دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى پات-پات ئاڭالپ
تۇرىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا، ۋەتەن-مىللەت ئۈچۈن جاننى پىدا قىلىدىغان بىر كۈنلەر كەلگۈسىدە چوقۇم كېلىدۇ. ئۇ
كۈنلەر كېلىشتىن بۇرۇن، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قولىدىن ۋەتەننى ئازاد قىلىش يولىدا چەت ئەلدە ئېلىپ
بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەرگە ۋاقتىمىزنى پىدا قىلىش، زېھنىمىزنى پىدا قىلىش ۋە پۇلىمىزنى پىدا قىلىش — نۆۋەتتىكى
ئەڭ قىممەتلىك، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ ئۇلۇغ تالالشتۇر.
كىتابنىڭ خىتايچە تەرجىمىسى: 从独裁到民主
https://freedomcn.org/wpcontent/uploads/2018/01/%E4%BB%8E%E7%8B%AC%E8%A3%81%E5%88%B0%
E6%B0%91%E4%B8%BB.pdf
21
گىنى شارپ ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
https://en.wikipedia.org/wiki/Gene_Sharp
مۇ ماقالىنى »پىداكار« ىئنىمىز تەھرىرلىدى.
بۇ ماقالە پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ. ئۇنى ھېچ كىمدىن سورىماي،
Sohbet/com.meripet.www://http /دېگەن مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، خالىغان يەرگە يۆتكەپ
چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ

Share
2334 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.