logo

trugen jacn

ئۆركەش دۆلەت ئۆزىنى تەيۋەن پارلامېنتىغا نامزاتلىققا كۆرسەتتى

images-1

1989‏-يىلدىكى تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار رەھبىرى، ئاتاقلىق ئۆكتىچى ئۆركەش دۆلەت ئۆزىنى كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا تەيۋەن پارلامېنتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ، جۈمە كۈنى ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ما يىڭجيۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى قىرغاق سىياسىتىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ، بۇ سىياسەت تەيۋەننى خەلقئارادا  تار بۇلۇڭغا قاپساپ قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆركەش دۆلەت، 1989‏- يىلى پارتلىغان تيەنئەنمېن دېموكراتىيە ھەرىكىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ داڭ چىقارغان. ئۇ، سابىق خىتاي باش مىنىستىرى لى پېڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ قەتئىي پوزىتسىيىسى بىلەن دىققەت قوزغىغان.

ئۇ، تيەنەنمىن ھەرىكىتى قانلىق باستۇرۇلغاندىن كېيىن چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ، 1996‏- يىلى تەيېۋەنگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئىدى.

ئۆركەش دۆلەت جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا يەنە « خىتاي مېنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ دۆلىتى، تەيۋەن مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ مەملىكىتى. مېنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈش نۇقتىئىنەزىرىم، قارىشىم ۋە ئىدىيەم ئىزچىلىققا ئىگە» دېگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆركەش تەيۋەننىڭ تەيجوڭ شەھىرىدىن مۇستەقىل نامزات سۈپىتىدە سايلامغا قاتنىشىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/orkesh-dolet-07242015162703.html

Share
3369 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.