logo

trugen jacn

ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ 70.يىللىق خاتىرە كۇنىدىن ئۇيغۇرلارغا ساۋاق

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ 70.يىللىق خاتىرە كۇنىدىن ئۇيغۇرلارغا ساۋاق

 

بۇ ئاينىڭ 8. كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىلى داغدۇغىلىق تەبرىكلەندى.غەلىبىلەرنىڭ غەلىبىسى بولغان ئاساسىي مېلودىيە يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدى. خىتاينىئىڭ 2000.يىلقى نۇپۇس ئىستاستىكىسىدا ئىچكى موڭغۇلىيىنىڭ ئۇمۇمىي نوپۇسى 25 مىليون بولۇپ، موڭغۇل نوپۇسى 4.2 مىليون. ئۇمۇمىي نۇپۇس ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 17%. 1947.يىلى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا موڭغۇل نوپۇسى 60% ئىدى. بۇگۈنكى كۈندە ئىچكى موڭغۇلىيەدە موڭغۇل نوپۇسى 10% ئەتىراپىدا بولىشى مۇمكىن. كوھخۇتتا 3 مىليون نۇپۇس بار بولۇپ بىرمۇ موڭغۇلچە مەكتەپ يوق. ئىچكى موڭغۇلىيەدە ”قوش تىل مائارىپى“ دېگەن سىياسەت يوق. چۈنكى، موڭغۇللار خىتايلىشىپ كەتكەن. موڭغۇل تىلى پەقەتلا ۋىۋىسكىلاردىلا بار

ياپونىيىنىڭ ياردىمى بىلەن 1931.يىلى مانجۇرىيە دۆلىتى قۇرۇلۇشى بىلەنلا، ياپونىيە ئارمىيىسى ئىچكى موڭغۇلىيە زېمىنىدا ئىلگىرلىدى ۋە كوھخۇتنى ئالغاندىن كېيىن 1937. يىلى 11. ئايدا ”ئىچكى موڭغۇلىيە بىرلەشمە كومىتېتى“ ئىسمى ئاستىدا مۇستەقىل ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ بەرگەن ئىدى. ياپونلارنىڭ شەرقى تۈركىستانغا قاراپ ئىلگىرىلەش پىلانى بولغانلىغى ئۈچۈن 1937. يىلى ماخمۇت مۇھىتى ۋە ياردەمچىلىرى كوھخۇتقا كېلىپ يەرلەشكەن ئىدى. ياپونىيىنىڭ مەقسىتى تىز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەپ مايتاغ نېفىتلىكنى قولغا كىرگۈزۈپ، مايتاغدىن ئۇچقان ياپون ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى باكۇ نىفىتلىگىنى بومبىلايتتى. شۇنداق قىلىپ ياپونلار،رۇسلار ئېرىشىدىغان نېفىت مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، گىتلېر گىرمانىيەسىگە ياردەم قىلغان بۇلاتتى. بىراق ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى، ياپونلارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىۋاتقان نېفىت توشۇيدىغان پاراخوتلارنى داۋاملىق تۈردە بومبىلاپ، ياپونىيىگە كېلىدىغان نېفىتنى ئۈزۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن، 1941.يىلى 7. دىكابىر كۈنى ياپون ھاۋا ئارمىيىسى 360 ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن ھاۋايى ئارىلىدىكى پېئارل ھاربور ھەربىي پورتقا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ 12 ئۇرۇش پاراخوتى، 140 ئايرۇپىىلانىنى پاچاقلىدى ۋە 3400 ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى. ئامېرىكىنىڭ 2. دۇنيا ئۇرۇشىغا تەرەپ بولۇشى ياپونلارنىڭ پىلانىنى ئاستىن، ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئىدى. 1945.يىلى 15. ئاۋغۇستتا ياپون ئارمىيەسى شەرتسىز تەسلىم بولىشى بىلەن، سېۋىت قىزىل ئارمىيىسى مانجۇرىيە ۋە ئىچكى موڭغۇلىيەگە بېسىپ كىرىپ تەسلىم بولغان ياپون ئەسكەرلىرىنى قۇرالسىزلاندۇردى

شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش مۇھىمكى، ياپونىيە ئاسىيادا بىرلا ۋاقىتتا 36 دۆلەت ۋە رايوننى بېسىۋالغان بولۇپ، بارغانلا يەردە يەرلىك خەلقلەردىن ئارمىيە تەشكىللەپ قۇراللاندۇرغان. قوراللانغان ئارمىيىگە” غەرب ئىمپىريالىستلىرى تەكرار سىلەرنى بېسىۋېلىشقا كەلسە قۇراللىق ۋەتىنىڭلارنى قوغداڭلار!“ دەپ ئۇلارنى قۇراللاندۇرغان ئىدى. مەسىلەن پىلىپىندىن ئامېرىكىنى، مالايشىيا، ھىندىنوزىيەدىن ئىنگىلىزلارنى، ۋىتنامدىن پرانسۇزلارنى، بىرمادىن ئەنگىلىيەنى قوغلاپ چىقىرىپ بۇ دۆلەتلەردە مىللىي ئارمىيە قۇرۇپ بەرگەچكە ياپونلار تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەت ئارمىيەلىرى غەرب دۆلەت مۈستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىغىنى قوبۇل قېلىشقا مەجبۇر بولغان. بىراق ئىچكى موڭغۇلىيەدە رۇسلار، ياپونىيىگە قارشى كۈرەش قىلغان موڭغۇل يولباشچى ئۇلەنفۇنى قوللىدى ۋە قورالنى ئۇلارغا بەردى. ئۇلەنفۇ،1936. يىلى خىتاي كومىنىستىك پارتىيسى، ئاز سانلىق مىللاتلەرگە ئاپتونومىيە، ئەگەر ئارزۇ قىلسا مۇستەقىللىق بىرىدىغانلىغىنى ئېلان قىلىشى بىلەن موڭغۇل كومىنىستىك پارتىيەسى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي كومىنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىغان ئىدى. رۇس ۋە موڭغۇل كومىنىستلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى بىلەن خىتاي كومىنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان ئۇلەنفۇ ۋە قىسىملىرى، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ غوللۇق كۈچىگە ئايلانغان ئىدى.ئۇلەنفۇ ئىچكى موڭغۇلىيەنى تامامەن كوترول ئاستىغا ئالغان ئىدى. شۇڭا خىتاي دۆلىتىدە تۇنجى ئاپتونوم رايون ئىچكى موڭغۇلىيەدە قۇرۇلدى. 1947. يىلى 8. ئاينىڭ 7. كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا بۇ رايوننىڭ ئەڭ يۇقىرى ھۇقۇقىدىن ئەڭ تۆۋەندىكى كادىرلىرىغىچە ھوقۇقنىڭ 95% موڭغۇللارنىڭ قولىدا ئىدى. بۈگۈن ئۇلەنفۇنىڭ قىز نەۋرىسى بۇشاۋلىن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى. ئامما ئەمەلىي ھوقۇققا ئىگە ئەمەس. خۇددى، شەرقى تۇركىستان دۆلەت رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئايالى ماينۇر قاسىمنى قورچاق قىلىپ ئىشلەتكەندەك ئىشلەتمەكتە. موڭغۇل خەلقى بولسا خۇددى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ھەم ھوقۇقسىز، ھەم يەرسىز،ئىشسىز چەت ۋە ئۈنۈمسىز يەرلەردە ياشاشقا مەجبۇر قىلىنماقتا

ئوتتۇرىدىكى ئۇلەنفۇ، سولدىكى شىجۇڭشۇن (ھازىرقى خىتاي رەئىسى شىجىنپىڭنىڭ دادىسى) ئوڭدىكى ئۇلەنفۇنىڭ چوڭ ئوغلى

ئىچكى مونغولىيە خۇددى شەرقى تۈركىستانغا ئوخشاش بايلىق بىلەن تولغان بىپايان زىمىن.دۇنيادىكى سىرەك تۇپا (يەر شارىدا ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان ئىستىراتېگىيىلىك تۇپراق) 76% ئىچىكى موڭغۇلىيەدىن چىقىدۇ. خىتاي دۆلەت ئىستاستىكا ئىدارىسىنىڭ 2006. يىلقى سانلىق مەلۇماتىدا ئىچكى موڭغۇلىيەدىن تېپىلغان تەبىئي گاز زاپىسى 790.3 مىليارد مىتىركۇپ بولۇپ خىتاي بويىچە 1. ئورۇندا تۇرىدۇ. كۆمۈر زاپىسى 701.6 مىليارد توننا.فليۇئورىت تاش زاپىسى ئاسىيادا 1. ئورۇندا تۇرىدۇ. سۈرمە تاش (گرافىت) مىقتارى 500 مىليون توننا. خىتايدا 1. ئورۇندا تۇرىدۇ.سىلىتسىيلىق قۇم (كومپىيورتۇر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئىستىراتېگىيىلىك خام ماددىسى) زاپىسى 55 مىليارد توننا بولۇپ خىتاي بويىچە 1. ئورۇندا تۇرىدۇ. ئىچكى موڭغۇلىيەدە تېرىلغۇ يەر 7.356.000 گېكتار بولۇپ، خىتاي بويىچە كىشى بېشىغا ئەڭ كۆپ تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ. بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن موڭغۇللارنىڭ يايلاقلىرى بۇزۇلۇپ تېرىلغۇ يەرگە ئۆزگەرتىلگەن. ئىچكى موڭغۇلىيەدە يايلاقلار يوق قىلىنغاچقا ئەنئەنىۋىي چارۋىچىلىق ئاساسەن ئۆلگەن بولۇپ، بۇ رايون خىتاي خەلقى ئۈچۈن چوشقا گوشى ئىشلەپچىقىرىدىغان مەركىزى بازىغا ئايلانغان. ئىچكى موڭغۇلىيەدىن بېىجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي… قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىگە ھەر يىلى 733.000 توننا چوشقا گۆشى يۆتكەلمەكتە.ئىچكى موڭغۇلىيە يايلاقسىز بىر چارۋىچىلىق رايونىدۇر

ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى خادا 1995. يىلى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، خادا مۇددىتى توشۇپ چىققان كۈنى ئايالى ۋە ئوغلىنى تۇتۇپ كەتتى. موڭغۇللارمۇ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قاتتىق بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا. ئىچكى موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇللار، تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ كۆز ئالدىدا ئېرىپ تۈگەپ كەتمەكتە. تاشقى موڭغۇلىيە خىتاي بىلەن دوستتەك كۆرۈنسىمۇ، خەلق ئىچىدە خىتايغا بولغان نەپرەت ئىنتايىن كۇچلۇق

ئۇلانباتۇردا ”خىتاي تارىخىدىكى ئادەم قىيناش ئۇسۇللىرى“ ئىسمىدا بىر مۇزى بار بولۇپ، خىتاي تارىخىدا تۇرمىلاردا ئىنسانلارنىڭ قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن ئېغىر جىسمانى قېيىن – قىستاق بىلەن قىينالغانلىقىغا ئائىت ئەشيا ۋە ماتىرياللار قويۇلغان. خىتاي دۆلىتىنىڭ يۈزىنى قىزارتىدىغان بۇ مۇزىنى، خىتاي دۆلىتى موڭغۇللارغا پارا بېرىپمۇ، قورقۇتىپمۇ تاقاتتۇرىۋېتەلمىدى. موڭغۇل ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ مۇزىنى زىيارەت قىلىشى داۋاملىق ئۇيۇشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. خىتاينىڭ قىيناش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلغۇچى تارىخشۇناسلار ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ مۇزىنى زىيارەت قىلىپ مەلۇماتقا ئېرىشەلەيدۇ

خىتاينى 200-300 يىل ئەتىراپىدا مۇستەملىكە قىلغان، خىتاي ئۈچۈن تىبەت، ۋېتنام، كورىيە زېمىنلىرىنى ئېلىپ بەرگەن موڭغۇللار بۈگۈن خىتاي مىللىتى تەرىپىدىن يوق قىلىنىۋاتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر موڭغۇل قالغىچە خىتايلار ”مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغى“ مىلودىيەسىنى يەنە ياڭرىتىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ موڭغۇللارنىڭ ئەھۋالىدىن ئالىدىغان كۆپ تەرجىربە- ساۋاقلىرى بار دەپ قارىغانلىغىم ئۈچۈن بۇ ماقالىنى يازدىم

مەنبەلەر

内蒙古自治区

获奖作家吁国际社会关注内蒙人权

中国政府庆祝内蒙古自治区成立七十周年

内蒙古自治70年:民族团结 恩威并重

日本在内蒙古殖民统治政策研究

透视中国:凝聚共识与没有墓碑的大草原

JPearl Harbor Baskını

APONYA NASIL TESLİM OLDU?

 

Share
2752 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.