logo

trugen jacn

ئۆزبېكلەرگە قىلىنغانسۇيىقەستنىڭ ئارقىسىدىن رۇسىيە چىقتى

 

ئۆزبېكلەرگە قىلىنغانسۇيىقەستنىڭ ئارقىسىدىن رۇسىيە چىقتى
تارقىتىلىش 29.12.2015 يېڭىلىنىش 29.12.2015

سۇيىقەست ئەترىتى باشلىقى «ئۈمىد ئامىنوۋ» پاش بولۇشى بىلەن تەڭ تۈركىيەگە كېلىشنى پىلانلىغان 15 كىشىلىك سۇيىقەست ئەترىتىمۇ ئاشكارىلىنىپ قالدى.

 شۋېتسىيەدە ئۆزبېكلەرگە قىلىنغان سۇيىقەستنىڭ ئارقىسىدىن رۇسىيە چىقتى.
شۋېتسىيەدە تۈركچە چىقىدىغان «شىۋېتسىيەنىڭ كۈنتەرتىپى» ناملىق گېزىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شېۋىتسىيەدە ياشايدىغان ئۆزبېك ئالىم ئابىد نازارغا سۇيىقەست قىلغان يۇرى جۇكوۋىسكى، ئۆزبېكلەرگە سۇيىقەست قىلغان ئەترەتنىڭ باشلىقى ئۈمىت ئامىنوۋ ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.
خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:
تۈركىيە، شىۋېتسىيە ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئەزالىرىغا سۇيىقەست قىلىدىغان سۇيىقەست ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئاخىرى ئاشكارىلاندى. ئىككى يىل ئىلگىرى شىۋېتسىيەدە ئۆزبېك ئالىم ئابىد نازار قارىغا سۇيىقەست قىلغان رۇسىيەلىك جىنايەتچى يۇرى جۇكوۋىسكى بۇ قېتىم سوتتا مۇھىم بىر ئىشنى ئىقرار قىلدى.
رۇسىيەلىك سۇيىقەستچى، ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا ئۆلتۈرۈلگەن ئابدۇللاھ بۇخارى قاتارلىق كىشىلەرگە قىلىنغان سۇيىقەستلەر ئۈچۈنمۇ مەخپىي ئىسمى «تىگران كاپلانوۋ» ۋە ئەسلى ئىسمى «ئۈمىد ئامىنوۋ» دېگەن كىشىنىڭ بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.
«ئۈمىد ئامىنوۋ» پاش بولۇشى بىلەن تەڭ تۈركىيەگە كېلىشنى پىلانلىغان 15 كىشىلىك سۇيىقەست ئەترىتىمۇ ئاشكارىلىنىپ قالدى. بۇ مەلۇماتلاردىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۆزبېك ئۆكتىچى رەھبەلەرنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىرلەر ئېلىندى. تۈركىيەدىكى ئۆزبېكلەرنى قوغداش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەترەت بەلىگلەندى.
2014 – يىلى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا قوراللىق ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئابدۇللاھ بۇخارىغا سۇيىقەست ۋەقەسىدىن كىيىن 4 كىشىلىك سۇيىقسەت تىزىملىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى.
يېڭى شەپەق گېزىتى قولغا چۈشۈرگەن سۇيىقەست تىزىملىكىدە، ئابدۇللاھ بۇخارى بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەھبىرى مۇھەممەد سالىھ، ئۆغلى تېمۇر سالىھ ۋە قىرغىزىستانلىق ئۆزبېك ئالىم رېشات قارىنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
شۋېتسىيەدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىدا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان ۋە بېشىغا ئوق تەگكەن ئابىد نازار قارى ئىككى يىلدىن بۇيان جىددى قۇتۇقۇزۇشتا بالنېستتا ياتماقتا.
«ئۈمىد ئامىنوۋ» تەييارلىغان سۇيىقەست تىزىملىكىدىكى 4 كىشنىڭ بىرى بولغان قىرغىزىستانلىق ئۆزبېك ئالىم رېشات قارىمۇ ئىلگىرى 6 ئاي ئىچىدە 2 قېتىم سۇيىقەسەتكە ئۇچرىغان ئىدى. ئىستانبۇل ۋە قىرغىزىستاندا پىلانلانغان بۇ سۇيىقەستلەر نەتىجىسىز قالغاندىن كېيىن 2015 – يىلى 11 – فېۋرالدا قىرغىزىستاندا ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.
قىرغىزىستان سوت مەھكىمىسى ئۆزبېك ئالىم رېشات قارىنى ھىزبۇت تەھرىرگە ياردەم بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئەمدىلىكتە قىرغىزىستانلىق ئۆزبېك ئالىم رېشات قارىغا تۈرمىدە سۇيىقەست قىلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. رېشاد قارىنىڭ دادىسى رافىق قارىمۇ قىرغىزىستاندا سۇيىقەستكە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1434 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.